قېرىلىق دېۋەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ئىپادىلىرى قانداق بولىدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بۇ باسقۇچتا بىمارلاردا كۆرۈلىدىغان ئاساسلىق كېسەللىك ئىپادىلىرى مۇنداق:
1. ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، يېقىندىكى ئىشلارنى ئەسكە ئېلىشى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىدۇ، ئۆتكەن ئىشلارنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
2. تونۇش-بىلىش ئىقتىدارى روشەن توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.
3. ئالجىش، غەيرىي بىلىش خاراكتېرلىك روھىي ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. خام خىيال قىلىش ( بىمارلار نەرسە-كېرەكلەرنى قويغان جايىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن، نەرسەمنى ئوغرىلاپ كەتكەن ئوخشايدۇ ياكى تىقىپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ خام خىيال قىلىدۇ )، خىيالىي سېزىم ( ھەر خىل خىيالىي سېزىملەر، بولۇپمۇ كۆرۈش سېزىمىدە ئوغرىلارنى كۆرگەندەك ياكى ئۆلۈپ كەتكەن تۇغقانلىرىنى كۆرگەندەك ھېسسىياتتا بولۇش ) قاتارلىقلار پەيدا بولىدۇ.
4. كەيپىياتتىكى توسالغۇلار: ئالاھازەل %30 بىماردا خامۇشلۇق قوشۇلۇپ كېلىدۇ، تەشۋىشلىنىش، ئاسان غەزەپلىنىش، ئۆزىنى باسالماسلىق ۋە ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەر كۆرۈلىدۇ.
5. نىشان بەلگىلەشتىكى توسالغۇلار: ئورۇن، ۋاقىت ۋە ئادەملەرنى پەرقلەندۈرۈشى توسالغۇغا ئۇچراپ، يول ۋە نىشاندىن ئېزىپ قالىدۇ.
6. ھېسابلاش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى روشەن تۆۋەنلەيدۇ.
7. چۈشىنىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ.
8.تەپەككۈرى قالايمىقانلىشىپ، ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەيدۇ، تاۋۇشنى ئېنىق چىقىرالمايدۇ، چوڭ ئىشلارغا ئېتىبارسىز قاراپ، ئۇششاق ئىشلارغا ئېسىلىۋالىدۇ، دائىم ئەھمىيەتسىز پائالىيەتلەرنى تەكرارلايدۇ.
9. ھەرىكەت ئىقتىدارى تەڭپۇڭسىزلىشىپ، قەدىمى مۇقىم بولمايدۇ، مۇرەككەپ ھەرىكەتلەرنى قىلالمايدۇ، ھەتتا تۈز سىزىق بويىچە ماڭالمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، كۆرۈش ئىقتىدارى تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىيىم-كېچىكىنى كېيىشتە قىينىلىدۇ. مەسىلەن: كىيىم-كېچىكىنى تەتۈر كىيىۋالىدۇ، ھەتتا ئىشتاننى كۆڭلەك ئورنىدا كىيۋالىدۇ. دائىم دېگۈدەك مۇشۇ مەزگىلدە بىمارلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى بىمارلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىدۇ. بۇچاغدا CT ۋە MRI دا تەكشۈرگەندە مۇئەييەن دەرىجىدە مېڭە يىگلىگەنلىكى بايقىلىدۇ.

ئىساتىستىكىلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، مەملىكىتىمىزدە داۋالانغىلى كەلگەن بىمارلارنىڭ كۆپچىلىكى قېرىلىق دېۋەڭلىكىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدىكى بىمارلار ئىكەن. بۇ مەزگىلدە بىمارلار تۇرمۇشتا ئۆزىنىڭ قىسمەن ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولىدۇ، بۇ باسقۇچ بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە داۋام قىلىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر