
سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلەش يۈرەك ھەرىكىتىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان زىيادە تېزلىشىش بولۇپ، ئۇنىڭ يۈز بېرىشى سىمپاتىك نېرۋىنىڭ قوزغىلىشى ۋە ئاداشقان نېرۋىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇ بىرلەمچى مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى بولماستىن، بەلكى ئۇنى كۆپ خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، فىزىيولوگىيەلىك ھەرىكەت قىلىش، تىت-تىت بولۇش، جىددىيلىشىشتىن شۇنداقلا ئادرېنالىن، ئىزوپرنالىن قاتارلىق دورىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. قىزىتما، قان سىغىمچانلىقى يېتەرلىك بولماسلىق، كەم قانلىق، قالقانسىمان بەزنىڭ خىزمىتى ئېشىپ كېتىش، نەپەسلىنىش ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق، تۆۋەن ئوكسىگېنلىق قان كېسىلى، قاندىكى كالىي ئازلاپ كېتىش كېسىلى، يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىق باشقا يۈرەك كېسەللىكلىرى يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئىنتايىن ئاسان يۈز بېرىدۇ. بۇ كېسەللىك بىرلەمچى مەنبەلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ياكى قوزغاتقۇچى ئامىلنى كونترول قىلغاندىن كېيىن ساقىيىدۇ. ئەمما ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ.
بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى:
1)يۈرەك سىقىلىش ياكى كۆپ تەرلەش، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش ياكى بىرلەمچى مەنبەلىك كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
2) باشقا سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك رىتىمسىزلىقى ياكى يۈرەك سانجىقى يۈز بېرىدۇ.
3) يۈرەك مىنۇتىغا 150 ~ 100 قېتىم سالىدۇ. يۈرەك تاۋۇشى كۆپىنچە كۈچلۈك بولىدۇ ياكى بىرلەمچى مەنبەلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى بولىدۇ.
قىسقىسى، سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك قېتىمى مىنۇتىغا 150 ~ 100 قېتىم بولسا سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش ئايرىم كېسەللىك ئەمەس. كېسەللىك قوزغالغاندا ئاۋۋال ئىمكانقەدەر كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىش، مەسىلەن، قېنىق چاي، ھاۋاق ۋە يۈرەك رىتىمىنى تېزلىتىدىغان دورىلارنى ئىچمەسلىك، ئۆزىنى خۇشال تۇتۇش، ئارتۇقچە ھاياجانلىنىش ۋە تىت-تىت بولۇشتىن ساقلىنىش لازىم. ئەگەر يۈرەك، ئۆپكە كېسەللىكلىرى ياكى باشقا پۈتۈن بەدەن مەنبەلىك كېسەللىكلەر بار بولسا تېزدىن داۋالىنىش لازىم. قايتا-قايتا قوزغالسا، كېسەللىك ئىپادىسى ئېنىق بولسا، كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەتلەرگە تەسىر يەتكۈزسە ۋاقتىدا داۋالىنىش، ئىمكانقەدەر سەۋەبىنى بالدۇر ئېنىقلاپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
ئوڭدا ياتقاندا سوقۇش قېتىمى تۆۋەنرەك ( مىنۇت 135 ~ 60/ قېتىم )، ئۆرە تۇرغاندا يۈرەك سوقۇش قېتىمى روشەن يۇقىرىلىسا ( مىنۇت 160 ~ 90 / قېتىم )، قىسقا ۋاقىت ھەرىكەتلەنگەندە ( پىيادە ماڭغاندا ياكى تۈز تاختا سىنىقى قىلغاندا ) يۈرەك سوقۇش قېتىمى مۇۋاپىقلاشماي، ئوتتۇرىچە يۈرەك سوقۇش قېتىمى مىنۇت/140 قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە بۇ ئاز كۆرۈلىدىغان سىنۇس مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىش بولۇپ، ئارىلاپ يۈز بېرىدۇ ياكى داۋاملىشىدۇ. كۆپىنچە يۈرەك رىتىمسىزلىقى مەنبەلىك يۈرەك مۇسكۇلى كېسەللىكلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ كېسەلنى β قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنى توسقۇچى دورا ياكى كالىتسىيغا قارىشى دورا بىلەن داۋالىغاندا ئۈنۈمى تۆۋەنرەك بولىدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
ئاشقازان ياللۇغىغا قانداق دىياگنوز قويۇلىدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : جىددىي خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇش ئەھۋالى ۋە كىلىنىكىلىك ئالامىتىگە ئاساسەن دىياگنوز قويۇش تەس ئەمەس. ئاستا خاراكتېرلىك
جىنسىي كېسەللىكنى داۋالىغىلى بولامدۇ؟ ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بەزىلىرىنى ئاسان داۋالىغىلى بولىدۇ، بەزىلىرىنى ئاسانلىقچە داۋالىغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە با
جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرى ئەلداۋادىىن تېببىي ساۋات : جىگەر بەدەندىكى ئەڭ چوڭ ھەزىم قىلىش ئورگىنى بولغاچقا، جىگەر زەخىملەنگەندىن كېيىن، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىدا ئاسانلا توسالغۇلۇق پەيدا بولى
تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: تېببىي تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، سوزۇلما كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئىچىدە ئىرسىيەت ئامىلى %15 نى، ئىجتىمائىي ئامىل %10
بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىكىنىڭ تۈزلىنىش سەۋەبى ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات : بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئەگرىلىك دەرىجىسى ئالدىغا يايسىمان تومپىيىپ چىقىدۇ. ئەمما، بەزى ئەھۋاللاردا بويۇن ئومۇرتقىسى
