جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

    يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كلىنىكىلىق ئالامىتىگە ئاساسەن ئېنىق دىئاگنوز قويۇش تەس ئەمەس. دىئاگنوز قويۇشتا ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نۇقتا ئاساس قىلىنىدۇ.
1.كېسەللىك تارىخى
 زىيادە يەپ ئىچىش، مەينەت يېمەكلىكلەرنى يېيىش، ھاراقكەشلىك، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش تارىخى بولىدۇ. پاكىزلانمىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش تارىخى بارلار بىلەن بىرلىكتە تاماق يېگەنلەردە كېسەللىك يۈز بېرىدۇ.
2.كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى
كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشى جىددىي بولىدۇ. يۇقىرىقى قورساق قىسمى توساتتىنلا بىئارام بولۇش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورساق ئاغرىقى ياكى ئىچى سۈرۈش بىللە كېلىدۇ. ئىچى سېرىق سۇدەك كېلىدۇ. ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئۈچەي يولى كېسەللىك ئالامىتى بىللە كەلسە يەنە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان- ئۈچەي ياللۇغى دەپ قارىلىدۇ. دائىم قىزىش بىللە كېلىدۇ. قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش ئېغىر بولغانلار سۇسىزلىنىدۇ ۋە كىسلاتا- ئىشقارلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدۇ. ئاساسلىقى يۇقىرىقى ھەزىم قىلىش يولى قاناش ئالامىتى كۆرۈلسە يەنە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان شىللىق پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى دەپ قارىلىدۇ.
3. لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە باشقا تەكشۈرۈشلەر
كۆپ ساندىكى بىمارلارنىڭ ئاق قان ھۈجەيرىسى نورمال بولىدۇ ياكى سەل يۇقىرىلايدۇ. سالمونېللا باكتېرىيىسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سەل تۆۋەنلەيدۇ. قۇسۇق ياكى گۇمانلىق يېمەكلىكلەردىن باكتېرىيە يېتىلدۈرگەن كېسەل قوزغاتقۇچى باكتېرىيىلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ، قاندىن باكتېرىيە يېتىلدۈرگەندە مەنپىي خاراكتېرلىك بولىدۇ. ئەگەر كېسەللىك پەيدا قىلغان يېمەكلىكلەر ئېنىق بولسا ياكى يېگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى تەڭلا كېسەل بولسا يېمەكلىكتىن زەەرلىنىش دەپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ. ئاشقازان ئەينىكىدە تەكۋۈرگەندە جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ خاراكتېرىنى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىنى ئېنىقلىغىلى ھەمدە پاتولوگىك ھېستولوگىيە دىئاگنوزىنى قويغىلى بولىدۇ.
    ئاشقازان ئەينىكىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشى ۋە قوللىنىشىغا ئەگىشىپ، جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى كلىنىكىا كېسەللىك سەۋەبى ۋە پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يەنە جىددىي خاراكتېرلىك ئاددىي ئاشقازان ياللۇغى، جىددىي چىرىش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، جىددىي يىرىڭداش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە كلىنىكىدا جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئانتىبىئوتىكلار كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلگەچكە جىددىي يىرىڭداش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر