جىگەرنى ئاسراشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  جىگەر بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان ئەزا بولۇپ، بەدەندىكى زىيانلىق ماددا ۋە زەھەرنى تازىلايدۇ. جىگەرنى ئاسراشتا ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشتىن سىرت، يېمەك ـ ئىچمەككىمۇ دىققەت قىلىش لازىم. بەزى يېمەك -ئىچمەك ئادىتى جىگەر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزى يېمەكلىكلەر بولسا جىگەر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 
جىگەرگە زىيانلىق 3 خىل يېمەك - ئىچمەك ئادىتى
 
1. ھاراقنى كۆپ ئىچىش
 
ھاراقنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئىسپىرت بولۇپ، ئىسپىرت بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن %90 ى جىگەر ئارقىلىق، %10 ى ئاشقازان ۋە ئۈچەي ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. ئالكوھول ئىسپىرتنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولۇپ، ئوكسىدلىنىش ئارقىلىق ئېتىل ئالدېھىدقا ئايلىنىدۇ، ھاراقنى كۆپ ئىچسە بۇ ئىككى خىل ماددا جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
 
2. ياغ، ئاقسىل ۋە قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش
 
ياغ، ئاقسىل ۋە قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، جىگەرنىڭ يۈكى ئېشپ كېتىدۇ، بۇ ھەم ياغلىق جىگەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقاتلاردا بايقىلىىشىچە، ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەردە كۆپ مىقداردا لىپىد بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرىدە ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى جانلىنىپ ھەم جىگەرگە يۆتكىلىپ، جىگەر ھۈجەيرىلىرى بىلەن تەسىرلىشىش ئارقىلىق بىر قىسىم جىگەر كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەگەر، ياخشىراق تىزگىنلىمىسە، جىگەر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
 
3. قالايمىقان دورا ئىچىش
 
ھەرقانداق دورا مەلۇم دەرىجىدە ئەكس تەسىرگە ئىگە بولۇپ، توغرا ئىشلەتسە كېسەل داۋالايدۇ، ئەمما ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا، ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قالايمىقان دورا ئشلىتىش، بولۇپمۇ ئورۇقلىتىش دورىسى، قۇۋۋەت دورىسى ۋە ئانتىبىيوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش سەۋەبلىك جىگىرى زىيانغا ئۇچرىغان بىمارلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. شۇڭا، ئۆزى بىلگەنچە دورا ئىستېمال قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.
 
جىگەرگە پايدىلىق 3 خىل مېۋە
 
 
1. تاۋۇز
تاۋۇز ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن سىرت، يەنە دورىلىق قىممەتكە ئىگە. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، تاۋۇز كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىششىقنى ياندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، بەدەندىكى نەملىك ۋە ئارتۇقچە سۇنى چىقىرىپ تاشلايدۇ. تاۋۇز تەركىبىدىكى پىروتېئىنازا ئېرىمەس ئاقسىلنى ئېرىشچان ئاقسىلغا ئايلاندۇرالايدۇ، تاۋۇز تەركىبىدىكى گىلىكوزىدنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولى بار. تاۋۇز جىگەرگە پايدىلىق بولۇپ، جىگەر كېسىلىنى داۋالاشتىكى تەبىئي دورا ھېسابلىنىدۇ.
 
 
2. بانان
باناننىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، ئاقسىل ۋە كالىي قاتارلىق پايدىلىق تەركىبلەر مول. بانان تەركىبىدىكى ۋىتامىن B1 ۋە ۋىتامىن E جىگەرنىڭ ئىسپىرتنى تازىلىشىدا ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. بۇلاردىن باشقا، بانان جىگەر ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە قايتا ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جىگەرنى قوغدايدۇ.
 
 
3. ئۈزۈم
ئۈزۈم تەركىبىدە كالىي، كالتسىي، فوسفور، ۋىتامىن B1، B2، P قاتارلىق ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار مول بولۇش بىلەن بىرگە، تەركىبىدىكى پولىفېنول قاتارلىق ماددىلار بەدەندىكى ئەركىن رادىكاللارنى «تازىلىغۇچى» بولۇپ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، جىگەر ئىقتىدارىنى تەڭشەش، ئەركىن رادىكالنىڭ جىگەرگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. جىگەر ئاسراشتىكى ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر