ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﺎﻥ-ﺗﻮﻣﯘﻻﺭ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻗﺎﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﺗﻮﻣﯘﺭﺩﺍ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺋﺎﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺧﻪﯞﭖ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ:

ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺩﯨﻤﻰ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺶ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪ ﻛﻪﭘﻠﻪﺷﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘﺯﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰﻻ ﻧﻪﭘﯩﺴﻰ ﺳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﭘﯘﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﯦﻨﺎ ﻗﺎﻥ ﻧﯚﻛﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﺮﺍﭖ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪﺳﻰ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪ ﻛﻪﭘﻠﻪﺷﻤﯩﺴﻰ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﺴﺎ ﺗﺎﺟﺴﯩﻤﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺗﺎﺟﺴﯩﻤﺎﻥ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﺭﯨﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ، ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺠﯩﻞ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺗﺎﺟﺴﯩﻤﺎﻥ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﻗﺎﻥ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﺋﯘﺩﺍ 15-20 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺋﯩﻨﻔﺎﺭﻛﯩﺘﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.   

ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻟﻰ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ، ﺳﻪﻛﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﭘﯘﺕ، ﻣﯧﯖﻪ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪﺳﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻳﯘﻥ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﮔﻪﭖ-ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺯﺩﯨﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ، ﻛﯚﺯﻯ ﻣﺎﻳﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻛﯚﺯﻯ ﻏﯘﯞﺍﻟﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ، ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﻟﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. 

ﺳﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪﺳﻰ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯧﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪﺳﻰ ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪﺳﯩﺪﻩ ﺩﺍﻍ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭗ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ، ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ، ﺳﯜﻳﺪﯛﻙ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ، ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﺯﻩﮪﻪﺭﻧﻰ ﮪﻪﻳﺪﻩﺵ» ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﯘﺗﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺴﺎ، ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﻣﯜﭼﻪ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪﺳﻰ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﭘﯘﺗﻘﺎ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻣﺎﯕﺴﺎ ﭘﯘﺗﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﯕﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻏﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﻣﯜﭼﻪ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪﺳﻰ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﻟﺴﺎ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ، ﭘﯘﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﻱ، ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﭘﯘﺗﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻝ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳﺎﺭﺍ ﺋﯧﻐﯩﺰﻯ ﺳﺎﻗﺎﻳﻤﺎﻱ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﯩﻼﺭ ﺋﯚﻟﯜﺷﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺳﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﯜﭼﻪ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﯜﭼﻪ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ، ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪ ﺳﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﭖ، ﻗﻮﻟﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺵ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﻮﻝ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻥ «ﺋﻮﻏﺮﯨﻼﺵ»، ﺑﺎﺵ ﻗﯧﻴﯩﺶ، ﺩﻩﺱ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﭘﯘﺕ ﺳﯩﻤﻤﯧﺘﺮﯨﻜﺴﯩﺰ ﺳﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﻘﻰ، ﭘﯘﺗﺘﯩﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﯞﯦﻨﺎ ﻗﺎﻥ ﻧﯚﻛﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ، ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺳﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﯧﻨﯩﺪﻩ ﺋﯚﺳﻤﻪ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺗﻰ ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ، ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﯞﯦﻨﺎ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻧﻰ ﺗﻮﺳﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ، ﻗﺎﻥ ﻧﯚﻛﭽﯩﺴﻰ ﮪﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯘﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﺸﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﻜﻰ ﻣﯜﭼﻪ ﯞﯦﻨﺎﺳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﻧﯚﻛﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﺟﺮﺍﭖ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﯞﺍﻟﯩﺪﯗ. 

ﻣﻪﻧﺒﻪ: ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر