سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئۇيقۇسىزلىق

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئۇيقۇسىزلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن 98-قېتىملىق ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى يىللىق يىغىنىدا ئۇيقۇسىزلىقنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ساغلام ئەرلەردە ئۇدا ئۈچ ھەپتە ئۇيقۇ يېتەرسىز بولسا ياكى كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالماشتۇرۇۋالسا، سۆڭەك ماددىسىنىڭ ھاسىل بولۇشى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ كېتىدىكەن. ھەر كۈنى ئالدىنقى كۈندىن تۆت سائەت كېچىكىپ ئۇخلىسا ياكى ھەر كۈنى ئوتتۇرىچە ئۇخلاش ۋاقتى بەش – ئالتە سائەتتىن ئاشمىسا، ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن سۆڭەك شالاڭلىشىش كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. ئوتتۇرا ياشلىقلاردا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن. ئۇيقۇنىڭ تەرتىپسىز بولۇشى ئۇستىخاندىكى ماددا ئالمىشىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، سۆڭەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
-شىنجاڭ گېزىتىدىن.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر