ئائىلىدە قانداق قىلغاندا دېۋەڭلىكنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىكنىڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرى، ئاساسلىقى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدۇر. بۇ ئۆزگىرىشلەر تەپسىلاتىنى سۆزلەشتىن ئاۋۋال، ياشانغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن تۇتۇشۇپ ئۆتەيلى.
1.دەسلەپكى ئەستە تۇتۇش ھەم كېيىنكى ئەستە تۇتۇش: ياشانغانلاردا دەسلەپكى ئەستە تۇتۇش كېيىنكى ئەستە تۇتۇشقا قارىغاندا ياخشىراق بولىدۇ. دەسلەپكى ئەستە تۇتۇش كېيىنكى ئەستە تۇتۇشقا قارىغاندا ياخشىراق بولىدۇ. دەسلەپكى ئەستە تۇتۇش كىشىلەرنىڭ بايىلا كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان، شۇ چاغدا كاللىسىغا تەسىر قىلغان شەيئىلەرنى ئەستە ساقلىشىدۇر.

دەسلەپكى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى ياش قۇرامىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاستىراق بولىدۇ، ياشانغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇشى ياخشىراق بولۇپ، ياشلارنىڭكىدىن ئانچە روشەن پەرقلەنمەيدۇ. كېيىنكى ئەستە تۇتۇش بۇرۇن كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان نەرسە ۋە ئىشلارنى بىر مەزگىلدىن كېيىن قايتا بايان قىلىش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق پىششىقلاپ، رەتكە تۇرغۇزغان، ۋاقىتلىق ساقلاشنى ئۇزاق ۋاقىتلىق ساقلاشقا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى ئەسلەش ئامبىرىغا كىرگۈزۈپ، لازىم بولغاندا ئېلىپ چىقىدىغان ئەسلەش ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى ئەسلەشنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى ئۇزاق بولىدۇ.

كېيىنكى ئەستە تۇتۇشنىڭ ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چېكىنىشى روشەن بولۇپ، دەسلەپكى ئەستە ساقلاشقا قارىغاندا چېكىنىشى ئېغىر، ياش پەرقىمۇ بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ.
2. قايتا تونۇش ۋە ئەسلەش: ياشانغانلارنىڭ قايتا تونۇش ئىقتىدارى، ئەسلەش ئىقتىدارىغا قارىغاندا روشەن ياخشى بولىدۇ. قايتا تونۇش كىشىلەرنىڭ كۆرگەن، ئاڭلىغان ياكى ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى قايتا كۆز ئالدىغا كەلگەن ھامان ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى دەمالىققا پەرق ئېتەلىشىدۇر؛

ئەسلەش بولسا غىدىقلىغۇچى شەيئىلەر كۆز ئالدىدا بولماستىن، بەلكى مېڭىسىدە قايتا نامايان بولۇشى بولۇپ، ئۇ قايتا تونۇشقا قارىغاندا تەسرەك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەسلەشتىكى ياش پەرقى قايتا تونۇشقا قارىغاندا چوڭ بولىدۇ.
3. مەنلىك ( ئەھمىيەتلىك ) ئەستە ساقلاش ۋە مېخانىكىلىق ئەستە ساقلاش: ياشانغانلارنىڭ مەنىلىك ئەستە ساقلىشىنىڭ چېكىنىشى مېخانىكىلىق ئەستە ساقلىشىغا قارىغاندا ئاستا بولىدۇ، ئۇلار لوگىكىلىق باغلىنىش ۋە مەنىلىك مەزمۇنلارغا بولۇپمۇ بەزىبىر مۇھىم ئىشلار ياكى ئۆزىنىڭ كەسپى، بۇرۇنقى تەجرىبىسى ۋە بىلىملىرىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئەستە ساقلىشى بىرقەدەر ياخشى بولىدۇ.

بۇ ھال ئۇچۇر ساقلاش ئۈنۈمىنىڭ ھازىرقى ئوچۇر بىلەن بۇرۇن ئۆگەنگىنىنى ياخشى باغلاش-باغلىيالماسلىقتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. مەنىلىك ئەستە ساقلاشنىڭ چېكىنىشى بىرقەدەر كېيىن بولۇپ، ئادەتتە 70-60 ياشلارغا بارغاندىلا ئاندىن كۆرۈلىدۇ؛ ئەكسىچە، ياشانغانلارنىڭ ئۆلۈك يادلىۋالغان، باغلىنىشى يوق مەزمۇنلارنى ئەستە تۇتۇۋېلىشى بەك قىيىن، مېخانىكىلىق ئەستە ساقلاشنىڭ چېكىنىشى كۆپرەك ۋە بالدۇر كۆرۈلۈپ، 40 نەچچە ياشتىلا چېكىنىشكە باشلاپ، 70-60 ياشقا بارغاندا چېكىنىشى ناھايىتى روشەن بولىدۇ. مانا بۇ نەتىجە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئوخشاش بولمىغان خاراكتېردىكى ئەستە ساقلاشنىڭ قېرىش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، ئەستە ساقلاشنىڭ چېكىنىشىمۇ باسقۇچلۇق بولىدۇ.
4. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەسلەش بىلەن تەجرىبە قىلىپ تەكشۈرگەندىكى ئەسلەش: ياشانغانلار كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى ئەستە تتۇش تەجرىبە قىلىپ ئۆلچەنگەن ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىدىن ياخشىراق، ئەستە ساقلاش ھەرقاچان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش ئىقتىدارى ( تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىش ۋە قويۇش ياكى بازارغا بېرىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بەكمۇ مۇھىم.

شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەستە ساقلىشى يەنىلا ياخشى بولىدۇ. گەرچە ياشانغانلارنىڭ ئەستە ساقلىشى چېكىنىش ۋەزىيىتىدە بولسىمۇ، ئەمما چېكىنىش بارلىققا كېلىشنىڭ ۋاقتى، سۈرئىتى، دەرىجىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى زور پەرقلەر بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئىچىدە بەك چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، بەزى ياشانغانلار يەنىلا ئەستە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىنى ناھايىتى ياخشى ساقلاپ قالالايدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەستە ساقلاشتىكى ئۆزگىرىشلەر نورمال قېرىش بولۇپ، فىزىيولوگىيەلىك قېرىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كېيىنكى ئەستە ساقلىشى زەخىملىنىپلا قالماي، بەلكى دەسلەپكى ئەستە ساقلىشىمۇ روشەن ھالدا زەخىملىنىدۇ. لېكىن، ئەستە ساقلاشنىڭ نورمال قېرىشى بىلەن پاتولوگىيەلىك قېرىشنىڭ خاراكتېرىنى بەزىدە پەرقلەندۈرۈش تەس، بولۇپمۇ كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە پەرقلەندۈرۈش تېخىمۇ قېيىن بولىدۇ، چۈنكى ئەستە ساقلاشنىڭ قېرىش جەريانىدىكى پەرق ھەربىر كىشىدە ئوخشاش بولمىغاچقا، قېرىشنىڭ خاراكتېرىنى ئايرىشنى قىينلاشتۇرۇۋېتىدۇ. پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا تۈجۈپىلەپ كۆزىتىش ۋە كىلىنىكىدا قەرەللىك تەكشۈرۈش ئارقىلىقلا بارغانچە ئېنىق دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ.

ئەگەر بىمارلارنىڭ يېقىنقى ئىشلارنى ئەسلىشى چېكىنىپلا قالماستىن، بەلكى بۇرۇنقى ئىشلارنىمۇ ئەسلىشىدىمۇ توسالغۇ بايقالسا ھەمدە ئەسكەرتىش بەرسىمۇ قارشى تەرەپ يەنىلا ئەسكە ئالالمىسا، بۇ بىمارنىڭ ئەستە ساقلىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك چېكىنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، توسۇلۇش ئىپادىلىرىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى بايقىلىدۇ. مەسىلەن: تاماق ئەتكەندىن كېيىن ئاخىرىدا ئوچاقتىكى ئوتنى ئۆچۈرۈشنى ئۇنتۇپ قېلىش، بىرەر يەردىن ئۆيىگە قايتىشتا يولنى بىلمەسلىك ياكى تونۇش-بىلىشلىرىنى تونۇيالماسلىق قاتارلىقلار. مۇنداق ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كاشىلا قىلىپ، تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالماسلىققا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ چاغدا دەرھال دوختۇرغا ئاپىرىپ داۋالىنىش لازىم.
توكيو مەركىزىي پاراۋانلىق ئىدارىسى دېۋەڭلىكنىڭ ئەڭ دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان 107 نەپەر ئادەمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئىگىلەش ئارقىلىق، كېسەللىكنىڭ باشلىنىش ئالامەتلىرىدە كۆرۈلىدىغان ھەرىكەت ئۆزگىرىشلىرىگە جاۋاب تاپقان. نەتىجىدە، تەكرار سوراش، بىر ئىشنى تەكرار قايتىلاش، نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قېلىش، نەرسىلىرىنى نەگە قويغانلىقىنى ئۇنتۇش ئەھۋاللىرى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، جىسىملارنىڭ ئىسمىنى دېيەلمەسلىك قاتارلىق ئەستە ساقلاش توسالغۇلۇقىدىن كېلىپ چىققان ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرىراق بولغان.

بۇرۇن كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە قىزىقىدىغان ئىشلارغا ھەۋەس قىلماسلىق، ھەر كۈنلۈك قىلىدىغان ئىشلىرىنى قىلماسلىق، تۇرمۇشتا چېچىلاڭغۇ بولۇش قاتارلىق ھەرىكەت ئۆزگىرىشلىرى ھەمىشە دىققەتنى قوزغايدىغان ئالامەتلەردۇر. گۇمانخورلۇق ياكى ئوڭاي ئاچچىقلىنىش قاتارلىق خاراكتېر-مىجەز ئۆزگىرىشلىرى، پورتمالىنى ئوغرىلىتىپ قويۇشقا ئوخشاش ئوغرىلانغانلىق  خىياللىرى، يېرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇۋېلىپ، باشقىلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنىمۇ دائىم سەزگىلى بولىدۇ. شۇڭا، دېۋەڭلىكنى بالدۇر بايقاش، ئۇنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان سۆز-ھەرىكەتلىرىنى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى بايقاش ناھايىتى مۇھىم يىپ ئۇچى ھېسابلىنىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر