جۇڭگولۇقلاردىكى داۋالىمىسىمۇ بولىدىغان 13 خىل كېسەل

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa04 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئېشىپ، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىمۇ كۈچلۈك بولۇپ كەتتى، ئازراقلا بىئارام بولسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش قىلىپ، بىرمۇنچە دورىلارنى سېتىۋالىدۇ. بەزى كېسەل دېسىمۇ دېمىسىمۇ بولىدىغان ئالامەتلەرنى ئەمەلىيەتتە بىكادىن پۇل خەجلەپ داۋالىمىسىمۇ بولىدۇ.
1. تاماقتىن كېيىن مەيدىسى ئېچىشسا: خاسىڭ يېسىلا بولىدۇ


مەيدىڭىز ئېچىشقاندا 3-4تال خاسىڭىزنى چايناپ يەۋاسىڭىز، بىردەمدىلا ياخشى بولۇپ قالىسىز، ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنى تىزگىنلەيدۇ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دائىم مەيدىسى ئېچىشىدىغانلار سىناپ باقسا بولىدۇ.
2. يۈزگە داغ چۈشسە: ۋىتامىن يېيىش

3. كۆز ئەتاپى قارىداپ كۆز خالتىسى چىقىپ قېلىش: ئالقاتنى زەنجىۋىل بىلەن دەملەپ ئىچىش

كۈندە ئەتىگەن بىر ئىستاكان ئالقات بىلەن زىنجىۋىلنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، كۆز ئەتراپىدىلى تېرىلەرنى ياخشىلايدۇ.
4. ئۇزۇن ۋاقىت قۇلاق غوڭۇلدىسا: پۇت يۇيغاندا ئازراق ئاق ئاچچىقسۇ قوشۇپ يۇيۇش

ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىسسىق سۇ بىلەن ئاق ئاچچىقسۇنى 1:5نىسبەت بويىچە تەڭشەپ پۇتنى چىلاش، كۈندە بىر قېتىمدىن، ھەرقېتىمدا 30مىنۇت چىلاش كېرەك. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىككى پۇتنى ئۆز-ئارا سۈركەپ بېرىش كېرەك، بىر ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرسا قۇلا غوڭۇلداشنىڭ ياخشىلانغىنىنى ھېس قىلىسىز.
5. پۇت پۇراپ تىرناق تەمرەتكىسى بولسا: ئاچچىقسۇغا چىلاپ بەرسە بولىدۇ

6. قورۇق يوقۇتۇپ قېرىشنى كىچىكلەتمەكچى بولسا: بەدرەڭنى چاپلاپ بېرىش

7،  ئومۇرتقىلار سوغۇقتىن ئاغرىسا: ئېلىكترونلۇق شامالدۇرغۇچ بىلەن شامالداش

ئومۇرتقىلارنىڭ ئاغرىشى سوغۇقتىن ئاغرىيدىغان بولغاچقا ئىسسىق شامال بىلە ھەيدەش كېرەك. بۇ ئۇسۇل جۇڭگو تىبابىتىدىكى ئۇسۇلغا ئوخشايدۇ، سوغۇقنى تارتىپ چىقىرىپ ئاغرىقنى پەسەيتىش، بۇ ۋاقىتتا چوقۇم كىيىم كىيىپ تۇرۇپ قىلىش كېرەك، بىۋاستە تېرىگە تەڭلىگەندە تېرە زەخىملىنىدۇ.
8. ھۆل تەمرەتكە: يېشىل پۇرچاق بىلەن ئاچچىقسۇ

ھۆل تەمرەتكە چىقىپ قالسا، تېرە سەتلىشىپ قېلىشتىن سىرت بەزى چاغلاردا قىچىشىپ ئادەمنى بەك بىئارام قىلىدۇ.
يېشىل پۇرچاقنى ئاچچىقسۇغا چىلىغاندىن كېيىن، ئۇششاق ئېزىپ تېرىگە چاپلىسا ياخشىلىنىدۇ.
9. ئاسان رىئاكسىيە بولسا: كاۋاۋىچىن بىلەن زەنجىۋىل

ئاسان بىر نەسە رىئاكسىيە قىلىدىغانلار قايناۋاتقان سۇغا 10 تال كاۋاۋىچىن ۋە ئىككى ياپراقچە زەنجىۋىلنى سالىمىز، سوۋۇغاندىن كېيىن رىئاكسىيە بولغان جاينى يۇيسا تېز سۈرئەتتە رىئاكسىيەنى قايتۇرىدۇ.
10.كۆكرەك بېزى ئۆسۈپ قېلىش: داۋالىمىسىمۇ بولىدۇ

10قىزنىڭ ئىچىدە8نىڭ كۆكرەك بېزى ئۆسۈپ قېلىش مەسىلىسى بار، نۇرغۇن ئادەملەر ساقايماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى نورمال بولغان فىزىئولوگىيەلىك ئەھۋال. ئادەتتە قىزلارنىڭ فىزىئولوگىيە دەۋرىدىن بۇرۇن كۆرۈلىدۇ، بۇ دەۋردىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا يوقايدۇ، داۋالاش ھاجەتسىز، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈشكە دىققەت قىلىش لازىم. ھەمدە ياخشى بولغان كەيپىياتنى ساقلاپ يېتەرلىك چېنىقىش لازىم.
11. بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەش: ئۆزلىكىدىن يوقايدۇ

شەلۋەرەش دېگەن سۆزنىڭ ۋەھىمىسى چوڭ، تۇنجى ئاڭلىغاندا ئادەمنى چۆچۈتۈپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ تېببىي ئاتالغۇلار ئىچىدىكى چوڭ بىخەستەلىك. پەقەت بىرخىل بالىياتقۇ بوينى ئۈستىدىكى تېرىنىڭ ئورنى يۆتكەلگەن، شەلۋەرەش دىگەن ئۇقۇمدىن يىراق، ھورمۇن سەۋىيەسى نورماللاشقاندا شەلۋەرەش ئۆزلىكىدىن يوقايدۇ.
12. يۈرەك رېتىمسىز سوقۇش: ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ ئاز تۈنەش كېرەك.

ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە پەقەت رېتىمسىز سوقۇشلا بولسا، لېكىن دەم سىقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە ئۇنداقتا داۋالانمىسىمۇ بولىدۇ، پەقەت ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىپ، ئاز تۈنەپ، قېنىق چاي ۋە قەھۋەنى ئاز ئىچىش كېرەك.
13.زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغى: تۇز سۈيى بىلەن بۇرۇننى چايقىسىلا بولىدۇ.

زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغى بولسا بۇرۇن توسۇلۇش، سۇ ئېقىش، چۈشكۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ئەمەلىيەتتە دورا يېمىسىمۇ بولىدۇ.
كۈندە تۇز سۈيى بىلەن بۇرۇننى يۇيۇپ بەرسە بولىدۇ، ئەتىگەن كەچ بىر قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 5مىنۇتتىن يۇيۇپ بەرسە بۇرۇن ياللۇغى ئاستا-ئاستا يوقايدۇ.
كونكېرت ئۇسۇلى: يۈزنى بىر داس ئېلمان تۇز سۈيىگە تىقىپ، ئاندىن بۇرنىمىز بىلەن سۇنى ئىچىگە تارتىپ 1مىنۇتتا بىر يۇيۇش كېرەك.

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر