ئاشقازان ياللۇغى بارلار قانداق ئاساسلىق تەكشۈرۈشلەرنى قىلدۇرۇشى لازىم؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02


1) ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش: ئاشقازان ئەينىكىدە بىۋاسىتە كۆرۈپ، يالللۇغلانغان ئورۇندىكى شىللىق پەردىدىن توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش- ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا دىئاگنوز قويىدىغان ئاساسلىق ئۇسۇل، شۇنداقلا ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر.
2) ئاشقازان چىقىش ئېغىزىدىكى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىنى تەكشۈرۈش.  ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىدا ئاشقازان چىقىش ئېغىزىنىڭ بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىشىنىڭ مۇسبەت بولۇش نىسبىتى %90 ~ %70 كە يېتىدۇ. ئاشقازان ئەينىكى ئارقىلىق ئاشقازان شىللىق پەردە توقۇلمىسىنى ئېلىپ، تېزدىن ئۇرېئازا سىنىقى ئىشلەش ياكى پاتولوگىيىلىك توقۇلما ئىلمى بويىچە كۈمۈش رەڭدە بوياش ئۇسۇلى بىلەن تەكشۈرۈش ياكى ھۇجۇمسىز C / 14C13 لىق نەپەسلىنىش سىنىقى ئىشلەش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە C14 سىنىقىنى داۋالاشنىڭ ئالدى- كەينىدىكى كۆزىتىش ئۆلچىمىنىڭ بىرى قىلىشقا بولىدۇ. قاندىكى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسىگە قارشى تۇرغۇچى تەنچىنى تەكشۈرۈشتە پەقەت يۇقۇملانغانلىقىنىلا ئىسپاتلاشقا بولىدۇ. يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا پايدىسى بولمايدۇ.
3) رېنتگېندا يۇقىرى ھەزىم قىلىش يولىنى بارىي بوتقىسى ئىچۈرۈپ سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش: كۆپ ساندىكى ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ئېنىق ئالامىتى بولمايدۇ. يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان يۈزە قەۋەت ياللۇغىدا يەل ۋە بارىي بوتقىسى بىلەن قوش قەۋەتلىك سايىلاندۇرۇپ سۆرەتكە ئېلىنغاچقا ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ يىگىلىگەن ياكى يىگىلىمىگەنلىكىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئاشقازان پۈرمە دىۋارى مۇناسىپ ئازلايدۇ ياكى تۈزلىنىدۇ. دىئاگنوز قويۇشتا يەنىلا ئاشقازان ئەينىكى ۋە پاتالوگىيىلىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ.
4) پېنتاپېپتىدگاسترىن ( 五肽胃泌素 ) بىلەن غىدىقلاپ ھەر سائەتتىكى ئاساسىي ئاشقازان ئاجرىتىپ چىقارغان كىسلاتا مىقدارى  ( BAO ) نى، ئەڭ كۆپ كىسلاتا ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ( MAO ) نى ۋە ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى كىسلاتا ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ( PAO ) نى ئۆلچەش- ئاستا يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا دىياگنوز قويۇشقا پايدىلىقتۇر.
5) ئاستا يىگلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا دىئاگنوز قويۇش ۋە تىپقا ئايرىشتا قان زەردابىدىكى دىۋار ھۈجەيرە ئانتىتېلا سىنىقى ۋە قان زەردابىدىن گسترىننى ئۆلچەشتىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر