يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ياخشى بولمىغان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، ساغلام بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوللانسا، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

1. قان بېسىمىنى قەرەللىك ئۆلچىتىش

قان بېسىمىنى قەرەللىك ئۆلچىتىش يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىنى بالدۇر بايقاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى. جەمەتىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلار بالىلىق مەزگىلىدىن باشلاپ قان بېسىمىنى قەرەللىك ئۆلچىتىپ تۇرۇشى زۆرۈر. ساغلام بالىلارنىڭ قىسقىراش بېسىمى mmHg=  2+(80)×ياش، كېڭىيىش بېسىمى قىسقىراش بېسىمىنىڭ 3/5 ـ 2/3 ىچىلىك بولىدۇ. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ نورمال قان بېسىمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قىممىتى 120/80mmHg بولىدۇ. جەمەتىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى يوقلار 40 ياشتىن باشلاپ قان بېسىمىنى قەرەللىك ئۆلچىتىپ تۇرۇشى، ھېچقانداق بىئاراملىق بولمىسىمۇ(دەسلەپكى مەزگىلدىكى يۇقىرى قان بېسىم بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك يۇقىرى قان بېسىمدا روشەن كېسەل ئالامىتى بولمايدۇ) ھەر يىلى ئاز دېگەندە 2 - 3 قېتىم  ئۆلچىتىپ تۇرۇش كېرەك. باش قېيىش، باش ئاغرىش، قۇلاق غوڭۇلداش، ئۇيقۇسىزلىق، ھودۇقۇش، مەيدىسى چىڭقىلىش، ھالسىزلىنىش، ئېنىق كۆرەلمەسلىك، بوينى قاتتىق بولۇپ قېلىش، باش تېرىسى ئۇيۇشۇپ قېلىش، كىچىك تەرىتى ئازىيىش، ئىششىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا قان بېسىمىنى ئۆلچىتىش كېرەك.

2. تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش

تەتقىقاتتا تۇز بىلەن يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ ئوڭ تاناسىپ ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. ناترىينى ئاز قوبۇل قىلىدىغان كىشىلەردە ئاساسەن دېگۈدەك يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى كۆرۈلمەيدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كۈنلۈك تۇز ئىستېمال مىقدارى 5g – 3gبولسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى، 6gدىن ئىشىپ كەتمەسلىكىنى بېكىتكەن، مۇشۇ ئۆلچەمگە ئەمەل قىلسا، يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. جەمەتىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلار ھەر  كۈنى  3g – 2g تۇز ئىستېمال قىلسا مۇۋاپىق.

3. تاماكا چەكمەسلىك، ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك

تاماكا چېكىش قان بېسىمىنى ئۆرلىتىپ، يۈرەك سوقۇشنى تېزلىتىدۇ. بىر تال تاماكا چەكسە، بەزىدە قان بېسىمىنى 25mmHg ئۆرلىتىۋېتىدۇ. نىكوتىن قاننى ئاساسىي نېرۋىغا قاراپ ئاققۇزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادرېنالىن ئاجرالمىلىرىنى كۆپەيتىۋېتىپ، ئۇششاق سوققاق تومۇرلارنى تارايتىۋېتىدۇ. تاماكىنى كۆپ چەكسە، ئۇششاق تومۇرلار تارىيىپ، ۋاقىت ئۇزارسا، سوققاق تومۇر دىۋارى ئۆزگىرىش، قېتىش، قان تومۇر ئىچى تارىيىش كۆرۈلۈپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك يۇقىرى قان بېسىم پەيدا بولىدۇ.

ھاراقنى كۆپ ئىچىش يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى، شۇڭا بەك كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك.

4. ئورۇقلاش

ئورۇقلاش -يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، سېمىز كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى تەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەردىن 5 - 10 يىل قىسقا بولىدىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى سېمىزلىك يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يۈرەك يوغىناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۈرەك سانجىقى، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ؛ يەنە سوققاق تومۇر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان تومۇرنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى تۆۋەنلىتىدۇ، چۈرۈكلۈكىنى ئاشۇرىدۇ، ئاسانلا يۇقىرى قان بېسىم ۋە مېڭىگە قان چۈشۈش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئورۇقلاشنىڭ ئۇسۇلى ھەر خىل، نېگىزلىك قىلىپ ئېيتقاندا 2 نۇقتىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: بىرى، ئازراق غىزالىنىش، قەنت، ياغ مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى تىزگىنلەش، ئاز ـ ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىش؛ يەنە بىرى، كۆپ ھەرىكەت قىلىش، چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىش ھەم بۇ ئىككىسىنى ماسلاشتۇرۇش لازىم.

5. مۇۋاپىق چېنىقىش

«ھاياتلىق ھەرىكەتتە» دېگەن پەلسەپەنى ھەركىم بىلىدۇ. ھەرىكەت ئاز بولسا، بەدەندە ياغ يىغىلىپ، ئېغىرلىق تەبىئىيلا ئاشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان بېسىمىمۇ ئۆرلەيدۇ. مۇۋاپىق چېنىقىپ، ھەرىكەت قىلسا، سىڭىرلار بوشىشىپ، تومۇر راۋانلىشىپ، قان ياخشى ئايلىنىدۇ، جىددىيلىك پەسىيىدۇ، بۇ قان بېسىمىنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق. ئادەتتە، پىيادە مېڭىش، ئاستا يۈگرۈش، تەيجى گۇمپىسى ئويناش قاتارلىقلار رىتىمى ئاستا، ھەرىكەت مىقدارى ئاز تۈرلەردۇر، ھەرىكەت مىقدارى چارچىمىغۇدەك بولسا مۇۋاپىق. سوغۇق قان تومۇرنى تارايتىپ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ، ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئۆي ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى، سوغۇق كۈنلىرى سىرتقا كۆپ چىقماسلىقى لازىم، پەلەمپەيدىن چىقىپ ـ چۈشۈش ھەرىكىتى قىلسىمۇ بولىدۇ، ئەمما چوقۇم ئاستىراق بولۇشى لازىم.

6. كىرىتىك يۇقىرى قان بېسىمنى ۋاقتىدا تىزگىنلەش

كىرىتىك يۇقىرى قان بېسىم نورمال قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى قىممىتىنى بىلدۈرىدۇ، يەنى قىسقىراش بېسىمى 140mmHg – 120mmHg ۋە كېڭىيىش بېسىمى 89mmHg – 80mmHg بولۇپ، كۆڭۈلدىكىدەك قان بېسىمدىن يۇقىرى قان بېسىم، دەپ دىياگنوز قويۇشتىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچنى كۆرسىتىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، كىرىتىك يۇقىرى قان بېسىم بولغانلارنىڭ 5 يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى قان بېسىمى نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا 2 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. كىرىتىك يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئاۋۋال دورا ئىشلەتمەي داۋالانسا بولىدۇ. يۇقىرىدا سۆزلەنگەن تەدبىرلەردىن باشقا، يەنە فىزىكىلىق داۋالاش، يىڭنە سانجىپ ۋە داغلاپ داۋالاش قاتارلىقلار بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى.

7. روھىي جەھەتتىن بەك جىددىيلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

يۇقىرى قان بېسىم بىر خىل روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى كېسەل. ھەرقانداق روھىي جەھەتتىكى غىدىقلىنىشتا سىمپاتىك نېرۋا ئويغىنىپ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىدۇ، تاشقى ئەتراپ قان تومۇرلاردا قارشىلىق كۈچ ئاشىدۇ، كېڭىيىش بېسىمى روشەن ھالدا ئۆرلەيدۇ، قان بېسىم مۇشۇنداق تەكرار ئۆرلىسە، يۇقىرى قان بېسىم پەيدا بولىدۇ. ئەگەر، كەيپىياتنى ياخشى ساقلىسا، قان بېسىم تۇراقلىق بولىدۇ، ئەگەشمە كېسەللەرمۇ ئاز كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، بىرەر مۇشكىلاتقا يولۇققاندا سوغۇققان بولۇش، كۆڭۈلسىز ئىشلارغا يولۇققاندا سەۋرچان بولۇش، ئۆزىنى تۇتۇشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. كۆڭۈلسىزلىكلەرنى يوقىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش، مەسىلەن، ئۆيدىكىلەر، دوستلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلىشىش؛ ئاچچىقى كېلىدىغان ئىشلارغا ئۇچرىغاندا ئۇ يەردىن ئايرىلىش، باشقا ئىشلارنى قىلىپ، دىققەتنى چېچىش ئارقىلىق نارازىلىق كەيپىياتنى يوقىتىش كېرەك. تۇرمۇشنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش، كۆڭۈلنى ئازادە تۇتۇپ، كاللىغا تەسىر قىلىدىغان ئىشلاردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر