قانداق قىلغاندا قان زەردابىدىكى ئاق ئاقسىلنى ياخشىلىغى بولىدۇ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

    جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى بولۇپمۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك بىمارلارنىڭ قان زەردابى تىرانسىئامىنازا، بىلىرۇبىندا بىنورماللىق كۆرۈنۈپلا قالماستىن، كېسەللىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاقسىلنىڭ ماددا ئالمىشىشىدا ئاستا- ئاستا ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىدۇ، قان زەردابىدىكى ئاق ئاقسىل تۆۋەنلەپ، شار ئاقسىل تەدرىجىي ئېشىپ بارىدۇ. بولۇپمۇ جىگەر قېتىش مەزگىلىگە يەتكەندە، بۇنداق ئەھۋال گەۋدىلىك بولىدۇ، ئاق ئاقسىل شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، شار ئاقسىل تېز سۈرئەتتە كۆتۈرۈلىدۇ، ھەتتا ئاق ئاقسىل بىلەن شار ئاقسىلنىڭ مىقدارى ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ كېتىدۇ، يەنى ئاقسىل ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ قېلىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. ئەگەر قان زەردابىدىكى ئاق ئاقسىل ئۇزاق مۇددەت تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرسا، بەدەننىڭ ئىچكى مۇھىت تەڭپۇڭلۇقى قالايمىقانلىشىپ كېتىپ، بىماردا سۇلۇق ئىششىق، قورساققا سۇ يىغىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يارىلارنىڭ پۈتۈشى ئاستىلاش، دورىلارنىڭ بەدەندە ماددا ئالمىشىشى ئاستىلاش ھەتتا بىلىرۇبىننىڭ بەدەندىن يانمىقى ئاستىلاپ كېتىش قاتارلىق ھەر خىل بىنورمال ھالەتلەر پەيدا بولىدۇ. بۇ چاغدا ئاقسىلنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاپ، ئاق ئاقسىلنى تۈزەپ ياكى تولۇقلىغاندىلا بىمارنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىغىلى بولىدۇ. جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاش شەرتى ئاستىدا، تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
1. يېمەك- ئىچمەكنى تەڭشەپ، ئاقسىل تەركىبى مول ۋە ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بېرىش.
2. ئامنو كىسلاتاسى خىلىدىكى دورىلارنى تولۇقلاپ بېرىش، مەسىلەن، ئامىنو كىسلاتاسىدىن ئىشلەنگەن دورىلارنى تومۇردىن ئوكۇل قىلىش ياكى ئامىنو كىسلاتاسى كاپسۇلىنى ئىچىپ بېرىش.
3. قان زەردابىدىكى ئاقسىل ئاستىن- ئۈستۈن بولۇپ قالغانلارغا ئادەتتە تومۇردىن ئاق ئاقسىلنى ياكى يېڭى قان پىلازمىسىنى ئوكۇل قىلىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.
4. سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ئۆستۈرۈش ھورمۇنى خىلىدىكى دورىلارنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئاق ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان زەردابىدىكى ئاق ئاقسىلنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ قىسقا مەزگىللىك داۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈمىنى يەنىمۇ كۆزىتىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر