قېرىلىق دېۋەڭلىكىنىڭ توققۇز چوڭ كېسەللىك سىگنالى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

1. ئەستە ساقلاش توسقۇنلۇققا ئۇچراش: قېرىلىق دېۋەڭلىكىدىكى ئەستە ساقلاشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى يېڭى بىلىملەرنى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى زەخىملىنىش ۋە بۇرۇنقى بىلىملىرىنى ئەسلىيەلمەسلىكنى ئالاھىدىلىك قىلىدۇ. ئەستە ساقلاش توسالغۇلىرى بالدۇر پەيدا بولىدۇ ھەمدە بىمارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ياكى ئىشداشلىرى بايقىيالايدىغان تۇنجى ئەقلىي توسالغۇ، بولۇپمۇ يېقىنقى ئىشلارنى ئەستە ساقلاشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى-ئۇنتۇشتىن ئىبارەت. ھەتتا ناۋادا يېقىنقى ئىشلارنى ئەسلىيەلمەسلىك توسالغۇلۇقى ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغان ئالامەت ئەمەس دەپ قارالسا، قېرىلىق دېۋەڭلىكنى دەپ دىياگنوز قويۇش بەك ئىشەنچلىك بولمايدۇ. ئەستە ساقلاش كەمتۈكلۈكلۈكىگە ئائىت نېۋا پىسخولوگىيەسى تەتقىقاتى شۇنى كۆرسەتتىكى، ئاشۇنداق بىمارلار ئاۋاز ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىشتا قىينىلىپ، ئۇچۇرلار قىسقا مەزگىللىك خاتىرىدىن تېزلا يوقىلىدۇ، ئۇچۇرلارنى ساقلىشى ۋە بۇرۇنقى خاتىرىسىمۇ زەخىملىنىپ، بىمارلارغا ئەسكەرتىش بېرىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ياردىمى بولمايدۇ.
ئەستە ساقلاشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ياشانغانلار دېۋەڭلىكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولۇپ، بۇنىڭدا ھەم ئۇنتۇش- يېڭى بىلىم-ساۋاتلارنى تۇتۇۋېلىش كەمتۈكلۈكى چوڭ مېڭە پوستلاق ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ ھەم ئۇنتۇغاقلىق-يىراقنى ئەستە ساقلاش كەمتۈكلۈكى ( خاتىرىسىدىكى ئۆتمۈشتىكى ئۇچۇرلارنى ئەسلەش ئىقتىدارى ) پوستلاق ئاستى فۇنكسىيەسىنڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؛ يەنى ئاۋۋال يېقىنقى ئىشلارنى ئەستە ساقلاش كۈچى زەخىملىنىپ، ئاندىن بۇرۇنقىنى ئەستا ساقلاش ئىقتىدارىمۇ زەخىملىنىدۇ، ئاخىرىدا بۇرۇنقى ۋە يېقىنقى ئىشلارنى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇسى يۈز بېرىپ، كۈندىلىك تۇرمۇشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بىماردا يەنە ئىشلارنى ئويدۇرۇپ چىقىش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ توسۇلۇشى، شۇنداقلا بىمارلارنىڭ ئۆزىنىڭ جاۋابىنى نازارەت قىلالماسلىقى ياكى ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتەلمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
بىمارلاردا ھەمىشە:« قويغان-تۇتقىنىنى بىلمەسلىك »، « سۆزلەپ بولۇپلا ئۇنتۇپ قېلىش »، بىر مسلىنى تەكرار سوراش قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ، ئالايلۇق، كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈشتە، بىمارلار ھەمىشە دوختۇرلارنىڭ فامىلىسىنى ئېسىدە ساقلىيالمايدۇ، ھەتتا دوختۇرلار ئۆزىگە فامىلىسىنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. بىراق، بىمارلارنىڭ ېيقىنقى ئىشلارنى ئېسىدە ساقلىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىمۇ ساغلام ياشانغانلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئۇنتۇغاقلىق دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭغا سەل قارىلىدۇ، بولۇپمۇ ەسلەپكى دەۋرلىك ئۇنتۇغاقلىق گەۋدىلىك بولغاندا، بۇرۇنقى خاتىرىسى نىسپىي ساقلىنىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى: « بىمارنىڭ خاتىرىسى يامان ئەمەس، ھەتتا ناھايىتى ياخشى » دېگەن قاراشقا كېلىپ قالىدۇ. « گەرچە كۆز ئالدىدىكى ئىشلارنى بىردەمدىن كېيىنلا ئۇنتۇپ قالسىمۇ »، ئەمما ئون نەچچە يىل، ھەتتا نەچچە ئون يىل ئالدىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېسىدە ئېنىق ساقلىغان، دەپ قارايدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئەھۋاللار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ كۆڭۈك بۆلۈشىگە ئەرزىيدۇ.
ئوخشاشلا، ئېسىدە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىمۇ مېڭە قان تومۇر مەنبەلىك دېۋەڭلىكنىڭ دەسلەپكى يادرولۇق ئالامەتلىرى بولۇپ، بۇنىڭدا يېقىننى ئەسلەش كۈچىنىڭ كەمتۈكلۈكى ئاۋۋال كۆرۈلۈپ، بۇرۇننى ئەسلەشنىڭ توسقۇنلۇقى كۆپىنچە ئاخىرقى دەۋرىدە كۆرۈلىدۇ.
2. بوشلۇقنى كۆرۈش ماھارىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش: ياشانغانلار دېۋەڭلىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بوشلۇقنى كۆرۈش ماھارىتى بۇزۇلۇپ، جىسىملارنىڭ ئورنىنى توغرا ھۆكۈم قىلالمايدۇ، قول ئۇزىتىپ نەرسىلەرنى ئالغاندا ياكى قولى تېخى يەتمەيلا بوشلۇقنى تۇتۇپ قالىدۇ، ياكىقولىنى يىراققا ئۇزىتىۋېتىپ نەرسىلەرنى ئۆرۈۋېتىدۇ؛ نەرسىلەرنى قويغاندا ئورنىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدۇ، مەسىلەن: قازان ياكى چەينەكلەرنى ئوچاقنىڭ كۆزىگە سىڭاريان قويۇپ قويغانلىقتىن، قازان ياكى چەينەكلەر يەرگە چۈشۈپ كېتىدىغان ئىشلار دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئۆزىگە تونۇش مۇھىتتىمۇ يولدىن ئېزىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆرۈلىدۇ. ئوتتۇرا مەزگىلگە بارغاندا، ھەتتا ئۆز ئۆيىدىنمۇ نىشان توسالغۇسى يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن: ھاجەتخانىغا كىرىپ چىققاندىن كېيىن ئۆز ھۈجرىسىنى تاپالمايدۇ، قايسى كارىۋات ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئاددىي رەسىم سىزىش سىناقلىرىدا، بىمارلار ستېرېئولۇق رەسىمنى توغرا كۆچۈرەلمەيدۇ، ئوتتۇرا مەزگىلدىن كېيىن، ھەتتا ئادەتتىكى تەكشىلىكتىكى رەسىملەرنىمۇ سىزىپ بېرەلمەيدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىيىم كىيىشتە قىينىلىش، كىيىم-كېچىكىنى قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭ يۇقىرى-تۆۋىنىنى ۋە ئالدى-كەينىنى پەرقلەندۈرەلمەي، ئىشتاننى تەتۈر كىيىۋالىدۇ، ھەتتا ئىشتاننىڭ پۇچقىقىنى كۆڭلەكنىڭ يېڭى دەپ كىيىۋالىدۇ، ۋەھاكازا.
3. سۆزلەش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش: سۆزلەش توسقۇنلۇقى چوڭ مېڭە ئالىي فۇنكسىيەسىنىڭ توسۇلۇشىدىكى بىر سەزگۈر كۆرسەتكۈچ بولۇپ، سۆزلەش جەريانىدا سۆز تېپىشتا قىينىلىش، ئەڭ دەسلەپتە كۆرۈلىدىغان تىل توسالغۇسى ھېسابلىنىدۇ. نۇتۇقتا ماھىيەتلىك سۆزلەر كەمچىل بولغانلىقتىن، نۇتۇق ھېچقانداق مەنە ئۇقتۇرمايدىغان قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ ياكى سۆز تېپىشتا قىينالغانلىقتىن، تاپالمىغان سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرىمەن دەپ قۇرۇق گەپ قىلىپ قويىدۇ. دەسلەپكى مەزگىلدە گەرچە سۆز تېپىشتا قىينالسىمۇ، لېكىن بۇيۇملارنىڭ نامىنى ئاتىشى نورمال بولۇشى مۇمكىن، كېسەللىكنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، قۇرۇق گەپلىرى كۆپىيىپ، نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتىيالماسلىقمۇ روشەن بولىدۇ. ئاۋۋال ئاز قوللىنىدىغان سۆزلەرنى ئاتىيالمايدۇ، ئاندىن كېيىن كۆپ قوللىنىدىغان بۇيۇملار ۋە ئۇرۇق –تۇغقانلىرىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاتىيالماي، خاتا گەپ-سۆز قىلىپ قويىدۇ.
قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار سۆز قىلىشتا تاۋۇش چىقىرىش، ئىنتوناتسىيە ۋە تىلنىڭ گىرامماتىك قۇرۇلمىسىنى نىسپىي ھالدا، تا ئاخىرقى دەۋرىگىچە ساقلىيالايدۇ، لېكىن سۆز مەنىسى جەھەتتە تەرەققىي قىلىشچان  زەخىملىنىشكە ئۇچرايدۇ. دېۋەڭلىكنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، تىلنىڭ كارغا يارايدىغان مەزمۇنىمۇ پەيدىنپەي ئازىيىدۇ، نامۇۋاپىق ۋە مۇناسىۋەتسىز ئاتالغۇلار قوشۇلۇپ قېلىپ، ئاساسىي نېمىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى دائىم:« تاغدىن-باغدىن سۆزلەش » دەپ ئاتايدۇ. گەرچە ئۈزۈلدۈرمەي سۆزلىشىمۇ، ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن باغلانما تەپەككۈرنى بايقىيالمايدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ سۆزىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئىپادىلەنمەيدۇ، مانا بۇ قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئىستىخىيەلىك نۇتقىنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ، سورىمىغان سۇئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ، پاراڭلىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، ھەتتا پاراڭلىشالمايدۇ، نەتىجىدە سۆزلەرنى دورايدۇ ۋە تەكرارلايدۇ، بىمارلار چۈشىنىكسىز ئاۋاز چىقىرىپ، ئاخىرىدا جىمىپ قالىدۇ. كېسەل بولغاندىن كېيىنكى كۆپ قىسىم جەرياندا، سۆز ھاسىل قىلىدىغان مېخانىكىلىق قىسمى يەنىلا نورمال بولۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ۋە باشقا دەسلەپكى مەزگىلدىكى ھەرىكەتلەر زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى تەرەققىي قىلىپ ئاخىرقى مەزگىلگە بارغاندىلا ئاندىن كېكەچلەش ۋە ياكى مۇجمەل گۈدۈڭلاش پەيدا بولىدۇ.
4. يېزىشتا قىينىلىش: مۇنداق ئەھۋال دېۋەڭلىكنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆرۈلىدۇ. يېزىشتا قىينالغانلىقى ئۈچۈن يازغان خېتىنىڭ مەزمۇنى قاملاشمايدۇ، بۇ ئېھتىمال ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان دەسلەپكى ئالامەتلەر بولۇشى مۇمكىن. تەتقىقاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، خاتا يېزىش ياكى يازالماسلىق بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلەشنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كېسەللىكنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ يېزىش خاتالىقلىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ ( خەت يازغاندەك قىلسىمۇ، بىراق خاتا يازىدۇ، ھەتتا يوق خەتلەرنى يازىدۇ )، كېسەللىكنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلگە بارغاندا، بىمارلار ئۆزىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئوقۇيالمايدۇ ۋە يازالمايدۇ.
5. ئىشلىتەلمەسلىك ۋە تونۇيالماسلىق: قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئىشلىتەلمەسلىك بىلەن تونۇيالماسلىقىنى تەكشۈرۈش بەك تەس بولۇپ، ئۇنى سۆزلىيەلمەسلىك، بوشلۇقنى كۆرەلمەسلىك بىلەن ئۇنتۇپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئىقتىدارسىزلىقتىن پەرقلەندۈرۈش ناھايىتى قىيىن. تەخمىنەن 3/1 قىسىم بىمارلاردا تونۇيالماسلىق بولىدۇ. چىرايىنى تونۇيالمايدىغانلار يېقىن تۇغقانلىرى بىلەن دوستلىرىنى تونۇيالمايدۇ، ئۆزىنى تونۇشى بۇزۇلغانلاردا « ئەينەك ئالامىتى » پەيدا بولۇپ، بىمارلار ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئەينەكتىكى ئۆزىنىڭ ئەكسىگە قاراپ سۆزلەيدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەكسىدىن، « سەن كىم؟ » دەپ سورايدۇ.
قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئىشلىتەلمەسلىكىنىڭ ئالامەتلىرى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، ئۇقۇم خاراكتېرىدىكى ئىشلىتەلمەسلىك، بۇنىڭدا قول ئىشارىسى ئارقىلىق ئىزچىل مۇرەككەپ ھەرىكەتلەرنى توغرا قىلالمايدۇ، ئالايلۇق، مۇشتەككە تاماكا قاچىلالماسلىق، تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇرالماسلىق، سەرەڭگە ياقالماسلىق قاتارلىقلار. يەنە بىرى، مەقسەتلىك ھەرىكەت خاراكتېردىكى ئىشلىتەلمەسلىك، بۇنىڭدا بۇيرۇققا بىنائەن ئۆزلۈكىدىن ئىشلەيدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلالمايدۇ، مەسىلەن: گەرچە ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىمارلار چىشىنى چوتكىلاشنى بىلسىمۇ، لېكىن بۇيرۇلغان تەلەپكە بىنائەن ئەقلىدىي چىش چوتكىلاش ھەرىكىتىنى قىلالمايدۇ. بۇ خىل ئالامەتلەر دېۋەڭلىكنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ، يەنى ئەسكە ئېلىش ۋە تىل توسالغۇلىرى روشەن پەيدا بولغاندىن كېيىن يۈز بېرىدۇ، يەنى پىششىق بىلىدىغان ماھارەتلەرنى قىلالماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئالايلۇق، ئەسلىدە ۋېلىسىپىت مىنىشنى، سۇ ئۈزۈشنى بىلسىمۇ، كېسەل بولغاندىن كېيىن ئۇقمايدۇ، ئغىرلىرى ھېچقانداق سايماننى ئىشلىتەلمەيدۇ، ھەتتا چوكا ياكى قوشۇق بىلەن غىزالىنىشنىمۇ ئۇقمايدۇ.
6. ھېسابلاش توسقۇنلۇققا ئۇچراش: بۇ خىل توسۇلۇش دائىم دېۋەڭلىكنىڭ ئوتتۇرا دەۋرىدە كۆرۈلسىمۇ، ئەمما دەسلەپكى دەۋرىدىمۇ پەيدا بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن: سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى ھېسابلىيالمايدۇ ياكى سۆزلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ماتېماتىكىلىق مەشغۇلات تەلىپىنى چۈشەنمەسلىكى، بەلكى بىرلەمچى خاراكتېردە ھېسابلىيالماسلىقتىن كېلىپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. ئېغىرلاشقاندا ئاددىي قوشۇش-ئېلىشلارنىمۇ ھېسابلىيالمايدۇ، ھەتتا رەقەم بىلەن ماتېماتىكا بەلگىلىرىنى تونۇيالمايدۇ ياكى تەكشۈرگۈچى كۆرسەتكەن بارماقنىڭ سانىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.
7. ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش، دىققىتى چېچىلىش: قېرىلىق دېۋەڭلىكىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىلا ھۆكۈم قىلىشى ناچارلىشىش، ئومۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارى يوقىلىش، دىققىتى چېچىلىش ھەم تونۇيالماسلىققا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. دېۋەڭلىكنىڭ دەسلىپىدە، گەرچە ئەسلەش توسقۇنلۇققا ئۇچراش، گەپ-سۆزلىرى مەنىسىز بولۇش، ئۇمۇملاشتۇرۇش ۋە ھېسابلاش ئىقتىدارى زەخىملىنىش قاتارلىقلار كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، بىراق بۇنداق بىمارلاردىن داۋاملىق خىزمەت قىلىدىغانلىرى ئاز ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋاللار ئېھتىمال قىلىۋاتقان ئىشىغا بەك پىششىق بولغانلىقتىن، پەقەت كۈندىلىك ئىشىنى ئاددىي تەكرارلاشتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، مۇبادا يېڭى ئەھۋاللار يۈز بەرگەن ياكى ئۇنىڭغا يېڭى تەلەپلەر قويۇلغان چاغلاردىلا، ئۇنىڭ ئىقتىدارسىزلىقى بايقىلىپ قالىدۇ ياكى ئەستە ساقلىشى چېكىنگەن، خىزمىتىدە سەۋەنلىكلەر كۆرۈلسىمۇ، ئەتراپتىكى خىزمەتداشلىرى ئەپۇ قىلغانلىقى ئۈچۈن، داۋاملىق ئىشلەۋېرىشى مۇمكىن.
قان تومۇر مەنبەلىك دېۋەڭلىككە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئەسلەش ئىقتىدارى چېكىنىپ، تەدرىجىي ھالدا دىققىتىنى يىغالماسلىق، ھېسابلاش، نىشان بەلگىلەش، چۈشىنىش ئىقتىدارلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. ياشانغانلار دېۋەڭلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەيدۇ ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ، ۋاھالەنكى، قان تومۇر مەنبەلىك دېۋەڭلىككە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ ۋاقىت بەلگىلەش، ھېسابلاش، يېقىننى ئەسلەش، ئىستىخىيەلىك خەت يېزىش ۋە خەت كۆچۈرۈش ئىقتىدارلىرى تۆۋەنلەپ كەتسىمۇ، ئەقلىي قابىلىيىتى ئومۇميۈزلۈك زەئىپلەشمەيدۇ. لېكىن، قان تومۇر كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىدىن كېلىپ چىققان مېڭە زەخىملىنىشتە زەخىملەنگەن ئورۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ھەر خىل ئالاقىدار نېرۋا روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سول تەرەپ چوڭ مېڭە يېرىم شارچە پوستلىقىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىدە، سۆزلىيەلمەسلىك، نەرسىلەرنى ئىشلىتەلمەسلىك، خەت-چەك، كىتابلارنى ئوقۇيالماسلىق، يازالماسلىق، ھېسابلىيالماسلىققا ئوخشاش ئالامەتلەر يۈز بېرىدۇ؛ ئوڭ تەرەپ چوڭ مېڭە يېرىم شارچە پوستلىقىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىدە بوشلۇقنى كۆرۈش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچرىشى مۇمكىن؛ پوستلاق ئاستى نېرۋا يادروسى ۋە ئۇنىڭ يەتكۈزگۈچى تۇتاملىرىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىدە، مۇناسىپ ھەرىكەت، سەزگۈ ۋە كونۇس سىرتقى سىستېمىسىدىكى توسۇلۇشلار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ۋە ياكى تىزگىنلەپ بولمايدىغان، ئىختىيارسىز يىغلاش، كۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، گاھى چاغلاردا يەنە خىيالىي سېزىم، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەش، ياغاچتەك قېتىپ قېلىش، جىمغۇرلۇق، بوشاڭلىق قاتارلىق نېرۋا ئالامەتلىرىمۇ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
8. روھىي توسالغۇغا ئۇچراش: ياشانغانلار دېۋەڭلىكىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئەقلىي ئىقتىداردا يوشۇرۇن زەئىپلىك كۆرۈلسىمۇ، لېكىن مىجەز-خاراكتېرى ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتلىرى يەنىلا بىرقەدەر مۇكەممەل بولۇشى مۇمكىن. ئاشۇ ھەرىكەتلىرى ساقلىنىپ قالغانلىقتىن، بىمارلار يەنىلا ئۈنۈملۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارالايدۇ، شۇڭا كىشىلەر دائىم بىمارلارنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى تۆۋەن مۆلچەرلەيدۇ ياكى ئەپۇ قىلىدۇ. ھېسسىيات سۇسلۇقى ھەمىشە دەسلەپكى مەزگىلدىلا كۆرۈلۈپ، بىمارلاردا بىر خىل نادان، دۆتلۈك قىياپىتى شەكىللىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، فۇنكسىيەلىك روھىي ئالامەتلەرمۇ دەسلەپكى مەزگىلدىلا كۆرۈلۈپ، بىمارلاردا قۇتىراش، خىيالىي سېزىم ۋە خام خىيال قىلىش قاتارلىقلار بولىدۇ. خامۇشلۇق، مىجەزى ئۆزگىرىش ۋە خۇدىنى بىلمەسلىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇرۇن ياشانغانلار دېۋەڭلىكىدە تونۇش-بىلىش توسالغۇلىرىغىلا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرىگە سەل قارالغانىدى، ئەمەلىيەتتە، روھىي توسالغۇلار تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇشى مۇمكىن. روھىي كېسەللىك خاراكتېرىدىكى ئالامەتلەرنىڭ بار-يوقلۇقى دېۋەڭلىكنىڭ ئوخشاشمىغان ئىككىنچى تۈرىنى ئىنكاس قىلىشى، شۇنداقلا ئىرسىيەت جەھەتتىكى پەرقلىرىنى ۋاسىتىلىك ئىنكاس قىلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئەھۋاللاردا روھىي توسالغۇلارنى ئاساس قىلىپ، كېسەللىك جەريانى قىسقا بولغانلارنىڭ ياشانغانلار دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىش، خامۇشلۇق، خۇدىنى بىلمەسلىك، ھەرىكەت توسالغۇسى ( ھوجۇم قىلىش، كەلسە-كەلمەس قېچىش ) قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلەرنى قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان دەپ قاراپ، خاتا ھالدا روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالاشتىن ساقلىنىش لازىم.
9. ھەرىكەت توسالغۇلۇقى: قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھەرىكىتى دەسلەپكى مەزگىلدە نورمال بولىدۇ، ئوتتۇرا مەزگىلگە بارغاندا تىنىمسىز زىيادە ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئالايلۇق، ئۆي ئىچىدە مەقسەتسىز ئۇياق-بۇياققا ماڭىدۇ ياكى يېرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇۋېلىپ، ھەممە يەرنى تۇتۇپ باقىدۇ، ئىشىكنى ئېچىپ-ياپىدۇ، نەرسلەرنى يۆتكەيدۇ ۋەھاكازالار. تۇغما پائالىيىتىنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدۇ ( كىچىك تەرىتىنى ئاسانلىقچە كونترول قىلالماسلىق بۇرۇنراق پەيدا بولۇشى مۇمكىن )، تۇرمۇشىنى ئۆزى بىر ياقلىق قىلالمايدۇ. قېرىلىق دېۋەڭلىكىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە بارغاندا، ئاندىن ھەرىكەت توسالغۇلىرى پەيدا بولسىمۇ، ئەمما يېنىك ۋە ئوتتۇرا دەرىجىدىكى دېۋەڭلىككە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا، كۆپىنچە كونۇس سىرتقى سىستېما فۇنكسىيەلىرى توسۇلۇش بەدەن بەلگىلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: يۇقىرى ۋە تۆۋەنكى مۈچىلەر ھەم بويۇن مۇسكۇللىرى قېىپ قېلىش، ھەرىكەت ئازىيىش، تىترەش، بىنورمال پۈكۈلۈش قاتارلىقلار. بىمارلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەش گەۋدىلىك بولمىغان ياكى كونۇس سىرتقى سىستېمىسىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بەدەن بەلگىلىرى كۆرۈلگەندە بىپەرۋالىق قىلىش نەتىجىسىدە دىياگنوز قويۇشتا پاركىنسون كېسەللىكى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ. كېسەللىكنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە بارغاندا، پۇت-قوللارنىڭ كۈچى تەدرىجىي ئاجىزلاش، ھەرىكەتلىرى قىينىلىشىش قاتارلىق كونۇس سىستېمىسىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بەدەن بەلگىلىرى ۋە مۇسكۇل قېتىش، ھەرىكەت ئازىيىش، تىترەش قاتارلىق كونۇس سىرتقى سىستېمىسىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بەدەن بەلگىلىرى كۆرۈلىدۇ ياكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پىرامىدا سىرتقى سىستېما بەدەن بەلگىلىرى ئېغىرلىشىپ، ئاخىرىدا قېتىپ قېلىش ياكى پۈكۈلۈپ قېلىش خاراكتېرىدىكى قول-پۇتلار پالەچلىكى كېلىپ چىقىدۇ. ئەقلىي ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك زەئىپلىشىدۇ، تاشقى غىدىقلىنىشلارغا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس بولماستىن، ھەرىكەتسىز سۈكۈت قىلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
يۇقىرىدا شەرھلەنگەن كېسەللىك سىگناللىرىغا ئاساسەن، كىلىنىكىدا دىياگنوز قويۇش ئۈچۈن يەنە بەدەن تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ ئالىي نېرۋا فۇنكسىيەسىنى تەكشۈرۈش، دېۋەڭلىكنى ئۆلچەش جەدۋىلىگە بىرلەشتۈرۈپ دائىم تەكشۈرۈش لازىم. كۆپ قوللىنىدىغان مىقدار جەدۋەللىرىدىن روھىي ھالىتىنى ئاددىي ئۇسۇلدا تېز تەكشۈرۈش جەدۋىلى ( MMSE )، چاڭ گۇچۇەننىڭ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئەقلىي ئىقتىدار مىقدارىنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى ( HDS ) ئارقىلىق، بىمارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى توسۇلۇش دەرىجىسى ئۆلچىنىدۇ، يەنە Hachinski قان كەملىك مىقدار جەدۋىلى ئارقىلىق دېۋەڭلىكنىڭ تىپلىرى سېلىشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تەكشۈرۈشلەر قوشۇمچە قىلىنىدۇ، مەسىلەن: مېڭىنى ئېلېكتىروئېنسېفالوگراممىدا تەكشۈرۈش، باشنى CT ۋە MRI دا تەكشۈرۈش، مېڭە قان ئېقىمىنى ئۆلچەش ۋە قاننى بىيوخىمىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كىلىنىكىدا دىياگنوز قويۇش ۋە سېلىشتۇرما دىياگنوز قويۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، دېۋەڭلىكنى بالدۇر، توغرا، ئاكتىپ داۋالىغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ داۋالىغىلى بولىدىغان دېۋەڭلىكلەرگە بەكمۇ لايىق كېلىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر