چوقۇم تارقىتىڭ! بۇ 5 ئادەم ئۆمۈربويى دىئابىت خەتىرى ئاستىدا

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/22 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ دىئابېت كېسىلى خەتىرى يۇقىرى كېسەلگە ئايلاندى، ھەريىلى نۇرغۇن ئادەم دىئابېت كېسىلى تۈپەيلى نۇرغۇن قىيىنچىلىققا يولۇقىدۇ. مۇناسىۋەتلىك سىتاتىسكىلارغا كۆرە، دۆلىتىمىزدە دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم سانى 110 مىليونغا يەتتى، يەنە 500 مىليونغا  يېقىن قۇرامىغا يەتكەنلەر دىئابىت كېسىلىنىڭ بوسۇغىسىدا ئىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگودىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى دىئابېت كېسىلىنىڭ خەتىرى ئاستىدا. ئادەمنى ئەڭ تەشۋىشكە سالىدىغىنى، ئەتراپىمىزدا قاندىكى قەنت مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسىمۇ ئۆزىنى بىلمەيدىغانلار جىق، تۆۋەندىكى بۇ  5خىل ئادەملەرنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى، ئەگەر ئائىلىڭىزدە مۇشۇنداقلار بولسا تېزدىن قاندىكى قەنت مىقدارىنى ئۆلچەپ بېقىشقا ۋە ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ بېقىشقا دەۋەت قىلىڭ
1. جەمەتىدە دىئابىت كېسىلى بارلار


تەكشۈرۈشلەردىن ئىپادىلىنىشىچە، دىئابېت كېسىلى ئېرسىيەت خاراكتېرلىك ئىكەن، ئەگەر سىزنىڭ جەمەتىڭىزدە بىرەرسى دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولسا سىز چوقۇم ھوشيار تۇرۇڭ. قۇرامىغا يەتكەنلەر دىئابېت كېسىلىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىدا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بار. ئاتا-ئانىسى ئىككىلىسىنىڭ دىئابېت كېسىلى بولسا، كېيىنكى ئەۋلادىنىڭ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن 50%بولىدۇ. ئانىنىڭ دىئابېت كېسىلىنىڭ ئېرسىيەت قېلىشى ئاتىنىڭكىدىن يۇقىرى، دىئابېت كېسلى بار ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ دىئابېت كېسلىگە گىرىپتار بولۇش يېشى دىئابېت كېسلى يوقلاردىن يۇقىرى.
2. 40 ياشتىن يۇقىرى ئادەملەر

ئادەم ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا ھەرخىل ئەزالار قېرىشقا باشلايدۇ، ھۈجەيرىنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئاستا-ئاستا چېكىنىپ ماڭغاچقا بۇ خىل ئادەملەر ئاسان دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمى ئېشىپ ماڭغاچقا، روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش بولىدۇ، ھەمدە كۈندە قۇبۇل قىلىۋاتقان ئوزۇقلۇقنىڭ ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى كۆپ بولغاچقا، ھەرىكەت ئاز بولغاچقا، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىر قەدەم يېقىنلىشىدۇ. شۇڭلاشقا، 40ياشتىن يۇقىرى ئادەملەر كۈندە چوقۇم قان قەنتى، قاننىڭ ياغ مىقدارى، قان بېسىمى قاتارلىقلارنى ئۆلچەپ تۇرۇش لازىم، بۇنىڭ دىئابېت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىنى بايقاشقا ياردىمى بار.
3. قان بېىسمى ۋە قاندىكى ماي مىقدارى بىنورماللار
نۇرغۇن دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ھەممىسى بىر قولىدا قان بېسىم ئۆلچىگۈچ، يەنە بىر قولىدا قاندىكى ماي مىقدارىنى ئۆلچىگۈچ تۇرۇپ يۈرۈيدۇ، يۇقىرى قان بېسىم ۋە قاندا ماي مىقدارى يۇقىرى كېسەللىرى دىئابېت كېسىلىنىڭ دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلىرى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاندا ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇش ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان بېسىم يۇقىرىلىسا ئايلىنىپ كېلىپ قاندىكى ماي مىقدار ئېشىپ كېتىدۇ، بۇ ئىككىسى ئېلىپ كەلگەن ئاقىۋەت ئادەم بەدىنىدە ئىنسۇلىنغا قارشى ماددا پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭدىن دىئابېت كېسىلى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، "ئۈچتە يۇقىرى" كېسەللىكلەر ھەمكارلىشىپ داۋالىنىدۇ، قان بېسىم ۋە قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ بىنورمال بولۇشىنىڭ ھەممىسى دىئابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىللار.

4. سېمىز كىشىلەر


سېمىزلىك بولسا دىئابېت كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان يەنە بىرخىل ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ دىئابېت كېسىلى بىلەن سېمىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتى بار، سېمىزلەر ئورۇقلارغا قارىغاندا دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى 3ھەسسىدىن 5ھەسسىگىچە. تۇرمۇشىمىزدا، قۇبۇل قىلىنغان ئوزۇقلۇقنىڭ ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى ۋە تۈزۈلىشى مۇۋاپىق بولمىغان تالالىق يېمەكلىكلەر بەدەندىكى ھەرىكەت يېتەرلىك بولمىغانلىق تۈپەيلى سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىزلىك ئنسۇلىننىڭ قارشى تۇرۇش كۈچىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئنسۇلىننىڭ قارشى تۇرۇش كۈچى سەزگۈرلىكنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئىنسۇلىن ھۈجەيرىلىرى ئاخىرىدا ئىقتىدارنى كېچىكتۈرۈپ دىئابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. ماددا ئالمىشىش كېسەللىكلىرى

ماددا ئالمىشىش كېسەللىكلىرى بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىل، ماي، كاربوش سۇ بىرىكمىلىرى قاتارلىق ماددىلار ماددا ئالمىشىشنىڭ قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پاتولوگىيەلىك ئەھۋال، دىئابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىل. نۇرغۇن دىئابېت كېسەللىرى بىر ئۆمۈر ماددا ئايلىنىشى قالايمىقان بولىدۇ. مەسىلەن، سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي ۋە قەنت مىقدارى بىنورمال بولۇش، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماددا ئايلىنىشنىڭ قالايمىقانلىشىشى بولۇپ قاندىكى قەنت مىقدارىنى ئۆرلىتىپ، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشقا ئاساس سالىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر