
سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى قوزغىلىش مەنبەسى يەنىلا سىنۇس دالانچە تۈگۈنىدە بولغان، ئەمما سۈرئىتى ۋە رىتىمىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغان يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ:
1) سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلەش: سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنىڭ رىتىمچانلىقى ئېشىپ، نورمال سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمىنىڭ يۇقىر چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، يەنى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ مىنۇتىغا 100 قېتىمدىن ئېشىپ كېتىشى، بالىلارنىڭ مۇناسىپ ياش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىشى سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلەش دېيىلىدۇ.
2) سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش: سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمى مىنۇتىغا 60 قېتىمدىن ئاز بولسا سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلاش دېيىلىدۇ. سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلىغاندا سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى تەڭ كۆرۈلىدۇ.
3) سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنىڭ ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشى: سىنۇس دالانچە تۈگۈنى بىر ياكى كۆپ قېتىملىق يۈرەك ھەرىكىتى تەكرارلانغاندا ئىمپۇلس ھاسىل بولمىسا ھەمدە يۈرەك دالانچىسى ياكى يۈرەك تولۇق قوزغالمىسا سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنىڭ ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشى دېيىلىدۇ.
4) سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى: سىنۇس دالانچە تۈگىنىنىڭ تەرتىپسىز قوزغىلىشىدىن پەيدا بولىدىغان يۈرەك دالانچىسى ۋە يۈرەك قېرىنچىسىدە كۆرۈلىدىغان رىتىمسىز ئۆزگىرىش سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.
5) سىنۇس دالانچە يەتكۈزۈلۈشى توسۇلۇش: سىنۇس دالانچە تۈگۈنى چىقارغان قوزغىلىش سىنۇس دالانچە تۈگۈنى ۋە يۈرەك دالانچىسىدىكى مۇسكۇل توقۇلمىسىنىڭ تۇتىشىش رايونى ئارقىلىق تۇتىشالماسلىقى سىنۇس دالانچە يەتكۈزۈلۈشى توسۇلۇش دېيىلىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ئاشقازان ياللۇغىغا قانداق دىياگنوز قويۇلىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇش ئەھۋالى ۋە كىلىنىكىلىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇش تەس ئەمەس. ئاستا خاراكتېرلىك
جىنسىي كېسەللىكنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرىنى ئاسان داۋالىغىلى بولىدۇ، بەزىلىرىنى ئاسانلىقچە داۋالىغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە با
جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى ئەلداۋادىىن تېببىي ساۋات : جىگەر بەدەندىكى ئەڭ چوڭ ھەزىم قىلىش ئورگىنى بولغاچقا، جىگەر زەخىملەنگەندىن كېيىن، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىدا ئاسانلا توسالغۇلۇق پەيدا بولى
تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تېببىي تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، سوزۇلما كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئىچىدە ئىرسىيەت ئامىلى %15 نى، ئىجتىمائىي ئامىل %10
بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكىنىڭ تۈزلىنىش سەۋەبى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسى ئالدىغا يايسىمان تومپىيىپ چىقىدۇ. ئەمما، بەزى ئەھۋاللاردا بويۇن ئومۇرتقىسى
