ئالاھىدە تەۋسىيە: يۈرەك كېسىلىنىڭ 12 خىل بېشارىتى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

تەشۋىشلىنىش. يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا، كىشىلەردە تەشۋىشلىنىش ۋە قورقۇش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
مەيدىسى قىزىپ كەتكەندەك بولۇش. كۆكرەك ئاغرىش يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقنىڭ تىپىك ئالامىتى، ئەمما ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسىدىلا كۆكرەك ئاغرىقى كۆرۈلۈۋەرمەيدۇ. يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشتىن كېلىپ چىققان كۆكرەك ئاغرىقى كۆپىنچە كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ سەل سول تەرىپىدە كۆرۈلىدۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىدە مەيدىسى قىزىپ كەتكەندەك بولىدۇ، مەيدە چىڭقىلىش ۋە كۆكرەك ئاغرىش ئالامەتلىرى بولمايدۇ.
يۆتىلىش. توختىماي يۆتىلىش ياكى دەم سىقىلىش يۈرەك زەئىپلەشكەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، بەزى چاغلاردا يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى ئاغرىقلىرىدا قان تۈكۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
باش قېيىش. يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىق ئاغرىقلاردا باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چارچاش. يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا، ئادەمدە دائىملىق چارچاش كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئاياللاردا كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

ئىشتىھا تۇتۇلۇش. يۈرەك كېسىلى قورساقتا سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلغان چاغدا، ئاغرىقلارنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ياكى ئاغرىقتا كۆڭۈل ئېلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سىرقىراپ ئاغرىش. بەزى ئادەملەرنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا كۆكرەك ئاغرىمايدۇ، باشقا يەرلىرى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ. مەسىلەن: يۈرەك كېسىلى بار ئەر ئاغرىقلارنىڭ دائىم سول بېلىكى ئاغرىيدۇ، ئايال ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچە ئىككى بېلىكى ياكى تاغاق سۆڭىكى ئاغرىيدۇ.
تومۇرنىڭ سوقۇشى تېزلىشىش ياكى تەرتىپسىز بولۇش. تومۇرنىڭ سوقۇشى تېزلىشىپ كەتسە ياكى تەرتىپسىز بولسا ھەم بۇنىڭغا ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش ياكى نەپەس تېزلىشىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كەلسە، بۇ يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، يۈرەك زەئىپلىشىش ياكى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
نەپەس تېزلىشىش. بەزى يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىدا مەيدە چىڭقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەيدۇ، ئەمما نەپەس تېزلىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
تۇيۇقسىز سوغۇق تەرلەش. تۇيۇقسىز سوغۇق تەرلەش، يەنە كېلىپ جىم ئولتۇرغاندىمۇ توختىماي تەرلەش يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامىتىدۇر.
ئىششىپ قېلىش. يۈرەك زەئىپلەشكەندە پۇت، ئوشۇق، پاقالچاق ۋە قورساقتا سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلۈپ، بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز ئېشىپ كېتىش ۋە ئىشتىھا تۇتۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ماغدۇرسىزلىنىش. بەزى ئادەملەر يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا ئۆزىنى ماغدۇرسىزلانغاندەك ھېس قىلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر