ئۆزىڭىزنىڭ قاچان كېسەل بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگول كىشىلەرنىڭ قاچان كېسەل بولۇپ قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايدىغان بىر خىل ئەسۋاب تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ. مەزكۇر شىركەت ماشىنا ئۆگىنىشىنى داۋالاش ساھەسىگە ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، ئەمما ئەڭ دەسلەپتە بۇ تېخنىكا تەرجىمە قىلىش ۋە رەسىم ئىزدەش قاتارلىق ئىستىمال مەھسۇلاتلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن.

يۇقىرىدا دېيىلگەن نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، گۇگول سىتانفورد ئۇنىۋېرىستېتى تېببىي ئىنىستىتۇتى، كالفورنىيە ئۇنىۋېرىستېتى سان فىرانسىسكو تارماق تېببىي ئىنىستىتۇتى ۋە چىكاگو ئۇنىۋېرىستېتى تېببىي ئىنىستىتۇتى قاتارلىق ئورگانلار بىلەن ھەمكارلاشقان. بۇ ئورگانلار گۇگول تەتقىقات گۇرۇپپىسىنى نەچچە مىليون پارچە شەخسىي كىملىك ئۇچۇرى سانلىق مەلۇماتى ئايرىۋېتىلگەن كېسەل داۋالاش خاتىرىسى بىلەن تەمىنلىگەن. گۇگول تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلات باشقۇرغۇچىسى بىلدۈرۈپ: بىز ئادەم بەدىنىدە يۈز بەرگەن داۋالاش ۋەقەسىنى ئالدىن پەرەز قىلىشنى ياخشىلىيالايمىز، بىز سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىدۇق ھەمدە كىشىنى رازى قىلغۇدەك نەتىجىگە ئېرىشتۇق، دېدى. رەسمىي تەكشۈرۈپ ئىسپاتلاش جەريانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ نەتىجە ئاندىن جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدىكەن.

ھازىر دوختۇرخانىلار بىمارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە  كۈنسايىن زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ. داۋالاش ئاپپاراتلىرى «ھەق تاپشۇرۇش» مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، بۇ خىل ئەندىزىدە ئۇلار ھەقلىق قىممەت باھالىق تەكشۈرۈشى ۋە تەرتىپىگە ئېھتىياجلىق. «قىممەتنى ئاساس قىلغان پەرۋىش»كە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، سالامەتلىكىنى ياخشىلىيالىسا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. گۇگول شىركىتىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ خىل ئۆزگىرىش بىر چوڭ پۇرسەتتىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ شىركەت ھازىرقى سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ پائال تەدبىر قوللىنىپ، بىمارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

مىسالغا ئالساق، كومپيۇتېر ناھايىتى تېزلا مۇنداق ئىقتىدارغا ئېرىشىشى مۇمكىن، بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ يەتكۈزىدىغان يوشۇرۇن كېسەلگە گىرىپتار بولغان ياكى بولمىغانلىقى، مەسىلەن قويۇق زەھەرلىنىش كېسىلى ياكى دوختۇرخانىدىن چىقىشقا رۇخسەت قىلىنغان كېسەلنى قايتىدىن قوبۇل قىلىش. بۇ خىل ئىلگىرىلەش رادىئولوگىيە ۋە پاتولوگىيە قاتارلىق تېببىي كەسپ ساھەلىرىدە دۇچ كەلگەن چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. مۇشۇ ساھەدىكى تېببىي خادىملار غايەت زور ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك، لېكىن ۋاقىت ئىنتايىن چەكلىك، ئەڭ كۆپ تەربىيە كۆرگەن ئادەمنىڭ كۆزىمۇ بەزىدە خاتالىق سادىر قىلىشى مۇمكىن .

كۆپلىگەن داڭلىق دوختۇرخانىلارمۇ ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ تېخنىكا گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقتى، لېكىن ناھايىتى ئېنىقكى، گۇگولنىڭ كومپيۇتېر ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سان فرانسىسكو تارماق تېببىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى بىلدۈرۈپ: گۇگولنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ماشىنىلىق ئۆگىنىش كەسپى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ، بىزدە مول داۋالاش سانلىق مەلۇماتى، ئامبۇلاتورىيە دوكلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان داۋالاش خاتىرىسى، دىياگنوز قويۇش، تەجرىبە نەتىجىسى قاتارلىقلار بار. لېكىن بىز بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى مۆلچەرلىيەلىگىدەك دەرىجىدىكى يوشۇرۇن قىممىتىنى قېزىپ بولالمىدۇق. بۇ بىر تەتقىقات تۈرى بولۇپلا قالماستىن، بىمارنى پەرۋىش قىلىش سۈپىتىنى ئۆزگەرتىشنى چۆرىدىگەن ئىلمىي ھەمكارلىق، دېدى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر