دېۋەڭلىكتىكى مېڭە كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى جەزملەشتۈرۈش

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئالدى بىلەن دېۋەڭلىكنىڭ داۋالىغىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغان دېۋەڭلىك ئىكەنلىكىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە جەزملەش لازىم. دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مېڭىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى جەزملەش ئۈچۈن، بىر قاتار خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بىمارنىڭ يېقىنقى مەزگىللىك كېسەللىك ئىپادىلىرىنى، ئۆزگىرىش جەريانلىرىنى ئىگىلەش بەك مۇھىم.

ئىككىنچىدىن، بىمارنىڭ ئۆتمۈشتىكى سالامەتلىك ئەھۋالىنى، بەزى ئالاھىدە كېسەللىكلەر بىلەن ئاغرىغان، زەھەرلەنگەن، جاراھەتلەنگەن ئەھۋاللىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئىگىلەش ئارقىلىق، ھازىرقى كېسىلى بىلەن بولغان ئىچكى باغلىنىشنى تېپىپ چىقىش، يەنە بەدەن تەكشۈرۈش، بولۇپمۇ نېرۋا سىستېمىسىنى تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، قان، سۈيدۈك، چوڭ تەرەت قاتارلىقلارنىڭ ئەۋرىشكىلىرىنى لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇش، زۆرۈر تېپىلغاندا، بەلگە فۇنكسىيە قىلىپ، مېڭە-يۇلۇن سۇيۇقلۇقىنى ئېلىپ تەكشۈرۈش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، مېڭىنى نېرۋا ئېلېكتىر فىزىيولوگىيەسى ھەم سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىش ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشلەرمۇ ئىنتايىن مۇھىم. مەسىلەن: مېڭىنى ئېلېكتىرو ئېنسېفالوگراممىدا تەكشۈرۈش ( EEG )، يەككە نۇر تارقاتقۇچى ھېسابلاش ماشىنىسىدا قاتلاملار بويىچە مېڭىنى سايىلاندۇرۇش ( SPECT )، ئېلېكتىرونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسىدا قاتلاملار بويىچە شەكىل چۈشۈرۈش ( CT )، ئېلېكتىرو ماگنىتلىق رېزونانستا سۈرەتكە ئېلىش ( MRI ) ۋە مۇسبەت ئېلېكتىرون تارقاتقۇچى بىلەن قاتلاملار بويىچە شەكىل چۈشۈرۈش ( PET ) قاتارلىقلار. قېرىلىق دېۋەڭلىكىنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئالغاندىكى ئۆزگىرىشلەردىن، PET دا ئاساسلىقى ئىككى تەرەپ چېكە، تۆپە بۆلەك پوستلىقى تۆۋەن تولۇش ۋە تۆۋەن مېتابولىزم بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

SPECT دا تەكشۈرگەندە ئىككى تەرەپ چېكە، تۆپە بۆلەك پوستلىقى تۆۋەن تولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، MRI دا تەكشۈرگەندە ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى مېڭە يىگلەش ۋە مېڭە قېرىنچە ئەتراپىدىكى ئاق ماددا نورمالسىزلىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؛ ئۇنىڭدىن قالسا، كۆپ ئورۇندا يۈز بېرىدىغان مېڭە تىقىلمىسى مەنبەلىك دېۋەڭلىك بولۇپ، ئاساسلىقى پۈتكۈل مېڭە پوستلىقىدا تارقاق تۆۋەن تولۇش ۋە تۆۋەن مېتابولىزملىق كېسەللىك ئوچىقى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر