دائىم كۆرۈلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىنىڭ قانداق تىپلىرى بار؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى ھەر خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان شىللىق پەردىسى ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كىلىنىكىدا ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان يۈزە قەۋەت ياللۇغى ۋە ئاستا يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ئاستا خاراكتېلىك ئاشقازان ياللۇغى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسىدىن يۇقۇملىنىش بىلەن زىچ مۇناسىەتلىك بولىدىكەن. ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئاشقازان چىقىش ئېغىزىدىكى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسىنى تەكشۈرگەندە مۇسبەت نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى يەنە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ يېنىشى، يېمەكلىك ۋە دورىلارنىڭ ناچار غىدىقلاش تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئاستا يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان يۈزە قەۋەت ياللۇغى ئاساسىدا پەيدا بولىدۇ. ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملىنىش- ئۇنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچى، ئىچكى ئاجراتما ۋە يامان سۈپەتلىك كەم قانلىق قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر