دالانچە-قېرىنچە يەتكۈزۈلۈش توسۇلۇشنىڭ قانداق كېسەللىك ئالامىتى بار؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بىرىنچى دەرىجىلىك دالانچە قېرىنچە يەتكۈزۈلۈش توسۇلغان بىمارلاردا كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ. ئاڭلاپ تەكشۈرگەندە يۈرەكنىڭ ئۈچ قىسمىدا بىرىنچى يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ. بۇ، P-R ئارىلىق دەۋرى ئۇزارغانلىقىدىن بولۇپ، يۈرەك قېرىنچىسى قىسقىراشقا باشلىغان ۋاقىتتا دالانچە-قېرىنچە كلاپان يېپىلىشقا يېقىنلىشىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
 

ئىككىنچى دەرىجە Ⅰ تىپلىق دالانچە-قېرىنچە يەتكۈزۈلۈشى توسالغان بىمارلار يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئىككىنچى Ⅱ تىپلىق دالانچە-قېرىنچە يەتكۈزۈلۈشى توسالغان بىمارلاردا دائىم ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، ئايلىنىپ قېلىش، تارتىشىپ قېلىش ۋە يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، كۆپىنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تولۇق مەنبەلىك دالانچە-قېرىنچە يەتكۈزۈشى توسۇلۇشقا تەرەققىي قىلىدۇ. ئاڭلاپ تەكشۈرگەندە يۈرەك رىتىمىنىڭرەتلىك بولۇش-بولماسلىقى دالانچە-قېرىنچە يەتكۈزۈلۈش نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.


ئۈچىنچى دەرىجىلىك دالانچە-قېرىنچە يەتكۈزۈلۈشى تولۇق توسۇلۇشنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ رىتىمىگە ئۆز ۋاقتىدا ئىگە بولۇش-بولماسلىقى بىلەن يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ سوقۇش قېتىمى ۋە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ. يۈرەك قېرىنچىسى رىتىمگە ئۆز ۋاقتىدا ئىگە بولالمىسا يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ سوقۇشى توختايدۇ. ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش رىتىم نۇقتىسى يۇقىرىراق بولىدۇ. مەسىلەن: His تۇتام ئاستىغا توغرا كەلگەندە يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ سوقۇشى تېز بولۇپ، مىنۇتىغا 60 ~ 40 قېتىمغا يېتىدۇ. بىمارلاردا كېسەلىك ئالامىتى بولمايدۇ.

قوش تۇتام تارمىقى كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلگەنلەردە يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ئۆزىگە خوجا بولۇش رىتىم نۇقتىسى تۆۋەنرەك بولىدۇ، يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ سوقۇشى ئاستىلاپ، مىنۇتىغا 40 قېتىمدىن تۆۋەنلەپ، يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق ۋە ئادامېس-سىتوكېس يىغىندى ئالامىتى ۋە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ سوقۇشى ئاستىلىسا دائىم قىسقىراش بېسىمى ۋە تومۇر بېسىمى ئاشىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر