ئۇيقۇسى ناچارلار ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئۇيقۇسىزلىق كۆپىنچە ھاللاردا تاشقى مۇھىت ۋە ئىچكى تەسىرنىڭ ئۇزۇن مۇددەت غىدىقلىشىدىن پەيدا بولىدۇ ھەم نېرۋا ئامىلىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرىدۇ.
چوڭ مېڭىنىڭ نېرۋىنى تەڭشەش ئىقتىدارى نورمالسىزلاشقاندىن كېيىن پوستلاق ئاستىدىكى مەركەزنى تىزگىنلەش ۋە تەڭشەش ۋەزىپىسىنى نورمال ئادا قىلالمايدۇ- دە، قان تومۇرنى يىغىدىغان نېرۋا ھاياجانلىنىشى ئۈستۈلۈكنى ئىگىلەپ، بۆرەك ئۈستى بېزى گورمونىنىڭ پائالىيتى كۆپىيىپ، پۈتۈن بەدەندىكى قىزىل قىل تومۇرلار تارتىشىدۇ، بۇ ئۆزگىرىشكە ماسلىشىش ئۈچۈن يۈرەك ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، تاسادىپىي ئۇيقۇسىزلىق ۋاقىتلىق يۇقىرى قان بېسىمى پەيدا قىلىدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ياخشىلانغاندىن كېيىن قان بېسىمىمۇ نورماللىشىدۇ. بىراق، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇيقۇسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقىرى قان بېسىمى ئوڭاي ئەسلىگە كەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇيقۇسىزلىققا گىرىپتار بولغانلار بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى كېرەك.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر