
ھازى مەملىكىتىمىزدىكى كۆپ ساندىكى شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلاردا ئېلېكترونلۇق ئاشقازان ئەينىكى ۋە تالالىق ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئاشقازان ئەينىكىدە قىزلئۆڭگەچ، ئاشقازان، ئون ئىككى بارماق ئۈچەينىڭ تۆۋەنلىگەن قىسمىدىكى شىللىق پەردىنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق، ئېنىق تەكشۈرگىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ئاشقازان ئەينىكىنىڭ ئەينەك تېنى يۇمشاق بولۇپ، ئىشلىتىشكە قولايلىق، ئاغرىتمايدۇ، ئىشەنچىلىك، ماسلىشىشچان بولۇپ، ئاشقازاننى تولۇق تەكشۈرەلەيدۇ ھەمدە ئېنىقلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى. يەنە چوڭايتىش ئارقىلىق كىچىككىنە كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىمۇ ئىكراندا ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. كېسەللىكلەرنىڭ ھەرقانداق ئالامىتى دوختۇرلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئېنىق نامايان بولىدۇ.
كۆز بىلەن ئېنىق دىئاگنوز قويغىلى بولمايدىغان كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى دوختۇرلار يەنە ئاشقازان ئەينىكى بىلەن توقۇلما ئالىدىغان ئامبۇرنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ تىرىك توقۇلمىسىدىن كۈنجۈتچىلىك ئېلىپ پاتولوگىيىلىك توقۇلمىشۇناسلىق بويىچە تەكشۈرىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا بىر تەرەپتىن ئاشقازاندا كېسەللىك ئۆگىرىشى بار- يوقلۇقىغا ئېنىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاشقازان كېسىلىنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ئاشقازان قىسمىدا ئىششىق كۆرۈلگەندە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
بارىي بوتقىسى كىرگۈزۈپ رەسىمگە ئالغاندا گەرچە قاتتىق ئاغرىمىسىمۇ، ئەمما بۇنداق تەكشۈرۈش كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ئورۇن بەلگىلەپ تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. خاراكتېرنى بېكىتىپ دىئاگنوز قويالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىككىنە كېسەللىك ئۆزگىرىشى ( ئاشقازان يۈزە قەۋەت ياللۇغى ۋە راكنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ) نى ئاسان بايقىيالمايدۇ.
ئېلېكتروگاستروگراف بىلەن ئاشقازان كېسىلىنى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى توغرىسىدا ھازىرمۇ تالاش- تارتىش بولۇپ، ئۇنىدا يەنە ھەر خىل ئاشقازان كېسەللىرىگە دىئاگنوز قويغىلى ۋە ئۇنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ئاشقازان كېسىلىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسىدۇر.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
نەپەسلىنىش دېگەن نېمە؟ ئىنسان تۇغۇلۇپ ئاخىرقى تىنىقىغىچە نەپەس ھەمراھ بولىدۇ. ئۆپكىدىكى كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىدىنى نەپەس يولى ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىش نەپەس چىقىرىش دېيىلىدۇ. تەركىبىدە ئوكسىگې
سىزدە قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىشگە نىسبەتەن چۈشەنچە بارمۇ؟ قاندىكى ماي ھەققىدە ئاساسىي چۈشەنچە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ يېڭىچە تۇرمۇش شەكىللىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. كىشىلەر نۇرغۇن كېس
سەكتىنىڭ قانداق كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ سەكتىنىڭ ئىلىمى نامى ۋە خەتىرى سەكتىنىڭ ئىلمىي نامى سەكتە تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇن كىشىلەر يارتا پالەچلىنىش، يېرىمبەدەننىڭ ھەرىكىتى قولاشماسلىقنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرى
« شېرىن قاتىل » نى چۈشىنەمسىز؟ كونا شېرىن قاتىل دىئابېت كېسەللىكى دىيابېت كېسەللىكى ( DM ) قان شېكىرى يۇقىرىلىشى ئاساسىي بەلگە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەندىكى شېكەر، ماي، ئاقسىل سۇ ۋە مىن
تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى بىلەن تونۇشۇش تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بىر خىل دائىم ئۇچرايدىغان، كۆپ پەيدا بولىدىغان كېسەللىك. تاجىسىمان ئارتېرى
