جىگەردە مەسىلە كۆرۈلسە ئېغىز پۇرايدۇ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ئېغىز بوشلۇقى نەپەس، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ئېغىز پۇراشنىڭ سەۋەبلىرىمۇ كۆپ خىل. ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى، جىگەر كېسىلى، بۆرەك ياللۇغى ۋە يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلار ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىگەر كېسلى بىمارلىرىنىڭ ئېغىزىدىكى پۇراق بەكرەك كۈچلۈك بولىدۇ.

 جىگەر كېسىلى بىمارلىرىنىڭ جىگەر ئىقتىدارى بىنورمال بولغانلىقتىن قان تەركىبىدىكى ئازوت ۋە ئاممىياك مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، نەپەسلەنگەندە ئېغىزدىن سېسىق پۇراق چىقىدۇ.

 جىگەر كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئاغزىنىڭ كۈچلۈك سېسىق پۇرىشى بۇ كېسەلنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنىڭ بېشارىتى. جىگەر كېسەللىكى بىمارلىرىدا باش قېيىش، قان تۈكۈرۈش ۋە ئېغىز پۇراش كۆرۈلسە، جىگەرنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر