پۇت- قوللارنىڭ ئۇيۇشۇشى كېسەللىكنىڭ بېشارىتىمۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

پۇت- قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىش، پۇت- قوللارنىڭ ئانچە- مۇنچە ئۇيۇشۇپ قېلىشى ياكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قويۇپ بېرىشى نورمال ئىش، ئەمما ئۇيۇشۇپ قېلىشنىڭ ئۇزاققىچە قويۇپ بەرمەسلىكى سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس، بۇ تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن:

 
[1]
بىر تەرەپتىكى قول ۋە بارماقلارنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۇيۇشۇش ئاستا خاراكتېرلىك بولۇپ كۆپ قوزغىلىدۇ، بۇنىڭغا بويۇن ۋە بەل تېلىپ ئاغرىش، قېتىۋېلىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
 
[2]
پۇت- قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى بەل ئومۇرتقىسى كېسەللىكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامىتى پۇت- قوللار تارقاق ئۇيۇشىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنى بەل ئومۇرتقا كېسەللىكى ۋە بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەرىكەتلىنىش قولايسىز بولۇش ھەتتا چوڭ- كىچىك تەرەت توسۇلۇپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
 
[3]
قول بارماقلىرى ئۇيۇشۇپ كۈچسىزلىنىش بېغىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بېغىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى دېگىنىمىز، سۆڭەك سۇنۇش، سۆڭەك بوغۇملىرى چىقىپ كېتىش، قايرىلىپ كېتىش ياكى زورۇقۇپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولغان بېغىش پەيلىرى قېلىنلاپ قېلىش، پەي ياللۇغى ياكى بېغىش سۆڭىكىنىڭ چېكىنىپ ئۆسۈپ قېلىشى، تومۇر ئىچكى دىۋارى تارىيىش سەۋەبىدىن نېرۋىلار بېسىلىپ، پۇت- قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ كۈچسىزلىنىپ قېلىش كېسەللىكىنى كۆرسىتىدۇ.
 
[4]
بىر تەرەپ پۇت- قولنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى مېڭە توسۇلۇشنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئادەمنىڭ بىر تەرىپىدىكى پۇت- قول ئۇيۇشۇپ يەنە بىر تەرىپىدىكى پۇت- قول نورمال بولسا، مېڭە توسۇلۇشنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. مېڭە توسۇلۇشتىن پەيدا بولغان پۇت- قولنىڭ ئۇيۇشۇشى ئادەتتە جىددىي خاراكتېرلىك بولۇش بىلەن بىللە، گەپ- سۆز توسالغۇغا ئۇچراش ۋە يېرىم بەدەننىڭ ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، جىددىي داۋالىتىشقا توغرا كېلىدۇ.
 
[5]
سىممېتىرىك ئۇيۇشۇش قەنت كېسىلىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. قەنت كېسىلىدىن پەيدا بولغان ئەتراپ نېرۋىلارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىدە، پۇتنىڭ سىممېتىرىك ئاغرىشى ۋە بىئارام بولۇشى قولغا قارىغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ. دائىم ئۇيۇشۇش، چۈمۈلە ماڭغاندەك بولۇش، قۇرت ئۆمىلىگەندەك بولۇش، قىزىش ۋە توك سوققاندەك بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بىئارام بولۇش پۇت بارماقلىرىدىن باشلىنىپ تىزغا چىقىدۇ، ئاغرىقتا پايپاق ۋە پەلەي كىيىۋالغاندەك تۇيغۇ بولىدۇ.
 
[6]
ئۇيۇشۇپ ئاغرىش ئۆسمىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ياشانغانلاردىكى پۇت- قوللارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاستا خاراكتېرلىك ئۇيۇشۇپ قويۇپ بەرمەسلىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئۆسمىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پۇت- قوللار ئۇيۇشۇش، كۈچسىزلىنىش ۋە يول مېڭىشى مۇقىم بولماسلىق قاتارلىق نېرۋا ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە چوقۇم ئەتراپلىق تەكشۈرتۈش، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر