ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯﺩﻩ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﯔ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ، ﺷﻪﻛﻠﻰ ﻛﯧﭙﯩﻨﻪﻛﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻛﯧﻜﯩﺮﺩﻩﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﻰ، ﻛﺎﻧﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯘﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻛﯧﻜﯩﺮﺩﻩﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﺳﺘﻰ-ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﮪﻮﺭﻣﻮﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﯛﭖ،ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﻳﺪﯗ.

ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭘﻼ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮪﻮﺩﻭﻗﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ-ﺩﻩ: ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﻪﻙ؟ ﺋﯚﺳﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺳﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻻﺭﻣﯘ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺷﺘﻪ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ،ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﻤﯘ؟

ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﻩﻣﺪﯗ؟ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ، ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ

ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﻰ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﻜﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﻪﻛﻜﻪ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﻤﯘ، ﻛﯚﭖ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ، ﻳﺎﻛﻰ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﭗ،ﻗﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ.

ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﮪﺪﯨﺖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻣﺪﯗ-ﻳﻮﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ. ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﻪﻙ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﻪﻛﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ، ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﻪﻙ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ، ﺋﯚﺳﯜﺵ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮪﻪﺭﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺩﯨﺌﺎﻣﯧﺘﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻟﺘﯩﺮﺍ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﯩﺪﻩ «ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺳﺎﺩﺍ، ﻳﯩﺮﯨﻚ ﻛﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻴﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﺎﺭ، ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﻪﻙ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻗﺎﻥ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﺳﯩﮕﯩﻨﺎﻟﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪﻯ» ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻻﺑﻮﺭﺍﺗﻮﺭﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﮪﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﻪﻛﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ.

ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﮪﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺧﻪﯞﯨﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺗﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﺩﺩﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯﻧﻰ ﺋﯘﻟﺘﯩﺮﺍ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﺪﺍ، ﻻﺑﻮﺭﺍﺗﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﻪﻛﻨﯩﯔ ﺩﯨﺌﺎﻣﯧﺘﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻟﺘﯩﺮﺍ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﯩﺪﻩ «ﺗﯚﯞﻩﻥ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺳﺎﺩﺍ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻴﻼﺷﻘﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﮪﻮﺷﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﻣﻪﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻛﻜﻪ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻟﺘﯩﺮﺍ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﯩﺪﺍ، ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﻰ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﮪﺎﻣﺎﻥ، ﮪﻮﺷﻴﺎﺭ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﻪﻛﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻜﻪ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﻰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺳﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﮪﻮﺭﻣﻮﻧﻰ ﺋﺎﺟﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺟﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﻟﯩﺸﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﮪﻮﺭﻣﻮﻧﯩﻐﺎ، ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺋﯚﺳﻤﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﺟﯩﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﺴﺎ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺮﺍﺗﻤﺎ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯩﻘﻰ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﮪﻮﺭﻣﻮﻧﻰ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ: ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ، ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺗﯧﺰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯦﺘﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻗﻮﻝ ﺗﯩﺘﺮﻩﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺗﻮﺧﺘﺎﺵ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ.

ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺑﻪﺯﻯ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﻰ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﭗ ﻛﺎﻧﺎﻳﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﺎﻧﺎﻱ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﺎﻳﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﻪﻛﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯧﺴﯩﻢ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺗﯘﺭﺍﻗﺴﯩﺰ، ﻗﺎﻳﻐﯘ-ﮪﻪﺳﺮﻩﺕ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﯕﺎ ﻗﺎﻟﻘﺎﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ﺑﻪﺯ ﺗﯜﮔﯜﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﮪﺎﻣﺎﻥ، ﺑﻪﻙ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﻟﻤﺎﯓ، ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ ﺩﻩﻛﻜﻪ-ﺩﯛﻛﻜﯩﺪﻩ، ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ. ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ،ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺗﯜﻧﯩﻤﻪﯓ. ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻗﻮﻳﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯔ. ﺗﯩﻨﭻ ﺭﻭﮪﯩﻲ-ﮪﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﯓ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر