قان قەنتىنى ئېگىزپەس قىلغۇچى سەۋەبلەرۋە دىيابېت بولماس چارىلەر

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

قان قەنتىنى تىزگىنلەش زىيابىتۇس(دىيابېت) بىمارلىرىنى داۋالاشقا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى، ئەمما بىر قىسىم زىيابىتۇس بىمارلىرى شۇنچە چېنىقسىمۇ، يېمەك ـ ئىچمەك ۋە دورا يېيىشكە شۇنچە دىققەت قىلسىمۇ، قان قەنتىدە يەنىلا ئېگىز ـ پەسلىك كۆرۈلىدۇ. قان قەنتى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ سەۋەبى بەلكىم ئادەتتە تۇرمۇشتا بەزى ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

 

1. كوففېئىن
قەھۋە زىيابىتۇس بىمارلىرىنىڭ قان قەنتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ مەنبەسى كوففېئىن. پەمىل چاي، كۆك چاي قاتارلىقلاردىمۇ كوففېئىن بولىدۇ. ئەمما، يېمەك ـ ئىچمەكنىڭ قان قەنتىگە بولغان تەسىرى بەدەنگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ، شۇڭا زىيابىتۇس بىمارلىرى ئۆزى ئىچكەن ئىچىملىكلەرنىڭ قان قەنتى ئۆزگىرىشىگە بولغان تەسىرىنى ۋاقتىدا خاتىرىلەپ تۇرۇشى زۆرۈر.

2. تەنھەرىكەت ئىچىملىكلىرى
تەنھەرىكەت ئىچىملىكلىرى تېز سۈرئەتتە سۇ تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى تاتلىق ئىچىملىكلەردىكىگە ئوخشاش كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، زىيابىتۇس بىمارلىرى تەنھەرىكەت ئىچىملىكلىرىنى ئىچىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ، بۇ ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى كاربون ـ سۇ بىرىكمىلىرى ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ ئۆزىگە زىيان قىلىدىغان -قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشى كېرەك.

3. قېتىق
قېتىق تەركىبىدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەر ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، شۇنداقلا يەنە قان قەنتىنى تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىدۇ. ئەمما، بەزى قېتىقلارغا مېۋە ياكى قەنت قوشۇلغان بولىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى قەنت قوشۇلمىغان ئەسلى تەملىكىنى ئىچىش كېرەك.

4. ھاراق
ھاراق ئىچسە، كۆپ مىقداردىكى كاربون ـ سۇ بىرىكمىلىرى بەدەنگە قوبۇل قىلىنىپ، قان قەنتى ئۆرلەيدۇ، شۇڭا ھاراق ئىچكەندە قان قەنتىنى ئۆلچەپ تۇرۇش كېرەك.

5. مېۋە قېقى
مېۋە ـ چىۋە ناھايىتى ساغلام يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ، ئەمما مېۋە قېقىنى ئۇنداق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بەزى مېۋە قېقىدا كاربون ـ سۇ بىرىكمىلىرى مول بولۇپ، كىچىك ئىككى قوشۇق قۇرۇق ئۈزۈم ياكى بىر تال قاق تەركىبىدىكى كاربون ـ سۇ بىرىكمىلىرى نەچچە تال مېۋىنىڭكىگە باراۋەر كېلىدۇ.

6. قەنتسىز يېمەكلىكلەر
قەنتسىز يېمەكلىكلەرمۇ قان قەنتىنى ئۆرلىتىۋېتەمدۇ؟ شۇنداق. چۈنكى، بۇ يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى كىراخمال ئوخشاشلا كاربون ـ سۇ بىرىكمىلىرى ھېسابلىنىدۇ. كسىلىتول(木糖醇)، سوربىد(山梨糖醇) قاتارلىقلاردىنمۇ ئوخشاشلا ئېھتىيات قىلىش كېرەك، گەرچە ئۇلاردىكى قەنت مىقدارى قومۇش شېكىرىنىڭكىدىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما قان قەنتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

7. زۇكام دورىلىرى
ئورگانىزملار كېسەلگە تاقابىل تۇرغان چاغدا قان قەنتى ئۆرلەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك. زۇكام دورىسى تاللىغاندا، ئىمكانقەدەر قەنتىسز ياكى ئىسپىرتسىز دورىلارنى تاللاش كېرەك، مەسىلەن، دىماق پۈتۈشنى يەڭگىللىتىدىغان ئېفېدرىن(ماخۇاڭجيەن 麻黄碱) قاتارلىقلار قان قەنتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، كاڭزۇئەنجى(抗组胺剂) قان قەنتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، شۇڭا دورا سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى ئەڭ ياخشىسى دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.

8. ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلار
بوغۇم ياللۇغى، زىققا قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان پرېدنىزون(چياڭدىسۇڭ 强的松) قاتارلىق پوستلاق ماددىسى تۈرىدىكى سىتېرول دورىلىرى قان قەنتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، ھەتتا زىيابىتۇس كېسىلىنى قوزغايدۇ. تەركىبىدە ئانىلىق ھورمۇن بولغان دورىلارمۇ ئورگانىزملارنىڭ ئىنسۇلىننى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەمما ھامىلدارلىقتىن ساقلاش دورىلىرى ئايال زىيابىتۇس بىمارلىرىغا نىسبەتەن يەنىلا بىخەتەر ھېسابلىنىدۇ.

9. ئانىلىق ھورمۇن
ئانىلىق ھورمۇندا ئۆزگىرىش بولسا، قان قەنتىدىمۇ ماس ھالدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. شۇڭا، ئايال زىيابىتۇس بىمارلىرى ئەڭ ياخشىسى ھەر ئايدىكى ئادەت مەزگىلىنى خاتىرىلەپ، ھەيز دەۋرىنىڭ كېسىلىگە بولغان تەسىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ھەيز كېسىلىش دەۋرىدە ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئۆزگىرىشى قان قەنتىنى تىزگىنلەشنى قىيىنلاشتۇرىدۇ. ئەگەر، ھورمۇن ئارقىلىق داۋالىنىۋاتقان بولسا، چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.

10. روھىي بېسىم
بېسىم ھېس قىلغاندا ئورگانىزملار بەزى قان قەنتىنى ئۆرلىتىۋېتىدىغان ھورمۇنلارنى چىقىرىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال Ⅱ تىپلىق زىيابىتۇس بىمارلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ.

11. ئىسسىق ھاۋا
يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قان قەنتىنى تىزگىنلەش تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ ھەمدە دورا، قان قەنتىنى ئۆلچىگۈچ ۋە سىناق قەغىزىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھاۋا ئىسسىق مەزگىلدە زىيابىتۇس بىمارلىرى قان قەنتىنى ئۆلچەپ تۇرۇشقا ئېرىنمەسلىكى، كۆپرەك سۇ ئىچىپ بەدەن سۇسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە دورا ۋە سىناق قەغىزى قاتارلىقلارنى ھەرگىز ماشىنا قاتارلىق ئىسسىق جايلاردا ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك.

ئۆمۈربويى دىيابېت بولمايدىغان چارىلەر

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر