سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىش

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئالدىدا تونۇشتۇرۇپ ئۆتكىنىمىزدەك، جىگەر ياللۇغىنىڭ كېسەللىك جەريانى ئالتە ئايدىن ئېشىپ كېتىپ ساقايمىسا، جىگەر ئىقتىدارى قايتا- قايتا نورمالسىز بولىۋەرسە سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بولىدۇ. بىمارنىڭ كېسەللىك سەۋەبى يىلتىزىدىن ئېلىۋېتىلمىگەنلىكتىن، جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەخىملىنىشى توختىمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن بەلگىلىرى داۋاملىق مەۋجۇد بولۇپ تۇرسا، جىگەرنىڭ ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا، بىماردا داۋاملىق تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ:

① ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى: ئادەتتە ئىشتەي تۇتۇلۇش، تاماقتىن سەسكىنىش، قورساق كۆپۈش، قورساق ئاغرىش ۋە ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

② پۈتۈن بەدەندىكى ئالامەتلەر: تەرتىپسىز قىزىش ۋە ئوخشىمىغان دەرىجىدە چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە بەدەن ئېغىرلىقى يېىكلەپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر، ئېغىرلاردا جاۋىغاي ياللۇغى بولۇش، نامازشام قارىغۇسى، كۆز قۇرغانلىشىش كېسىلى بولۇش قاتارلىق ۋىتامىن يېتىشمەسلىك كېسەللىكلىرى كۆرۈلىدۇ.

③ قان كېلىش ۋە قان ئازلىق: چىش مېلىكى قاناش، بۇرنىدىن ئۈزۈلۈپ- ئۈزۈلۈپ قان ئېقىش، ھەيز زىيادە كېلىش قاتارلىقلار، يەنە تېرىنىڭ سۈرۈلگەن يېرىدىن قان چىقىش، ئوقۇل سېلىنغان يەرگە قان ئۇيۇپ قېلىش، تەرىتى قارا كېلىش قاتارلىقلار، ئېغىرلىدا تەرىتى قان كېسلىش ياكى قان قۇسۇشلار كۆرۈلىدۇ، بىمارلاردا ئادەتتە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى قان ئازلىق بولىدۇ.

④ ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىش ئالامەتلىرى: ئەر بىمارلارنىڭ جىنسىي تەلىپى تۆۋەنلەپ كېتىش، ئۇرۇقدان قورۇلۇپ، چاچ چۈشۈپ كېتىش، ئەمچىكى يوغىناپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئايال بىمارلارنىڭ ھەيز قالايمىقانلىشىش، ھەيز توختاپ قېلىش، ھامىلدار بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

⑤ تېرە شىلىمشىق پەردىسىنىڭ ئۆزگىرىشى: چىراي خۇنۇكلىشىش، ھەتتا قارىداپ « كونا مىس يارماق رەڭگىدە » بولۇپ قېلىش، مېدىتسىنالىق ئاتالغۇدا « جىگەر كېسىلى چىراي » دېيىلىدۇ. يەنە قولنىڭ ئالىقىنىدا چوڭ- كىچىك بىلىقسىمان داغلار ۋە بارماق ئۇچى ۋە بارماق تۈۋى توق قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىش، بۇ مېدىتسىنادا « جىگەر ئالىقان » دېيىلىدۇ. قىسمەن بىمارلارنىڭ يۈز، بويۇن، كۆكرەكلىرىدە « ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ » ۋە بەدەننىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلىرىدا ئۇششاق قان تومۇرلار كېڭىيىش ئالامەتلىرى بولىدۇ.
سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىن ئاخىرقى باسقۇچقىچە تالالىق توقۇلمىلار ئۆسۈپ « ساختا كىچىك ياپراقچىلار » ھاسىل بولىدۇ، يەنى جىگەر قېتىش باسقۇچىغا ئۆتىدۇ. بۇ باسقۇچتا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان جىگەر ئىقتىدارى تۆۋەنلەشتىن سىرت، يەنە بىر ئالاھىدىلىك قاپقا ۋېنانىڭ بېسىمى ئېشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.

① تال يوغىناش ۋە تالنىڭ ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش: تال يېنىك، ئوتتۇراھال يوغىنايدۇ، يوغىناش روشەنلەشكەنسېرى تالنىڭ ئىقتىدارى ئاسان ئېشىپ كېتىدۇ، تال ئىقتىدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئاق قان ھۈجەيرىلىرى، قان پىلاستىنكىلىرى، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كېمىيىپ كېتىش، يەنى بارلىق قان ھۈجەيرىلىرى كېمىيىپ كېتىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

② سۇ كۆتۈرۈپ قېلىش ۋە قورساققا سۇ يىغىلىپ قېلىش : دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئىپادىلىرى – پۇت ئىششىپ قالىدۇ، ئادەتتە ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئېغىرلىشىپ، دەم ئالغاندىن كېيىن يېنىكلەپ قالىدۇ. بىمارنىڭ قورسىقى كۆرۈنەرلىك كۆپىدۇ، قورساقنى قول بىلەن چەكسە يۆتكىلىشچان تۇتۇق ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، زور مىقداردا قورساق كۆپسە « پاقىسىمان قورساق » بولۇپ قالىدۇ.

③ يان شاخچىدا دەۋرىيلىك ھاسىل بولۇش ۋە يان شاخچە ئېچىلىپ كېتىش: قاپقا ۋېرنا يۇقىرى بېسىمىنىڭ ئالاھىدىلىك ئىپادىسى ئادەتتە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئورۇنلار قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان ئاستىدىكى ۋېنا ئەگرى- بۈگرى كېڭىيىش، قورساق تېمىدا كۆپۈپ چىققان قان تومۇرلار كۆرۈنۈپ تۇرۇش، بۇۋاسىر ۋېناسى ئەگرى- بۈگرى كېڭىيىش، يەنى توغرا ئۈچەي مەقئەتتە بوۋاسىر يادورسى پەيدا بولىدۇ.

④ قىسمەن بىمارلاردا ھەزىم قىلىش يولى يارىسى ۋە ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسى شەلۋەرەش، قاناش بىرلىشىپ كېلىدۇ، يەنى « شەلۋەرەش، قاناش خاراكتېرىدىكى ئاشقازان ياللۇغى » كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى بىلەن قاپقا ۋېنا يۇقىرى بېسىم بەدەن بەلگىلىرى ھازىرلانغان بىمارلار تىپىك جىگەر قېتىش بولغان بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر