بويۇن ئۇمۇرتقا كېسەللىكى بارلار بوينىنى كۈندە بىر قانچە قېتىم تارتىشى كېرەك

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بويۇن ئومۇرتقىسنى تارتىش ۋاقتىنى بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە ۋە تارتىش ئۈنۈمىگە قاراپ بېكىتىش كېرەك. تارتىش ئۇسۇلى توغرا بولۇپ تارتىش ئۈنۈمى ياخشى بولمىسا، ھەتتا بىمارلار بەزى ۋاقىتلاردا بىئارام بولسا تارتىشنى دەرھال توختىتىش كېرەك.

ئەگەر كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولۇپ تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزسە ئورنىدا ياتقۇزۇپ تارتىشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ. تاماق يېيىش ۋە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشتىن باشقا ۋاقىتتا تارتىشنى 10 سائەت داۋاملاشتۇرغاندا نەزەرىيە جەھەتتىن ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئەمما، ئادەتتىكى ئەھۋالدا كۈندۈزى تارتىپ كېچىسى توختىتىش لازىم. ئاغرىقلار تارتىشقا بەرداشلىق بېرەلىسىلا ھەر كۈنى 3 ~ 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە تارتقۇزسا بولىدۇ. بويۇننى تارتقۇزۇش ئاددى ھەم ئۈنۈملۈك، نېرۋا يىلتىزى سۇلۇق ئىششىقنىڭ يېنىشىغا تەخمىنەن 2 ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەچكە ئادەتتە 3 ~ 2 ھەپتە داۋاملاشتۇرغاندىلا ئاندىن مەلۇم ئۈنۈمى بولىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر