I تىپلىق دىئابېت كېسىلىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 كىرىش سۆز: I تىپلىق دىئابىت كېسىلى دېگەن زادى نېمە؟ ئۇنىڭ Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسەللىكى بىلەن قانداق پەرقى بار؟ نۇرغۇن كىشىلەر بۇ توغرىسىدا ئېنىق بىلمەيدۇ. تۆۋەندە 24 پارچە رەسىم بىلەن I تىپلىق دىئابىت كېسىلىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرىمىز. 

 
1. I تىپلىق دىئابىت كېسىلى دېگەن نېمە ؟ 
سىز بەلكىم ئىنسۇلىن توغرىسىدا ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن سىز ئىنسۇلىننىڭ قانداق رولى بارلىقىنى بىلەمسىز؟ ئىنسۇلىن بولسا ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىسىدە قەنتنى ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ھورمون. ئەگەر Ⅰ تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپدار بولغاندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدىكى ئىنسۇلىن بېزى ئىنسۇلىن ھاسىل قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەنت قاندا توختىماي يىغىلىپ، بارا-بارا ئىنتايىن خەتەرلىك ھالەت شەكىللىنىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەگەشمە كېسەللىك پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن،I تىپلىق دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى ئۆمۈرۋايەت ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىشى كېرەك.

 

2. I تىپلىق دىئابىت كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى 
I تىپلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆپ ھاللاردا تۇيۇقسىز كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قاتتىق ئۇسساش، ئېغىز قۇرۇش، كۆپ سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 3. I تىپلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ كېيىنكى ئاگاھلاندۇرۇش ئالامەتلىرى 
ئەگەر قان شېكىرى سەۋىيەسى ئىزچىل يۇقىرى بولغان بولسا، I تىپلىق دىئابىت كېسىلى ئادەتتە بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ كېتىش، ئىشتىھاسى ئېچىلىپ كېتىش، كەم ماغدۇرلۇق، ئۇيقۇسىراش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. I تىپلىق دىئابىت كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تېرە مەسىلىلىرى
نۇرغۇن I تىپلىق دىئابىت كېسىلى  بىمارلىرىدا كىشىنى بىئارام قىلىدىغان تېرە مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىدۇ، ئاساسلىقى باكتېرىيىلىك يۇقۇملىنىش، زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش، قىچىشىش، تېرە قۇرۇش، قان ئايلىنىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئايال بىمارلاردا جىنسىي ئەزانىڭ زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ؛ I تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوۋاقلاردا يەنە بىر خىل زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ كېسەللىكى كۆرۈلىدۇ (ئېغىر دەرىجىدىكى زاكا ئەسۋىسى)، تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ كېسەللىكى ناھايىتى ئاسانلا زاكا رايونىدىن يوتا ۋە قورساق قىسمىغا يامرايدۇ.

5. I تىپلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ خەتەرلىك ئەگەشمە كېسەللىكلىرى
ئەگەر قان شېكىرىنى كونتىرول قىلمىغان ئەھۋالدا، I تىپلىق دىئابىت كېسىلى تېخىمۇ ئېغىر كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن: ئىككى پۇت ئۇيۇشۇش ياكى سانچىپ ئاغرىش؛ كۆزى خىرەلىشىش؛ قان قەنتى تۆۋەنلەپ كېتىش؛ ئەس-ھوشىنى يۇقۇتۇش قاتارلىقلار. ئەگەر قان شېكىرى ناھايىتى يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولسا، دىئابىت كېسىلى مەنبەلىك ھۇشسىزلىنىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ كېسەللىك ئالامىتى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ھېچقانداق ئالامەتلەر كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن، بىمارنى دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك.

6. كېتون ۋە كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش 
ئەگەر داۋالىمىسا، I تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەر شېكەرنى بەدەن ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بەدەن شېكەرنىڭ ئورنىدا ماينى كۆيدۈرۈپ، كېتون قاتارلىق ماددىلارنىڭ قان تەركىبىدە يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ كېتون تۈرىدىكى ماددىلار كىسلاتالىق بولۇپ، بەدەندە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا قان ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، ئاخىرىدا دىئابىت كىتون كېسىلى كىسلاتادىن زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل كېسەللىك ئادەم ھاياتىغا تەھدىت سالىدىغان ئېغىر كېسەل بولۇپ، چوقۇم تېزلىكتە جىددىي قۇتقۇزۇشنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

7. I تىپلىق دىئابىت كېسىلى ۋە Ⅱ تىپلىق دىئابىت كېسىلى 
Ⅰ تىپلىق دىئابېت كېسىلىدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئاشقازان ئاستى بېزىدىكى ئىنسۇلىن ھاسىل قىلىدىغان ھۈجەيرىلەرنى بۇزىۋېتىدۇ. ھالبۇكى، Ⅱ تىپلىق دىئابىت كېسىلىدە بۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ. Ⅱ تىپلىق دىئابىت كېسىلى بىمارلىرى ئادەتتە يىتەرلىك ئىنسۇلىن ھاسىل قىلالايدۇ، لېكىن بەدەن بۇ ئىنسۇلىننى توغرا ئىشلىتەلمەيدۇ. گەرچە بۇ ئىككى خىل دىئابىت كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى ئىنتايىن ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن I تىپلىق دىئابىت كېسىلى بىمارلىرىدا كېسەللىك ئالامىتى تېخىمۇ تېز كۆرۈلىدۇ.

8. I تىپلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى 
نۆۋەتتە، دوختۇرلار ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىغا ھۇجۇم قىلىش سەۋەبىنى ئېنىقلىيالمىدى. ئالىملار گەرچە ئادەمنى  I تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار قىلىپ قويىدىغان گىنلارنى تاپقان بولسىمۇ،  لېكىن I تىپلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېسەللىك سەۋەبى تېخى بېكىتىلمىدى. بەزى تەتقىقاتچىلار مۇھىت سەۋەبىمۇ I تىپلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ، ۋىرۇس ياكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ I تىپلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ سەۋەبلىرى بولىشى مۇمكىن.

9. I تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە ئاسان گىرىپدار بولىدىغان كىشىلەر توپى 
ھەرقانداق ياشتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى I تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولىشى مۇمكىن، لېكىن زور كۆپ ساندىكى بىمارلارغا ئادەتتە 19 ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن I تىپلىق دىئابىت كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ. ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ I تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئوخشاش بولىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : I تىپلىق دىئابىت كېسىلى ئاسىيا ۋە ئافرىقا رايونىدىكى بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ.

10. I تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇش 
دوختۇرلار ئاچ قورساق چاغدىكى قان شېكىرى ۋە دائىملىق قان شېكىرىنى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇش ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، دوختۇرلار يەنە شېكەرگە ئايلىنىش گېموگلوبىنى سەۋىيەسىنى تەكشۈرىدۇ، بۇنىڭدا ئىلگىرىكى 2-3 ئايلىق ئوتتۇرىچە قان شېكىرى سانلىق قىممىتى نامايان بولىدۇ. بۇنداق تەكشۈرۈشلەرنى ئوخشاش بولمىغان كۈندە تەكرار ئېلىپ بېرىش كېرەك. تېخىمۇ توغرا بولغان گلوكوزىغا چىدامچانلىق ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش دوختۇرلارنىڭ تەكشۈرۈپ توغرا دىئاگنوز قويۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.

11. I تىپلىق دىئابىت كېسىلى ئېلىپ كەلگەن ئۇزۇن مۇددەتلىك مەسىلىلەر 
ئۇزۇن ۋاقىت قان شېكىرى يۇقىرى بولۇش، ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن سىستېمىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ. I تىپلىق دىئابىت كېسىلى بىمارلىرىدا يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە، بۆرەك زەئىپلىشىش، كۆرۈش قابىلىيىتىنى يوقىتىش، چىش مىلىكى كېسىلى ۋە چىش چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى، نېرۋا زەخمىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مۇمكىن.

12. قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەكشۈرۈش 
ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم قاندىكى قەنت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قان شېكىرىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئارقىلىق تەكشۈرگەندە بارماق ئۇچىدىن قان چىقىرىلىپ، قان تامچىسىنى ئۆلچەش قەغىزىگە سۇۋاش ئارقىلىق قان شېكىرىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. قان شېكىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوختۇرلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى داۋالاش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشىغا ياردەم ببرىدۇ. ئەگەر قان شېكىرى نورمال سەۋىيىگە يېقىنلاشسا، I تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە ئەڭ پايدىلىق بولۇپ، تېرىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر ئازىيىدۇ، يۈرەك كېسىلى ۋە بۆرەك زەخىملىنىش خەۋپ-خەتىرى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

13. سىجىل بولغان گلۇكوزا مىقدارىنى كۆزىتىشنىڭ پايدىسى بارمۇ؟ 
بۇ خىل ئۇسۇلدا، سېنزور ھەر 10 سىكونتتا بىر قېتىم قان شېكىرىنى ئۆلچەپ، سبنزور ئۇچۇرنى بىمارغا ئېلىپ يۈرۈپ كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىگە يوللاپ بېرىدۇ. بۇ بىر يۈرۈش ئۈسكۈنە قان شېكىرى ئوتتۇرىچە سانلىق قىممىتىنى ئاپتوماتىك خاتىرىلەيدۇ، داۋاملىشىش ۋاقتى 72 سائەتكىچە بولىدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈشنى گەرچە ئكلچەملىك قان شېكىرىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ئورنىغا دەسستىشكە بولمىسىمۇ، بىراق تەكشۈرۈش ئارقىلىق قان شېكىرىنىڭ ئۆزگۈرۈش يۈزلىنىشىنى ئېنىقلاشقا بولىدۇ.

14. ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ داۋالاش 
ھەربىر I تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە چوقۇم ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىش كېرەك، كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەنە بىر كۈندە كۆپ قېتىم ئوكۇل قىلىشقا ئېھتىياجلىق. دوختۇرلار قان شېكىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن بىمارلارنىڭ ئىنسۇلىن ئىشلىتىلىش مىقدارىنى تەڭشەپ بېرىدۇ. ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ داۋالاشنىڭ نىشانى بولسا ئىمكانقەدەر قان شېكىرىنى نورمال دائىرىدە تىزگىنلەشتىن ئىبارەت.

 15. ئىنسۇلىننىڭ ئەكىس تەسىرى 

ئەگەر قان شېكىرى سەۋىيىسى ناھايىتى تۆۋەن خەتەرلىك ھالەتتە بولسا، ئىنسۇلىننىڭ ئەكىس تەسىرى كۆرۈلىدۇ، ئىنسۇلىننىڭ ئەكىس تەسىرى بەزىدە بەك يېنىك بولىشى مۇمكىن، بىراق بەزىدە ئىنسۇلىننىڭ ئەكىس تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. ئىنسۇلىننىڭ ئەكىس تەسىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئالامەتلىرى: كۆپ ئەسنەش ياكى ئادەتتىن تاشقىرى ھارغىنلىق؛ گەپ قىلغاندا مەزمۇن ئېنىق بولماسلىق ياكى پىكىر قىلالماسلىق؛ مۇسكۇلنىڭ ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىق؛ كۆپ تەرلەش، تارتىشىپ قېلىش، چىرايى تاتىرىش، پەي تارتىشىش، ھوشىنى يوقىتىش قاتارلىقلار.

16. ئىنسۇلىننىڭ ئەكىس تەسىرىنى داۋالاش 
ئىنسۇلىننىڭ ئەكىس تەسىرىنى داۋالاشتا تېز كۈچكە ئىگە بولىدىغان 15 گرام كاربون-سۇ بىرىكمىسىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈش كېرەك، تېز كۈچكە ئىگە بولىدىغان كاربون-سۇ بىرىكمىسى قان شېكىرىنى ئۆرلىتىپ، ئىنسۇلىننىڭ ئەكىس تەسىرىنى داۋالاشقا داۋالاشتا تېز سۈرئەتتە ياردەم بېرەلەيدۇ، بۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يېرىم ئىستاكان مېۋە شەربىتى، شېكەرلىك سودا سۈيى، بىر ئىستاكان سۇت، 30 گرام قۇرۇق ئۈزۈم، 5 تال كەمپۈت قاتارلىقلار. 

17. ئىنسۇلىن ناسوسى تېخىمۇ بىخەتەرمۇ؟ 
ئىنسۇلىن ناسوسى ئىنسۇلىننىڭ ئەكىس تەسىرىنى ئازايتىشتا مۇئەييەن رول ئوينايدۇ. ئىنسۇلىن ناسوسى پۈتۈن كۈندە ئىنسۇلىننى تەكشى ئوكۇل قىلىدۇ، ئوكۇل سېلىشتا پەقەت بىر ئالاھىدە تۇتاشتۇرغۇچى تۇرۇبا كېرەك بولىدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئىنسۇلىن ئۇرۇش ھاجەتسىز. ئىنسۇلىن ناسوسى قان شېكىرىنى داۋاملىق تۇرقلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، بىمارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى تېخىمۇ ئەركىن بولىدۇ. لېكىن ئىنسۇلىن ناسوسنىڭ باھاسى بىر قەدەر قىممەت بولغاچقا، ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال ئەڭ ياخشىسى يەنىلا دوختۇردىن سۈرۈشتۈرۈپ بېقىش كېرەك.

 18. داۋالاش ئۈنۈمىنى قانداق تەكشۈرۈش كېرەك؟ 

دوختۇر بەلكىم I تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە ھەر 3-6 ئايدا بىر قېتىم شېكەرلەشكەن قان قىزىل ئاقسىلىنى تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىشى مۇمكىن. بۇ تەكشۈرۈش دوختۇرلارنىڭ ئالدىنقى 2-3 ئايدىكى قان شېكىرىنى كونترول قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئەگەر نەتىجىسى ياخشى بولمىسا، ئىنسۇلىن مىقدارىنى تەڭشەشكە توغرا كېلىشى ياكى يېمەك ئىچمەك ۋە ھەرىكەت پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە تەكلىپ بېرىشى مۇمكىن.

19. ئەگەر ئىنسۇلىن ئۈنۈمسىز بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئەگەر ئىنسۇلىن ئۇرغان ئەھۋالدىمۇ قان شېكىرىنى كونترول قىلالمىسا ياكى ئىنسۇلىن ئەكىس تەسىرى كۆرۈلسە، دوختۇر بەلكىم ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرى ھۈجەيرىسى كۆچۈرۈش تەكلىپىنى بېرىشى مۇمكىن. ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرى ھۈجەيرىسىنى كۆچۈرۈش بىلەن باشقا ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئوخشاش بولۇپ، پەقەت ئىنسۇلىن ھاسىل قىلالايدىغان ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرى ھۈجەيرىسى بىمارنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىغا كۆچۈرۈلىدۇ. لېكىن ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرى ھۈجەيرىسىنى كۆچۈرۈشنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئاران بىر نەچچە يىللا بولۇپ، بىمار چوقۇم دورا ئىشلىتىپ يەكلەش رېئاكسىيىسى  يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

20. سۈنئىي ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىستىقبالى
تەتقىقاتچىلار سۈنئىي ئاشقازان ئاستى بېزىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇ كومپيۇتېر پروگراممىسى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان ئىنسۇلىن ناسوسى ۋە سىجىل خىزمەت قىلىدىغان مۇرەككەپ قان شېكىرى كۆزەتكۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈنئىي ئاشقازان ئاستى بېزىنى ياساشنىڭ مەقسىتى بولسا، سۈنئىي ئاشقازان ئاستى بېزى ئادەم بەدىنىدىكى ھەقىقىي ئاشقازان ئاستى بېزىغا ئوخشاش خىزمەت قىلىپ، قان شېكىرى سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىغا ئاساسەن ئىنسۇلىن مىقدارىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت. دەسلەپكى تەجرىبىلەردىن سۈنئىي ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ قاندىكى قەنت مىقدارىنى كونترول قىلالايدىغانلىقى بايقالدى.

21. چېنىقىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.
دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىمۇ چېنىقىشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن چوقۇم ئېھتىيات قىلىش كېرەك. قان شېكىرىنىڭ تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دوختۇرلار دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا بەدەن چېنىقشتىن بۇرۇن دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ بەردى: قان شېكىرىنى تەكشۈرۈش، ئىنسۇلىن مىقدارىنى تەڭشەش، پارچە-پۇرات نەرسە يىيىش كېرەك. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە سۈيدۈكتىكى كېتون مىقدارىنى ياخشى ئۆلچەپ، جىددىي ھەرىكەت قىلغاندا قان شېكىرىنىڭ زىيادە يۇقىرى ئۆرلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

22. I تىپلىق دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكى
دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ نىمە يىيىشى ياكى نىمە يىمەسلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن پىتنە-ئىغۋالار تارقالغان. لېكىن پاكىت شۇكى، مۇتلەق چەكلەنگەن يېمەكلىك يوق. شېكەرمۇ يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ۋە داۋالاش پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. مۇھىمى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئىنسۇلىن، ئوزۇقلۇق ۋە چېنىقىشنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش كېرەك.

23. I تىپلىق دىئابىت كېسىلى ۋە ھامىلدار بولۇش 
I تىپلىق دىئابىت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئەگەر ھامىلدار بولۇش پىلانى بار بولسا، چوقۇم دوختۇرغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك. ئەگەر دىئابېت كېسىلى ياخشى كونترول قىلىنمىسا ناھايىتى ئاسانلا تۇغما غەيرىيلىك قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتا قاندىكى قەنت مىقدارى ياخشى كونتىرول قىلىنسا، بۇ مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە بويىدىن ئاجراش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ھامىلىدار ئانىنىڭ كۆزى تەسىرگە ئۇچراش ۋە قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش خەۋپ-خەتىرىنىمۇ تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

24. بالىلار ۋە دىئابىت كېسىلى 
بالىلارغا دىيابېت كېسەللىكى دەپ دىئاگنوز قويۇلسىلا پۈتكۈل ئائىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئاتا-ئانىلار چۇقۇم بالىغا ياردەملىشىپ قان شېكىرىنى تەكشۈرۈشى، يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىشى ۋە ئىنسۇلىن مىقدارىنى تەڭشىشى كېرەك. بۇ خىل كېسەللىك 24 سائەت پۈتۈن كۈن قاراشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش مەزگىلىدىكى ۋە پائالىيەتتىن كېيىنكى داۋالاشنى ياخشى پىلانلىشى كېرەك. بەزىدە ئىنسۇلىن ئۇرۇشتا يەنە مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر