بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنى ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئۇسۇلى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئۇسۇلى- بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنى داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. ئۇنىڭ بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنى داۋالاشتىكى رولى:
1) تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاغرىق ۋە ئۇيۇشۇشنى توختىتىدۇ.
2) نېرۋا بېسىلىشنى ۋاسىتىلىك تۈگىتىدۇ.
3) نېرۋا يىلتىزى ۋە يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ چاپلىشىپ تۇتىشىشىنى بوشىتىپ، كېسەللىك ئالامىتىنى يېنىكلىتىدۇ.
4) مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىشىنى يېنىكلىتىپ، بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
5) پالەچلەنگەن پۇت-قولنى ئۇۋۇلىغاندا، مۇسكۇللارنىڭ يىگلىشىنى يېنىكلەتكىلى، بوغۇملارنىڭ قېتىۋېلىشى ۋە بوغۇملارنىڭ غەيرىي ھالەتكە ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئۇسۇلى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
1) ئەنئەنىۋى ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى:
2) قول بىلەن ئايلاندۇرۇپ ئەسلىي ئورنىغا كەلتۈرۈش ئۇسۇلى: بۇ ئۇسۇل بويۇن ئومۇرتقا ئۇششاق بوغۇملىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، بويۇن ئومۇرتقا يېرىم ئاجراش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قوللىنىلىدۇ. كىلىنىكىدا بىسلىق تۆشۈك يانغا قىڭغايغان بولىدۇ. رېنتىگېنلىق ئاپپاراتتا قوش ئۆسۈك قوش ئويمان، قوش قىرغاق قاتارلىق ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ ئايلانمىسىدىكى ئالامەتلىرى كۆرۈنىدۇ.
 

دوختۇرلار بىمارلارنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ سول قولى بىلەن مۇستەھكەم ئورنىتىلغان رېزىنكە باشلىق « T » شەكىللىك ئۇرۇپ تەكشۈرىدىغان بولقىنى سېپىدىن چىڭ تۇرۇپ، بولقا سېپىنى سول ئارقا تەرەپكە قىلىپ، بولىنىڭ بىر ئۇچىنى قىيپاش قىلىپ كېسەلنىڭ بويۇن بىسىلىق ئۆسۈكچىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۇرۇپ، ئۇچى ئوڭ ئالدى تەرەپكە قارىتىلىدۇ. بىمارنىڭ ئېگىلگەن بوينى ئارقىسىدىكى دوختۇرلارنىڭ كۆكرەك-قورساق قىسمى تەرەپكە تىرىلىپ تەگكۈزۈلىدۇ. بويۇن قىسمىدىكى مۇسكۇللار بوشايدۇ. دوختۇر ئوڭ قولى بىلەن بىمارنىڭ سول تەرىپىدىكى تۆۋەنكى ئېڭەك بۇلۇڭ قىسمىنى تۇتۇپ كۈچەپ باشنى سول تەرەپكە ئايلاندۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سول قولنىڭ باش بارمىقى ۋە بەدەننىڭ كۈچى بىلەن بولقىنى ئىتتىرىپ بىمارنىڭ بويۇن بىسلىق ئۆسۈكچىسى سول تەرەپكە ئىتتىرىلىدۇ. ئايلاندۇرۇش جەريانىدا، ئادەتتە غىرىسلىغان ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بىسلىق ئۆسۈكچىنىڭ قىڭغىيىش ئەھۋالى يوقايدۇ. بۇ بىسلىق ئۆسۈكچىنىڭ تۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىمارنىڭ كېسەللىك ھالىتى ياخشىلىنىدۇ.

ئايلاندۇرۇش تۈگىگەندىن كېيىن، ئىككى تەرەپتىك بويۇن-پاتاڭ مۇسكۇلىنى ئۇۋۇلاش ھەمدە ئىككى تەرەپتىكى فېڭچى پەللىسىنى يۇمشىتىش لازىم. قىڭغايغان بىسلىق ئۆسۈكچە تۈزلەنگەندىن كېيىن، بىمارلاردا يەنە بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى ساقلىنىپ قالسا باشنى ئوڭ-سول تەرەپكە ئايلاندۇرۇش ۋە ئوڭ-سول ئىككى تەرەپكە بويۇننى ئېگىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، كېسەللىك كۆپىنچە ھاللاردا يەنىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر