يۈرەك كېسىلىنىڭ 10 خىل يوشۇرۇن ئالامىتى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/05/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

كۆپچىلىككە ئايان، يۈرەك كېسىلىك دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى مەيدە ئاغرىش ۋە چىڭقىلىش، دەككە-دۈككە بولۇشتىن ئىبارەت. بىراق ئەمەلىي تۇرمۇشتا يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسىلى قوزغالغاندا يۇقىرىقىدەك تىپىك ئالامەتلەر كۆرۈلمەستىن، بەلكى ئادەم ئويلاپ باقمىغان يوشۇرۇن ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يېقىندا ئەنگىلىيەدىكى «كۈندىلىك پوچتا خەۋەرلىرى» گېزىتىدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى خۇلاسىلەپ چىققان يۈرەك كېسىلىگە ئائىت ئون خىل يوشۇرۇن ئالامەتلەر ئېلان قىلىنغان.

يول ماڭغاندا چىشى ئاغرىش: لېدس باش دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرەك كېسىلى مۇتەخەسسىسىنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، يۈرەك سانجىقى يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسىلى قوزغالغاندىكى تىپىك ئالامىتى بولۇپ، بۇ خىل ئاغرىق يۈرەكنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا كۆرۈلۈشى ياكى بىمارنىڭ بويۇن، ئېڭەك، بېلەك، تاغاق،چىشى قاتارلىق باشقا ئەزالىرىدا كۆرۈلۈشى مۇمكىن. يول ماڭغاندا، بولۇپمۇ يانتۇ ئېگىزلىككە چىققاندا چىش ئاغرىسا بۇ يۈرەك كېسىلىنىڭ تىپىك ئالامىتى بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتىگە كىشىلەر سەل قارايدىكەن.

قولنىڭ دۈمبىسىگە سېرىق قاپارتقۇ چىقىش: ئەنگلىيە يۈرەك كېسىلى جەمىيىتىنىڭ يۈرەك كېسىلى مۇتەخەسسىسنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، قولىنىڭ دۈمبىسىدە ياكى پۇتىنىڭ سىرتقى ئوشۇق قىسمىدا سۇس سېرىق رەڭلىك ئىششىق پەيدا بولۇپ قالغانلارنىڭ ئائىلە جەمەتىدە يۇقىرى خولېستېرىنلىق قان كېسىلىگە ياكى تاجسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشلىق يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. بۇ سۇس سېرىق رەڭلىك ئىششىق خولېستېرىننىڭ تېرە ئاستىغا تېنىپ قېلىشتىن پەيدا بولىدىكەن.

يۇقۇملۇق زۇكام ياكى يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ ئۇزاققىچە ساقايماسلىق: يۈرەك كېسىلى مۇتەخەسسىسنى كۆرسىتىپ بېرىشىچە، يۇقۇملۇق زۇكام بولغانلارنىڭ زۇكىمى 5-6 كۈنگىچە ساقايمىسا بۇ ھال بىمارنىڭ يۈرىكىنىڭ بىر قەدەر ئاجىزلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. ۋىرۇس خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى ياكى كۆكرەك پەردە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ كېسىلى ئۇزاققىچە ساقايمىغاندا، ۋىرۇسلار يۈرەك مۇسكۇلىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكتىن، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۇقۇملۇق زۇكام دەپ خاتا دىئاگنوز قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

باش قېيىش: غەربىي يوركشىر يۈرەك كېسىلى مۇتەخەسسىسى دوختۇرىنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، يۈرىكى رېتىمسىز سوقىدىغان بىمارلارنىڭ يۈرەك ھەرىكىتى نورمال بولماسلىق سەۋەبىدىن ئۇلاردا يۈرىكى زىيادە تېز، ئاستا سوقۇش ياكى قالايمىقان سوقۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن ھەم چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئاسانلا باش قايىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر كارىۋاتتىن ياكى ئورۇندۇقتىن قوپقان ۋاقىتتا رۇس تۇرالمىسا، بۇ ھال ئۇلاردا يۈرەك كېسىلى ياكى تۆۋەن قان بېسىمى كېسىلى بارلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

چاچ چۈشۈش: چاچ چۈشۈش ئېھتىمال ئەرلەردىكى يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. يېقىندا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستىتۇتىدىكى. تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ «ئىچكى كېسەللەر ئارخىپى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇرغان تەتقىقات نەتىجىسىدىن دەلىللىنىشىچە، چېچى ئېغىر دەرىجىدە چۈشىدىغان ئەرلەرنىڭ يۈرەك كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %36كە يېتىدىكەن، ئوتتۇرا ياكى يېنىك دەرىجىدە چېچى چۈشىدىغانلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %32 ۋە%23 ئىكەن.

تىرنىقى كۆكىرىپ قېلىش: دوختۇر فايننىق كۆرسىتىپ بېرىشىچە، ئادەمنىڭ تىرنىقى ياكى بارمىقى كۆكىرىپ قالسا بۇ ھال ئۇ ئادەمنىڭ قېنىدىكى ئوكسىگېنلىق تويۇنۇش دەرىجىسى خېلىلا تۆۋەنلىكىنى، قان ئايلىنىش راۋان ئەمەسلىكىنى يەنە كېلىپ يۈرەك زەئىپلىشىش ۋە ئۆپكىسىدە كېسەل بارلىقىنى ياكى رېيناۋد كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.

زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى توسالغۇغا ئۇچراش: زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى توسالغۇغا ئۇچراش يۈرەك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بېرىستول خان جەمەتى دوختۇرخانىسى سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى راجى پاسادنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە،ئەرلەردىكى زەكەرنىڭ قايىم بولۇش ئەھۋالى ئۇلاردىكى قان تومۇر كېسىلىدىن دېرەك بېرەلەيدىكەن. زەكەر قايىم بولۇش توسالغۇسى بولمىغان 40 ياشتىكى ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، زەكەرنىڭ قايىم بولۇشى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئەرلەرنىڭ كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە يۈرەك كېسىلى گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %50يۇقىرى بولىدىكەن.

ئادەتتىن تاشقىرى تەرلەش: ئەنگلىيە ئىمپېرىيە ئىنستىتۇتى يۈرەك كېسىلى مۇتەخەسسىسى جاكارتا مايكول دوكتورنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئەر ۋە ئاياللاردا پەرق بار بولۇپ، يۈرەك كېسىلى بار ئەرلەردە دائىم مەيدىسى سىقىلىش، ئاغرىش ۋە مەيدىسى ئېغىر بولۇش، نەپەس ئېلىش قىيىنلىشىش، ئادەتتىن تاشقىرى تەرلەشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. يۈرەك كېسىلى بار ئاياللاردا بولسا گەرچە يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلسىمۇ، ئەمما كۆرۈنەرلىك بولمايدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى كۆپلىگەن ئاياللار يۈرەك كېسىلىنى ئەرلەردە بولىدىغان كېسەل دەپ قارايدىكەن.

پاقالچاق تارتىشىپ ئاغرىش: دوختۇر فايىننىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، كىشىلەر يول ماڭغاندا پاقالچىقى تارتىشىپ ئاغرىسا بۇ سىرتقى قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئالامىتى ئىكەن سىرتقى قان تومۇر كېسىلى بىمارلىرى تاجىسىمان تومۇرلىرىدا دائىم ئوخشاشمىغان دەرىجىدە كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشىش يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

قۇلاق يۇمشىقى پۇرلىشىش: لىندساي دوكتۇرنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، بەدىنىدىكى خولېستېرىن يۇقىرىلاپ كەتكەنلەرنىڭ قۇلاق يۇمشىقى پۇرلىشىپ كېتىدىكەن، يۇقىرى خولېستېرىنلىق قان كېسىلى يۈرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر