سىنۇس دالانچە يەتكۈزۈشى توسۇلۇش دېگەن نېمە؟ دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلىرى قايسىلار؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

سىنۇس دالانچە يەتكۈزۈشى توسۇلۇش سىنۇس دالانچە تۈگۈنى چىقارغان قوزغىتىشنىڭ سىرتقا چىقالماسلىقى ياكى يەتكۈزۈلۈشى ئاستىلاشنى كۆرسىتىدۇ.
يەتكۈزۈشى توسۇلۇش سىنۇس دالانچە تۈگۈنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار ئارىسىدا يۈز بېرىدۇ. بەدەن يۈزى ئېلېكتروكاردىئوگراممىسىدا سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنىڭ قوزغىلىش دولقۇنىنى خاتىرىلىگىلى بولمايدۇ. پەقەت يۈرەك دالانچىسىنىڭ قۇتۇپسىزلىشىش دولقۇن ( P دولقۇن )ى ئىپادىلىنىپ، سىنۇس دالانچە تۈگۈنىنىڭ ھەرىكىتى ۋاسىتىلىك پەرەز قىلىنىدۇ.

سىنۇس دالانچە يەتكۈزۈشى توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىچە:
1) يۈرەكنىڭ ئۆزىدە بار كېسەللىكلەر: جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى، كېسەللىك ھالىتىدىكى سىنۇس دالانچە تۈگۈنى ئۈنىۋېرسال كېسىلى قاتارلىقلار.
2) ئاداشقان نېرۋىنىڭ كەرەڭلىكى ئېشىپ كېتىش: ئاداشقان نېرۋىنىڭ كەرەڭلىكى ئېشىپ كېتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سىنۇس دالانچە يەتكۈزۈشى توسالغۇغا ئۇچراش كۆپىنچە ۋاقىتلىق ياكى ئاندا-ساندا قوزغىلىشچان سىنۇس دالانچە يەتكۈزۈپ بېرىش توسالغۇغا ئۇچراشتۇر.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر