قاناش مايىللىقى – سوزۇلۇشچان جىگەر كېسەللىكىنىڭ مۇھىم ئالامىتى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 بەزى سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسەللىكى بىمارلىرىدا، داۋاملىق تۈردە تۆۋەندە بايان قىلىنغان بىنورمال ئەھۋاللار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، چىشى قاناش، بۇرنى قاناش، تېرسىنىڭ يېپىشقاق پەردىسىدە قان ئۇيۇپ قېلىش، ئارىلاپ تەرىتى قارا كېلىش قاتارلىقلار. بەزىدە بىمارلار بۇنى زىيادە چارچاپ، جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىمدىن « ئىسسىقىم ئېشىپ كېتىپتۇ »، يېمەك- ئىچمەك مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان دەپ قارايدۇ.

بۇ بىر بىلمەسلىك، جىگەر كېسەللىك تارىخى يوق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئامىللار سەۋەبىدىن تاسادىپىي پەيدا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. دەل يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ جىگەر ھۈجەيرىلىرى توختىماي زەخىملىنىۋەرسە جىگەرنىڭ ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، قان ئۇيۇتقۇچى فاكتورنىڭ كېمىيىپ كېتىشى قان ئۇيۇش ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ داۋاملىق تېلى يوغىناپ ۋە تال ئىقتىدارى كۈچەپ كېتىپ، ئاسانلا قان پىلاستىنكىلىرى كېمىيىپ كېتىدۇ، نەتىجىدە قان چىقىشقا مايىللىشىش ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە، سوزۇلما خاراكتېرلك جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا، ئەگەر تاسادىپىي چىشى قاناش، بۇرنى قاناش، تەرىتى قارا كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، باشقا كۆرۈنەرلىك بىئارام بولۇش كۆرۈلمەي، جىگەر ئىقتىدارى ئىزچىل مۇقىم بولۇپ كېلىۋاتقانلارنىڭ جىددىيلىشىپ كېتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار قايتا- قايتا كۆرۈلىۋەرسە، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا بېرىپ مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرىغا ئومۇميۇزلۈك تەكشۈرتۈپ، كېسەللىكنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئېنىقلىتىش كېرەك.
جىگەر تالالىشىش ۋە جىگەر قېتىشىشقا قان زەردابى ئىلمىدىكى كۆرسەتكۈچلەر بىلەن قاراش جىگەرنىڭ تالالىشىشى سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىنىڭ جىگەر قېتىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشتا مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچ، بۇ باسقۇچتا، جىگەردە بولىدىغان مۇھىم پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ھۈجەيرە سىرتىدىكى ئاساسلىق ماددا ( كوللاگىن، كوللاگىنسىز بىرلەمچى شېكەر ئاقسىلى، ئاقسىلدا شېكەر كۆپ بولۇش ) زور مىقداردا ھاسىل بولىدۇ ھەمدە جىگەرگە تىنىپ قالىدۇ. دەسلەپكى باسقۇچتىكى تىنىش پەقەت جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئارىلىق ماددىسىدا پەيدا بولىدۇ، لېكىن ئاخىرقى مەزگىلىدە تالا ئارىلىقلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتا تالا ئارىلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تالا خالتىسىنى ھاسىل قىلىپ، تىپىك جىگەر قېتىشنىڭ پاتولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى بولغان ساختا كىچىك ياپراقچىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ۋاقىت جىگەر قاتقان مەزگىل بولىدۇ.

بەزى سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار ئۆزىدىكى جىگەر تالالىشىشنىڭ پەيدا بولۇش ئەھۋالىنى ۋە تالالىشىش دەرىجىسىنى بىلگۈسى كېلىدۇ. كىلىنىكا ۋىراچى ئۇنىڭغا قان زەردابىنىڭ تالالىشىشىنى تۆت تۈر بويىچە ئېنىقلايدىغان تەكشۈرۈش قەغىزى كېسىپ بېرىپ ئۆلچەش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تۆت تۈرنىڭ كۆرسەتكۈچى قان زەردابى Ⅲ  تىپلىق كوللاگىن جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئارىلىق ماددىسىدا پەيدا بولىدۇ، لېكىن ئاخىرقى مەزگىلدە تالا ئۆسۈپ جىگەر ئۇيۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇققىچە سوزۇلىدۇ ھەمدە تەدرىجىي تالا زەنجىرى ۋە تالا ئارىلىقلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتا تالا ئارىلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تالا خالتىسىنى ھاسىل قىلىپ، تىپىك جىگەر قېتىشىشنىڭ پاتولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى بولغان ساختا كىچىك ياپراقچىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ۋاقىت جىگەر قاتقان مەزگىل بولىدۇ.

بەزى سوزۇلما خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلار ئۆزىدىكى جىگەر تالالىشىشنىڭ پەيدا بولۇش ئەھۋالىنى ۋە تالالىشىش دەرىجىسىنى بىلگۈسى كېلىدۇ، كىلىنىكا ۋىراچى ئۇنىڭغا قان زەردابىنىڭ تالالىشىشىنى تۆت تۈر بويىچە ئېنىقلايدىغان تەكشۈرۈش قەغىزى كېسىپ بېرىپ ئۆلچەش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ تۆت تۈرنىڭ كۆرسەتكۈچى قان زەردابى Ⅲ تىپلىق كوللاگىن ( PCⅢ )، قان زەردابى Ⅳ تىپلىق كوللاگىن (  ⅤⅣ)، يېپىشقاق ئاقسىل ( LN )، سوزۇك پىلازما كىسلاتاسى ( HA ) لاردىن ئىبارەت. كۆپ يىللىق كىلىنىكىلىق ئىسپاتلار ئارقىلىق، بۇ تۆت خىل قان زەردابى ئىلمىنىڭ كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ جىگەرنىڭ تالالىشىش ئەھۋالىنى ئاساسەن ئىپادە قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئەگەر بۇ تۆت كۆرسەتكۈچنىڭ ئىچىدە، پەقەت بىر كۆرسەتكۈچلا ئۆرلىگەن بولسا، جىگەردە تالالارنىڭ ئۆسۈشكە باشلىغانلىقىنى، ئەگەر ئىككى ياكى ئۈچ كۆرسەتكۈچ يۇقىرى چىقسا، تالانىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئەلۋەتتە، ھازىر پەقەت قان زەردابى ئىلمى بويىچە تالالىشىش كۆرسەتكۈچىنى ئۆلچەش نەتىجىسى بويىچە بولغاندا، جىگەرنىڭ تالالىرىنىڭ ئۆسۈش دەرىجىسىگە ( يەنى ئالدىدا بايان قىلىنغان جىگەرنىڭ تالالىشىشىنى باسقۇچلارغا ئايرىش ) ھۆكۈم چىقىرىش ئىنتايىن قىيىن. بارلىق تالالىشىش كۆرسەتكۈچلىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلەيدۇ، يۇقىرى دەرىجىدىكى تالالىشىش ھەتتا دەسلەپكى باسقۇچ جىگەر قېتىشلارنى ئويلىشىپ قويۇش كېرەك. ئەلۋەتتە دوختۇر بەزىدە يەنە باشقا ماتېرىياللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۈنىۋېرسال مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
    جىگەرنىڭ تالالىشىشىغا دىياگنوز قويۇشتىكى « ئالتۇن ئۆلچەم » يەنىلا بىمارنىڭ جىگىرىگە يىڭنە سانجىپ ئەۋرىشكە ئېلىپ مىكروسكوپتا تەكشۈرۈش، ھەمدە قان زەردابى ئىلمىدىكى تالالىشىش كۆرسەتكۈچىنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈش، بۇنىڭدا بىمار ئېنىق بولغان جىگەرنىڭ تالالىشىش نەتىجىسىگە ئىگە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە دوختۇرنىڭ نىشانلىق داۋالىشىغىمۇ پايدىسى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر