ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ پاتولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئاشقازان يۈزە قەۋەت ياللۇغىنىڭ پاتولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى ياللۇغلىنىش ئاشقازاننىڭ ئويمان ياكى شىللىق پەردە خاس قەۋىتىنىڭ تاشقى قەۋىتى بىلەن چەكلىنىدۇ. كۆز بىلەن شىللىق پەردىگە قان تولغانلىقىنى، سۇلۇق ئىششىقنى ياكى سىرغىما ماددىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئاساسلىقى ئاشقازاننىڭ كاۋىكىدا بولىدۇ.ئاشقازان تېنىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. بەزىدە ئاز مىقداردا شىللىق پەردە شەلۋەرلەش ە قاناش كۆرۈلىدۇ.

مىكروسكوپتا شىللىق پەردىنىڭ يۈزە قەۋىتىدە نېيترال خاراكتېرلىك دانچە ھۈجەيرە، لىمفا ھۈجەيرىسى ۋە پلازما ھۈجەيرىسىنىڭ يامرىغانلىقىنى، چوڭقۇر قەۋىتىدىكى بەز تېنىنىڭ مۇكەممەل تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى بىمارلارنىڭ ئاشقازان كاۋىكىدا نۇرغۇن شەلۋەرەش ئوچىقى بار بولىدۇ ياكى كۆپرەك سۆگەلسىمان تومپىيىش بىللە كېلىدۇ، بۇ ئاستا خاراكتېرلىك شەلۋەرەش مەنبەلىك ئاشقازان ياللۇغى ياكى سۆگەلسىمان ئاشقازان ياللۇغى بولغان بولىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر