قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئۇيقۇ جەھەتتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

قېرىلىق دېۋەڭلىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ھەمىشە كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئايرىۋالماي، كۈندۈزى ئۇخلاپ، كېىچىس ئۇخلىمايدۇ، سەۋدايى بولۇپ قالغانلار يەنە ئىشقا بارىمەن ياكى سودا-سېتىق قىلىمەن دەپ جېدەل قىلىدۇ. مۇنداق ئەھۋاللار كۆپىنچە چۈشتىن كېيىن ياكى ئاخشىمى باشلىنىپ، تاكى تۈن يېرىمىغىچە داۋام قىلىدۇ، بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى تېخى ئايدىڭلاشمىدى، ئېھتىمال مۇھىتتىكى يورۇقلۇقنىڭ سۇسلىشىشى ۋەجىدىن بىمارلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەھۋاللارنى پەرقلەندۈرەلمىگەنلىكى، يېرىم كېچىگە بارغاندا ئەتراپ قاپقاراڭغۇ ھەممە جىمجىت بولۇپ كەتكەنلىكىدىن، بىمارلارنىڭ ئۆزىنى بىئاراملىق ھېس قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئۇلارنى ئاشۇنداق يېرىم كېچىلىرى ئۇخلىماي ئۇرۇش-جىدەل قىلىشلىرى باشقىلارنى ئۇخلاتماي، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئۇيقۇسىغا ۋە ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. كۈتكۈچىلەرنىڭمۇ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى چارچىتىۋېتىدۇ، بىمارلارنىڭ ئۇيقۇسى بۇزۇلغان چاغلاردا، كۈتكۈچلەر ئالدى بىلەن ئۇنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىشى لازىم. مەسىلەن: بۇنداق ئەھۋاللار بىمارلارنىڭ ئۆيىگە قايتقۇسى كېلىشى، كوچا-كويلارغا چىققۇسى كېلىشى، ھاجەتخانىغا بارغۇسى كېلىشى ياكى بىئارام بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

بىمارلارنىڭ دىققىتىنى بۇراشنىڭمۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلاشقا ياردىمى بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى كۈندۈزى بىمارلارغا ئۇخلاش پۇرسىتى بەرمەي، ھەرخىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇلارنى قوزغاش، كۈندۈزلىرى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە روھىي ۋە بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق ھەرىكەتلەرگە، مەسىلەن: گۈل ئۆستۈرۈش، بېلىق بېقىش، رەسىم سىزىش، سەيلە قىلىش، توقۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە قىزىقتۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، گېزىت-ژورناللارنى ئوقۇش، رادىيو ئاڭلاشقا يېتەكلەش، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى تاللاپ كۆرسىتىش ( تېرورلۇق، تىراگېدىيەلىك ۋە كىشىنى ئازابلايدىغان قورقۇنچلۇق نۇمۇرلارنى كۆرسەتمەسلىك كېرەك ) ئارقىلىق، بىمارلارنى تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. ئاشۇنداق قىلغاندىلا، كۈندۈزى قىلىدىغان ئىشلار بولغانلىقتىن، كچىلىرى ياخشىراق ئۇخلىشى مۇمكىن.

يەنە زۆرۈر تېپىلسا، بىر ئاز تېنچلاندۇرۇش دورىلىرىنى ئىچكۈزۈشكىمۇ بولىدۇ. كېچىسى بىئارام بولسا تىنچلىنالمىسا، چىراغنى يېقىۋېتىپ، بىمارلارغا بوش ئاۋاز بىلەن چۈشەندۈرۈش، تىنچلاندۇرۇپ سۆز قىلىشمۇ، بىمارنى خاتىرجەم قىلىپ، ئوڭايلا تىنچلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىمارغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىلمان سۇ بىلەن پۇتلىرىنى يۇيۇش، كىشىنى خاپا قىلىدىغان پاراڭلارنى سالماسلىق ياكى بىئارام قىلىدىغان تېلېۋىزىيە نۇمۇرلىرىنى كۆرمەسلىك قاتارلىقلار بىمارلارنى ئاسانلا ئۇخلىتىدۇ. ياشانغانلارغا ھاراق ئىچكۈزمەسلىك، تاماكا چەككۈزمەسلىك، ئۇخلاش سۈپىتىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئچۈن، قېنىق چاي، قەھۋەلەرنى ئىچكۈزمەسلىك كېرەك. ئېغىر دەرىجىدە ئۇيقۇسى قاچقانلارنى دورا بېرىپ ئۇخلىتىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا، كېچىلىرى تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىمارلارنى ئايرىم ئۆيدە يالغۇز قويماسلىق كېرەك.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر