ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻣﺴﯩﺰ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/18 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ 50-80 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﯕﮕﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﻮﻟﻼﭖ، ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﺴﯩﻼ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ 10 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﺘﯩﻦ 15 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻘﯩﭽﻪ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯘﻧﯩﻤﯩﺰ. ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﺎﻻﻳﺪﯗ، ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

1.  ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ

ﺑﻮﯞﺍﻕ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺧﺎﻣﯘﺵ، ﭼﯜﺷﻜﯜﻥ، ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ، ﮪﻪﻣﯩﺸﻪ ﮪﯧﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ(ﮪﻪﺗﺘﺎ ﻳﯘﻳﯘﻧﻐﯘﺳﻰ، ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﯘﺳﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ). ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﺮﻯ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺑﻮﯞﯨﻘﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﮪﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺑﻪﻙ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺶ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﻤﯩﺰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﻐﯘﻟﯘﻕ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

2.  ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮪﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ(ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ، ﺑﻮﻳﻨﯩﺪﺍ، ﺩﯛﻣﺒﯩﺴﯩﺪﻩ) ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﺪﻩ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻳﺪﻩ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﮪﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﻪﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺗﯩﺖ-ﺗﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺳﯩﺮﯨﺘﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺗﯧﻠﻔﯘﻥ ﺋﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﺕ ﻳﺎﺯﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

3.  ﺋﺎﻻﻗﺰﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ

ﺧﺎﻣﯘﺵ ﺋﺎﻧﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻗﺘﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﻻﻗﺰﺍﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﮪﻪﻡ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻖ ﮪﻪﻡ ﺗﯩﻨﯩﭽﻼﻧﻐﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

4.  ﺧﺎﻣﯘﺵ ﺋﺎﻧﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻣﻪﯓ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﯓ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﭘﺎﺭﺗﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

5.  ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ﭘﯩﻜﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ

ﺧﺎﻣﯘﺵ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻻﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ، ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ، ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ. ﺋﯘ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﻮﯞﯨﻘﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

6.  ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ

ﺧﺎﻣﯘﺵ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﺯﯦﮭﻨﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﭘﯩﺮﻭﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻤﯘ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﻙ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.

7.  ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ

ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺪﺍ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﺎﻱ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﺩﻩﻡ ﻗﯧﭽﯩﭗ، ﺩﻩﻡ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﯩﻨﯩﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﺴﯩﻼ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ.

8.  ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﺳﯘﺳﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ

ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻰ ﺳﯘﺳﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﮕﯩﭽﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﻐﯘﭼﻪ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﻪﯞﺭﭼﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺷﻘﯩﻤﯘ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺭﻭﮪﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺩﯨﺌﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺴﺎ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﺴﺎ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر