ﻳﺎﺷﻼﺭ 10 ﺧﯩﻞ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، %90-%80 ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﯩﻨﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻢ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﺴﻠﯩﻐﺎﻥ، ﺗﯘﺯ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻛﯚﭖ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﯞﻩ ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻓﯘﻧﻜﯩﺴﯩﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﺑﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺘﯩﯟﯦﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﻰ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 5 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ 35-19 ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 30 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺳﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ %90ﺗﯩﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺑﯩﻤﺎﺭ 10 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ-ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺭﺍﻙ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯗ.
10 ﺧﯩﻞ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺭﺍﻛﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ:
1. ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﮪﺎﻟﻪﺕ، ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻚ
2. ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﯜﻧﻪﺵ
3. ﻗﻮﺭﺳﺎﻗﻨﻰ ﺗﺎﺯﺍ ﺋﺎﭼﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﻜﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﻴﯩﺶ
4. ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺗﯘﺯﻟﯩﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺶ
5. ﺋﯩﺴﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﻳﺪﺍ ﻗﻮﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﻴﯩﺶ
6. ﻳﯧﯖﻰ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﯞﻩ ﻣﯧﯟﻩ-ﭼﯩﯟﻩ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ
7. ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺶ
8. ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ
9. ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ
10. ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ.
ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻛﯚﭘﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﻮﺭﯗﻗﻼﺵ، ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺶ، ﺋﯚﺕ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﭼﻮﯓ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻩﯕﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؟
1. ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﮪﺎﭘﯩﻼ-ﺷﺎﭘﯩﻼ ﻳﯧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ. ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯧﺰﯨﻠﯩﺶ، ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺳﯘﻳﯘﻕ ﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯜﭼﻪﻳﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﭼﺎﻳﻨﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﺎﭺ ﺑﯚﺭﯨﺪﻩﻙ ﻳﯧﻴﯩﻠﺴﻪ، ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯗ. ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﺳﺎ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯗ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﭼﺎﻳﻨﺎﭖ، ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﻱ ﻳﯘﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺷﯚﻟﮕﻪﻱ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﮔﯩﻠﻰ، ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺕ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﻘﯩﻠﻰ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
2. ﻗﻪﮪﯟﻩ ﯞﻩ ﻗﯧﻨﯩﻖ ﺩﻩﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭼﺎﻱ ﺋﯩﭽﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻗﻪﮪﯟﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﻨﯩﻖ ﺩﻩﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭼﺎﻱ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺭﻭﮪﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻓﯘﻧﻜﯩﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
3. ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺶ.
ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﯘﺯﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ 3 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ:
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ، ﺋﺎﺗﺴﯧﺘﯩﻞ ﺳﺎﻟﯩﺘﺴﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﯨﻦ
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﻓﯧﻨﯩﻠﺒﯘﺗﺎﺯﻭﻥ، ﻳﺎﻟﻠﯘﻍ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ، ﺑﯩﺮﯗﻓﯧﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯧﺘﺮﻭﺋﯩﺪﺳﯩﺰ ﺋﺎﺗﯩﺒﻴﻮﺗﯩﻜﻨﯩﯔ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ، ﻛﻮﺭﺗﯩﻜﻮﺳﺘﯧﺮﻭﺋﯩﺪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮪﻮﺭﻣﻮﻥ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﻭﺭﺍ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ.
4. ﺑﻪﻙ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ.
ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﻪﺷﻜﻪﻥ، ﭼﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﻪ ﭘﻮﺳﺘﻼﻕ ﻗﻪﯞﯨﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻟﯩﻤﺒﯩﻚ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ، ﯞﯦﮕﯧﺘﺎﺗﯩﯟ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻓﯘﻧﻜﺴﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﯞﻩ ﺋﯜﭼﻪﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯧﭙﺴﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺍﻳﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﺍ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻗﻪﯞﯨﺘﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.
5. ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ، ﺋﯜﭼﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻟﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻓﯘﻧﻜﯩﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ، ﺷﯩﻠﯩﻤﺸﯩﻖ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﺪﯗ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﻩ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
6. ﮪﺎﺭﺍﻗﻘﺎ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺵ.
ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺕ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﻰ ﻗﯧﺘﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ، ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺯﻩﺧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺵ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
7. ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺧﯘﻣﺎﺭﻯ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ.
ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺍﻳﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺮﻭﺳﺘﺎﮔﻼﻧﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻓﺎﻛﺘﻮﺭ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﻼﺗﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﭘﯩﺮﻭﺗﯧﺌﯩﻨﺎﺯﺍﻧﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﻨﻰ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯗ.
8. ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﯕﭙﯘﯓ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ. ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﻼﺗﺎﺳﻰ، ﭘﯩﺮﻭﺗﯧﺌﯩﻨﺎﺯﺍﻧﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺷﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ-ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺗﻮﻳﯘﻧﯘﭖ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﯨﻤﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺩﯨﯟﺍﺭﻯ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚﭘﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﯘﺯﺍﺭﺳﺎ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯗ.
9. ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ.
ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﺑﯘﺭﻣﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﻩ 12 ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﺑﯘ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ %70ﻛﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﻗﺎﭼﺎ-ﻗﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﭼﯩﺶ ﻛﻮﻟﯩﻐﯘﭼﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺳﯚﻳﯜﺷﯜﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ، ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
10. ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺗﻮﻳﯘﻧﯘﭖ ﻳﻪﯞﯦﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﻮﻝ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﺧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺳﻪﻣﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻛﯧﺴﻼﺗﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر