بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنى بويۇننى ئوراش ۋە بويۇنغا تىرەك قويۇپ داۋالاش

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بويۇننى ئوراش ۋە بويۇنغا تىرەك قويۇشلارنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىنى ئاسراش ۋە ھەرىكەتلىنىشتىن توختىتىش رولى بولۇپ، نېرۋا غىدىقلىنىشنى ئازايتىپ، ئومۇرتقا ئارىلىق بوغۇمىنىڭ زەخىملىنىش خاراكتېرلىك ئىنكاسىنى يېنىكلىتىدۇ ھەمدە توقۇلمىدىكى سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىش ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق، بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بويۇننى ئوراش ۋە بويۇنغا تىرەك قويۇش ئۇسۇلىنى ھەر خىل بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىگە قوللىنىشقا بولىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىق قوزغىلىش باسقۇچىدىكى بىمارلارغا قارىتا، بولۇپمۇ بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى بىمارلىرىغا تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. بويۇننى ئوراش ئۇسۇلى كەڭ قوللىنىلىدۇ، بۇ ئۇسۇل ئاددىي بولۇپ، ئادەتتە قەغەزنى بويۇن ئېگىزلىكىدە ۋە بويۇننى بىر ئورىغىلى بولغۇدەك ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ سىرتتىن ئورىسىلا بولىدۇ. ئۇنىڭ سىرتقى تەرىپىگە توقۇلما بۇيۇملار ئىشلىتىلىدۇ. ئىككى ئۇچىنى بوغۇشتا چىڭ چىگىپ قويسا بولىدۇ. كۈندۈزى تاقىۋېلىپ، ئارام ئالغان ۋاقىتتا ئېلىۋەتسە بولىدۇ. بويۇنغا تىرەك قويۇش مۇرەككەپ بولۇپ، بازارلاردا سېتىلىدۇ.
ئۇزاق ۋاقىت بويۇنغا تىرەك قويۇش ۋە بويۇننى ئوراشنى داۋاملاشتۇرغاندا، بويۇن دۈمبىسىدىكى مۇسكۇللار تىگلەيدۇ، قېتىۋالىدۇ، بۇنىڭ پايدىسى بولماستىن ئەكسىچە زىيىنىمۇ بار. شۇڭا، ئۇنى ئىشلەتكەن ۋاقىت بەك ئۇزاق بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى ئىشلەتكەن مەزگىلدە دائىم داۋالاش تەنتەربىيە گىمناستىكىسى ئويناش كېرەك. كېسەللىك ھالىتى تەدرىجىي يېنىكلىگەندىن كېيىن، ۋاقتىدا بويۇن ئورالمىسى ۋە بويۇن تىرىكىنى ئېلىۋېتىپ، مۇسكۇل چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر