ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ 4 ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ: ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/08 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ﮔﯧﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﯘﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﯨﻨﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺳﯩﻐﺪﯗﺭﯞﯦﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ. ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭙﺮﺍﻕ ﻳﯧﻤﯩﺴﻪ، ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻐﯩﻤﯘ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﺘﻪ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻤﻪﻛﭽﻰ.

1.  ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ

ﺑﻪﻙ ﺳﻮﻏﯘﻕ، ﺑﻪﻙ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺯ ﺗﻮﭘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺕ ﺗﻮﭘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻠﻤﺎﻥ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﮪﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ-ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ، ﻳﯧﮕﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺷﻮﺭﭘﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻳﯧﻴﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

2.  ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ

ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﺷﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﺵ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﭖ ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﺷﯘﯕﺎ ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﻣﺎﻳﺴﯩﺰ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻳﯧﻴﯩﺶ، ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯩﯟﻩ-ﭼﯧﯟﻩ ﯞﻩ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﯧﻴﯩﺶ، ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺏ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺋﺎ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺋﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﯧﻴﯩﺶ، ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻗﺴﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﻟﯜﺷﯩﮕﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻗﯧﻨﯩﻖ ﭼﺎﻱ، ﻗﻪﮪﯟﻩ، ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﯨﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

3. ﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ

ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯚﭖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﮔﯚﺵ، ﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯧﻠﯩﻖ، ﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﻰ ﺟﯩﻖ ﻳﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﭼﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻧﯩﺘﺮﯨﺖ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎ ﺗﯘﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻜﺮﻭﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﺪﻩ ﻧﯩﺘﯩﺮﯨﺖ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎ ﺗﯘﺯﻯ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.

4. ﺋﯩﺴﻼﻧﻐﺎﻥ، ﻣﺎﻳﺪﺍ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ

ﮔﯚﺵ ﯞﻩ ﺑﯧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﭖ ﭘﯩﺸﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺭﺍﻙ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﺑﯧﻨﺰﻭﺑﯧﺮﯨﻦ ﯞﻩ ﮪﺎﻟﻘﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﻭﻣﺎﺗﯩﻚ. ﻗﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ، ﻣﺎﻳﺪﺍ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯩﺴﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻳﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺭﺍﻙ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪﺩﻩﺭ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﻤﻪ: ﻛﻮﻧﺎ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ

ﻛﺎﻟﻠﻪﻛﺒﻪﺳﻪﻱ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻛﯚﭖ:

1. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﻣﺎﻱ ﻗﺎﭘﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ

ﻛﺎﻟﻠﻪﻛﺒﻪﺳﻪﻳﺪﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﻳﯘ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺯﻩﺧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﯞﻩ 12 ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﯩﯔ «ﺑﻪﺧﺖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻯ» ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﻛﺎﻟﻠﻪﻛﺒﻪﺳﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﺎﻏﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﯩﮕﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

2.  ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺱ ﭼﺎﺭﭼﺎﺷﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ

ﻛﺎﻟﻠﻪﻛﺒﻪﺳﻪﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺱ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﺎﺭﭼﺎﺷﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺯﯗﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﯩﺘﯧﺖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.

3. ﺭﺍﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ

ﻛﺎﻟﻠﻪﻛﺒﻪﺳﻪﻳﺪﻩ ﺭﺍﻙ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﺎﺭ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:ﺋﯩﻨﺪﻭﻝ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯩﺰﻭﺗﯩﺌﻮ ﺳﯩﻴﺎﻧﯩﺪ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﻯ، ﭘﺮﻭﻛﺴﯧﺪﺍﺯﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯜﺭﻩﻙ-ﻣﯧﯖﻪ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ.

ﻛﺎﻟﻠﻪﻛﺒﻪﺳﻪﻳﺪﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺱ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯜﭺ ﻗﯘﻻﻕ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺱ ﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻛﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻜﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﻳﯘ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺳﯘﺩﺍ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﻳﯧﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﻗﻪﻟﻪﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﻟﺪﺍ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﭖ، ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺳﺎﻻﺗﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﺎﻟﻠﻪﻛﺒﻪﺳﻪﻱ ﺗﻪﺑﺌﯩﺘﻰ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺳﻮﻏﯘﻗﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﭖ ﻳﯧﺴﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر