
كېچىدە ئۇخلىيالماسلىق ئازاب، ھەتتا بەزىلەر ئۇيقۇ تىلغا ئېلىنسا جىددىيلىشىدۇ ۋە تەئەججۈپلىنىدۇ. بەزىلەر ھەمىشە ئۆزىگە « ئۇيقۇسىزلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندىمەنمۇ؟ » دېگەن سۇئالنى قويىدۇ.
ئۇيقۇسىزلىق كېسەللىكى بىرلەمچى ئۇيقۇسىزلىقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارى ئۇزۇن مۇددەت يېتەرلىك بولماسلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، بىمار بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىدۇ ۋە تەشۋىشلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئالامەتلەر داۋاملىشىۋېرىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيقۇسىزلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان- بولمىغانلىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟
ئۇيقۇسىزلىقنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلىرى بولىدۇ:
1) ئۇيقۇسىزلىق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلاردىكى بىردىنبىر ئالامەت- ئۇخلىيالماسلىق؛
2) بىمار ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ؛
3) بىمار ئۇيقۇسىنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىدىن نارازى بولۇپ غەمگە چۆمىدۇ، ھەتتا نورمال خىزمەت، ئۆگىنىشلەرگىمۇ قاتنىشالمايدۇ؛
4) ئۇيقۇسىزلىق ئاز دېگەندە ھەپتىدە ئۈچ قېتىم پەيدا بولىدۇ ھەم بىر ئاي داۋاملىشىدۇ، تاسادىپىي ئۇيقۇسى قېچىش تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
كەيپىياتنىڭ ياخشى بولماسلىقى، مېڭىنى زىيادە ئىشلىتىۋېتىش، مۇھىتقا ماسلىشالماسلىق، خىزمەتتىكى جىددىيلىك ۋە ئۇخلاش ئالدىدىكى مەلۇم سەۋەبلىك ھاياجانلىنىشتىن پەيدا بولغان ئۇيقۇسىزلىق ئادەم تېنىنىڭ نورمال ئىنكاسى، بۇنداق ۋاقىتلىق ئۇيقۇسىزلىق چوڭ مېڭىنىڭ تەڭشىشى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ماسلىشىشى بىلەن تېزلا نورماللىشىدۇ، شۇڭا بۇنى ئۇيقۇسىزلىق كېسەللىكى دېيىشكە بولمايدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : دېۋەڭلىكتىكى مېڭە كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى جەزملەشتۈرۈش
- كېيىنكىسى : ئاشقازان ياللۇغىغا قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟
نەپەسلىنىش دېگەن نېمە؟ ئىنسان تۇغۇلۇپ ئاخىرقى تىنىقىغىچە نەپەس ھەمراھ بولىدۇ. ئۆپكىدىكى كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىدىنى نەپەس يولى ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىش نەپەس چىقىرىش دېيىلىدۇ. تەركىبىدە ئوكسىگې
سىزدە قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىشگە نىسبەتەن چۈشەنچە بارمۇ؟ قاندىكى ماي ھەققىدە ئاساسىي چۈشەنچە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ يېڭىچە تۇرمۇش شەكىللىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. كىشىلەر نۇرغۇن كېس
سەكتىنىڭ قانداق كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ سەكتىنىڭ ئىلىمى نامى ۋە خەتىرى سەكتىنىڭ ئىلمىي نامى سەكتە تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇن كىشىلەر يارتا پالەچلىنىش، يېرىمبەدەننىڭ ھەرىكىتى قولاشماسلىقنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرى
« شېرىن قاتىل » نى چۈشىنەمسىز؟ كونا شېرىن قاتىل دىئابېت كېسەللىكى دىيابېت كېسەللىكى ( DM ) قان شېكىرى يۇقىرىلىشى ئاساسىي بەلگە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەندىكى شېكەر، ماي، ئاقسىل سۇ ۋە مىن
تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى بىلەن تونۇشۇش تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بىر خىل دائىم ئۇچرايدىغان، كۆپ پەيدا بولىدىغان كېسەللىك. تاجىسىمان ئارتېرى
