ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/17 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ:

ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺴﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻨﻼ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ:

ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ، ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻤﻤﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺑﯘ «1-ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﯩﻞ» ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﮪﯧﭽﻨﯧﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻧﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﯨﻘﯩﺪﺍ ﭼﺎﺗﺎﻕ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﯘ ﭼﺎﺗﺎﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﻰ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻤﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎﯞﺍﺑﯩﺌﺎﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ-ﺳﺎﯞﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺳﯘﻧﯘﺷﻨﻰ ﻻﻳﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

1-ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ: ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺵ.

ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯘﺭﻣﯩﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ. ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﺎﺋﻪﺕ 10ﺩﺍ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﺘﯘﻕ.

ﺋﯘ: ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﯧﯖﯩﻜﯩﻢ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ.

ﻣﻪﻥ: ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥ ﮔﯚﺷﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﯞﺍﻟﺪﯨﯖﯩﺰ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﺎﻳﻨﯩﻐﺎﻧﻤﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟

ﺋﯘ: ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯧﯖﻪﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺩﻩﻳﺪﯗ.

ﻣﻪﻥ: ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﻤﺎﯓ.

ﺷﯘ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ: «ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺑﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯔ» ﺩﯦﺪﻯ.

ﻣﻪﻥ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭘﻼ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻳﯜﮔﯜﺭﺩﯛﻡ. ﻛﯩﺮﺳﻪﻡ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺗﻪﺭﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻨﯩﯔ ﭼﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻣﻠﻪﭖ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﮪﯚﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﯖﯩﻜﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯜﺭﯨﺴﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯧﻜﯩﺮﮔﻪﻥ، ﺋﯩﭽﻰ ﺗﯩﺘﯩﻠﺪﺍﭘﻼ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ. 

ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ-ﺳﺎﯞﺍﻕ:

ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﭘﻼ ﻳﯜﺭﺩﯛﻡ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯧﯖﻪﻙ ﺋﺎﻏﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. 

ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﻣﯘﺟﯘﭖ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯗ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺭﯦﺘﯩﻤﻰ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﭼﯩﺶ ﻣﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯗ، ﻣﯜﺭﯨﺴﻰ ﺳﯩﺮﻗﯩﺮﺍﭖ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯗ، ﺋﯩﭽﻰ ﺗﯩﺘﯩﻠﺪﺍﻳﺪﯗ، ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯗ، ﻛﯚﭘﯩﺪﯗ، ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺗﻪﺭﻻﻳﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭﺩﺍ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻻﺯﯨﻢ.

2-ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ: ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭼﻮﯓ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺗﺎﺱ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

ﻣﻪﻥ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻤﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﻩﺭﮪﺎﻟﻼ ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﯩﻐﺎ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯦﻴﻪﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯩﺘﺮﻭ ﮔﻠﯩﺘﺴﯧﺮﯨﻦ ﺗﺎﺑﻠﯧﺘﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ.

ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻢ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ 3 ﺩﺍﻧﻪ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﯨﻨﻨﻰ ﭼﺎﻳﻨﺎﭖ ﻳﯘﺗﯘﺷﯩﻨﻰ، ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﻧﯩﺘﺮﻭ ﮔﻠﯩﺘﺴﯧﺮﯨﻦ ﺗﺎﺑﻠﯧﺘﻰ ﺷﯜﻣﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، 5 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﻤﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺩﺍﻣﻐﺎ ﻧﯩﺘﺮﻭ ﮔﻠﯩﺘﺴﯧﺮﯨﻦ ﺗﺎﺑﻠﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﻳﻪﻧﻪ 5 ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﯩﺘﺮﻭ ﮔﻠﯩﺘﺴﯧﺮﯨﻦ ﺗﺎﺑﻠﯧﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ.

ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺩﺍﺩﺍﻣﺪﯨﻜﻰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﺭﯨﻴﻪﻧﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺩﯨﯟﺍﺭﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﻧﯩﺘﺮﻭ ﮔﻠﯩﺘﺴﯧﺮﯨﻦ  ﺗﺎﺑﻠﯧﺘﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ.

ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯩﺘﺮﻭ ﮔﯩﻠﯩﺘﺴﯧﺮﯨﻨﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﯨﻤﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ:

ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﯨﻦ: ﻗﺎﻥ ﻧﻮﻛﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﻧﯩﺘﺮﻭ ﮔﯩﻠﯩﺘﺴﯧﺮﯨﻦ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. 

ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻧﯩﺘﺮﻭ ﮔﯩﻠﯩﺘﺴﯧﺮﯨﻦ ﻳﯧﺴﻪ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯗ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﮪﺎﻳﺎﺗﻘﺎ ﺧﻪﯞﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ-ﺳﺎﯞﺍﻕ:

ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺑﺎﺭﻻﺭﻣﯘ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

3-ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ: ﺳﻪﺯﮔﯜﮔﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ.

ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﭽﻰ ﺗﯩﺘﯩﻠﺪﺍﭖ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﻳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻤﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺪﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻪﻙ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﻩ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻟﯘﺵ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻛﯚﺯﻩﺗﺴﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ.

ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯧﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯩﺶ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻏﺎﻣﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻻﺭ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﺎ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ A ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺳﺎﻕ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.

ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯧﺴﺘﯩﺮﺍ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﭖ ﺑﯧﻘﯩﭗ 130 / 50 mmHg ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻨﻮﺭﻣﺎﻟﻠﯩﻘﺘﻪﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ﻛﺎﺭﺩﯨﻴﻮﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯩﺪﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ: «ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﻳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺴﯘﻥ» ﺩﯦﺪﻯ.

ﺑﯩﺰ ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻼ ﭼﻮﯓ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻧﯩﺪﯗﻕ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ. 

ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ-ﺳﺎﯞﺍﻕ:

ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯩﻠﻠﯩﺪﻯ: «ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ، ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯗ، ﮪﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﮪﻮﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﻪﻙ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩﻛﻜﯘﻝ ﻗﯩﭙﺴﯩﻠﻪﺭ».

ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻝ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﻳﻪﯕﮕﯩﻠﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﯩﺨﻪﺳﺘﻪﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﮪﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯜﭺ A ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻣﺒﯘﻻﺗﻮﺭﯨﻴﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ، ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﻧﯚﯞﻩﺗﭽﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﻟﺴﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﻮﯞﺍﻣﻤﯘ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯜﺭﯨﺴﻰ ﺳﯩﺮﻗﯩﺮﺍﭖ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﮪﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﻣﯘﺟﯘﭖ ﺋﺎﻏﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ.

4-ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ: ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ.

ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﺘﺎ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ.

ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ: ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟

ﻣﻪﻥ: ﻳﻮﻗﻘﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ.

ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ: ﺩﯨﻴﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟

ﻣﻪﻥ: ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻥ ﺷﯧﻜﯩﺮﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻐﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﯘ...

ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ: ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻤﯘ؟

ﻣﻪﻥ: ﮪﻪﺋﻪ، ﺑﺎﺭ.

ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ: ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟

ﻣﻪﻥ: ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ: ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﻳﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ؟

ﻣﻪﻥ: ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﻳﯧﮕﻪﻧﻤﯩﺪﯗ؟ ﻗﺎﻥ ﺷﯧﻜﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﻳﯧﮕﻪﻧﻤﯩﺪﯗ؟

ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ-ﺳﺎﯞﺍﻕ:

ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺵ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﯞﻩ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ.

5-ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ: ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻰ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ.

ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ، ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﮕﻪ ﺗﯩﺮﻩﻙ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﻰ، ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ.

ﻣﻪﻥ: ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﭼﻮﯓ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻳﻠﻰ.

ﺩﻭﺧﺘﯘﺭ: 120 ﻳﺎﻛﻰ 999 ﻏﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﯕﻼﺭ.

ﻣﻪﻥ 120ﮔﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ، ﺋﻮﺭﯗﻥ، ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ. 

120 ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ: ﺋﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﻳﻮﻕ. ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ 999ﻏﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ 120 ﮔﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﯔ.

ﻣﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ 999ﻏﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺑﺎﻳﯩﻘﻰ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﺪﯨﻢ. ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﯗﻣﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻣﻪﻥ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﯩﺪﯨﻢ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﻩﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﻤﻤﯘ ﺧﺎﺗﺎ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ.

ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ-ﺳﺎﯞﺍﻕ:

ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﻪﻙ ﺩﯙﺗﻠﯜﻙ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺳﯘﺩﻩﻙ ﻳﺎﺩﻻﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﯗﻣﻨﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. 

ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻰ ﺋﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﯞﯦﻠﯩﭗ، ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

1. ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ. ﺋﯩﺴﯩﻢ-ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ، ﻳﯧﺸﻰ (ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻻ، ﻳﺎﺵ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ)، ﺟﯩﻨﺴﻰ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ (ﮪﻮﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺶ، ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﻗﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺶ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﯞﻩ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﻮﻗﯘﺷﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ) ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ.

2. ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺩﯦﻴﯩﺶ. ﺋﯧﻨﻖ ﺋﺎﺩﺭﯦﺴﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺭﺍﻳﻮﻥ، ﻛﻮﭼﺎ، ﻗﻮﺭﻭ، ﺑﯩﻨﺎ، ﻛﻮﺭﭘﯘﺱ، ﺋﯩﺸﯩﻚ ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻼﺭﻧﻰ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﺍﻱ، ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺗﯧﺸﻰ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ.

ﺗﯩﺮﻩﻙ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ. 

ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮔﺮﻯ-ﺗﻮﻗﺎﻱ. ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﺎ-ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﻪﺷﺘﯘﻕ ﮪﻪﻡ ﻗﻮﺭﻗﺘﯘﻕ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻼ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﭖ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯘﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﭖ ﻳﻪﺗﺘﯘﻕ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر