ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش مەنئى قىلىنغان كېسەللىكلەر

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

1) ئېغىر يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، مەسىلەن، ئائورتا ئۆسمىسى، ئېغىر يۈرەك رىتىمسىزلىكى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە يۈرىكى ئېغىر زەئىپلەشكەنلەر؛ ئېغىر ئۆپكە كېسەللىكلىرى، مەسىلەن، دەم سىقىلىشنىڭ قوزغىلىش باسقۇچى، نەپەسلىنىش زەئىپلىشىپ ئوڭدىسىغا تۈز ياتالمايدىغانلار؛ مېڭىسىگە قان چۈشكەنلەر.
2) ئېغىز، يۇتقۇنچاق، قىزلئۆڭگەچ ۋە ئاشقازاندا جىددىي خاراكتېرلىك ياللۇغ بارلارنى، بولۇپمۇ يىرىڭلىق ياللۇغ ئۈستۈنكى ھەزىم قىلىش يولى تېشىلىشىنىڭ جىددىي باسقۇچى، چىرىش خاراكتېرلىك قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، چىرىش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق كېسىلى بارلارنى ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرگەندە كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇش، يۇقۇملىنىشنى كېڭەيتىۋېتىش، تېشىلىش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلغاچقا تەكشۈرۈشكە مۇتلەق ماس كەلمەيدۇ.
3) كۈچلۈك خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ھەمدە ئېغىز، يۇتقۇنچاق، قىزىلئۆڭگەچكە ئاشقازان ئەينىكىنى كىرگۈزۈش سەۋەبىدىن، توسۇلۇش، تارىيىش، ئومۇرتقىسى پۈتۈنلەي غەيرىي ئۆزگىرىپ كېتىدىغانلار.
4) شوك قاتارلىق جىددىي ھەم خەتەرلىك كېسەللىك بولغانلارنىمۇ ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرتۈش زىيانلىق. ئەمما شوڭ بولۇپ يۇقىرىقى ئاشقازان يولىدا چوڭ قاناش بولمىسا شوكقا قارشى تۇرۇپ، قاننىڭ سىغىمچانلىقىنى تولۇقلاش، مەسىلەن، شوك بىمارلىرىغا قان بېرىپ، سۇيۇقلۇق تولۇقلاپ تولۇق ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن مۇۋاپىق تەكشۈرسە بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلغاندا كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈپ داۋالىغىلى بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر