نوقۇل سېمىزلىكمۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرىدۇ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بەزى ئاساسلىق ساغلاملىق كۆرسەتكۈچلىرى نورمال بولغان سېمىز كىشىلەر ئۆزىنىڭ سېمىزلىكىگە ئانچە ئېرەن قىلماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئەنگلىيە ئىمپېرىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، نوقۇل سېمىزلىكمۇ بۇ خىل كىشىلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار ئىلگىرىكى بىر تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى ساغلاملىق تەكشۈرۈش (ياۋروپا قىتئەسىدىكى 10 دۆلەتتىن كەلگەن 500 مىڭدىن كۆپرەك كىشى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان) سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ، بەدەن ئېغىرلىقى بىلەن يۈرەك كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئانالىز قىلغان. ئانالىز نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى نورمال كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، نۇقۇل سېمىز ياكى ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى %28 يۇقىرى بولىدىكەن. بۇنىڭغا ئالاقىدار دوكلات «ياۋروپا يۈرەك كېسەللىرى ئىلمى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان.

دوكلات تەييارلىغۇچىلارنىڭ بىرى، ئىمپېرىيە تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتى ئالىمى جۇئاننا زۇراچنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ئۆزىنى «ساغلام» دەپ بىلىدىغان سېمىز كىشىلەرگە نىسبەتەن، گەرچە ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ساغلاملىققا پايدىسىز ئۆزگىرىشلەر دەرھال ئىپادىلەنمىسىمۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يەنىلا يۈرەك كېسىلىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.

تەتقىقاتچىلار يۇقىرىدىكى تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئالاقىدار ھۆكۈمەت تارماقلىرى تېخىمۇ كۆپ بولغان سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ قارىغان.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر