يوتا سۆڭەك بېشى نېكروزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كالتسىي تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

يوتا سۆڭەك بېشى نېكروزلىنىش كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەل. ئۇنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار كۆپ بولۇپ، كىلىنىكىلىق كېسەل ئالامىتىنىڭ ئۆزگىرىشى كۆپ خىل. ئەگەر، ۋاقتىدا داۋالىمىسا، كېسەل تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشتا تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:

1. كالتسىي تولۇقلاش

يوتا سۆڭەك بېشى نېكروزلىنىشنى رېنتىگېن نۇرىدا بايقىغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلدە سۆڭەكنىڭ مىنېرال ماددا مىقدارى، كالتسىي مىقدارىدا ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ھەر كۈنى كالتسىينى يېتەرلىك قوبۇل قىلسا، سۆڭەكتىكى خورىغان مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ ئىچىدە سۈت ياسالمىلىرىدا كالتسىي مىقدارى ئەڭ مول، مەسىلەن، سۈت، قېتىق قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ تەركىبىدە كالتسىي ماددىسى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان مۇھىم مىنېرال ماددا فوسفور بار.

2. ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلارنى كۆپ ئىشلەتمەسلىك

بەزى كېسەللەرنى داۋالاشتا، بولۇپمۇ زىڭىلداپ، سىرقىراپ ئاغرىيدىغان كېسەللەرگە نىسبەتەن ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك ياكى ئاز ئىشلىتىش لازىم. كېسەلگە چوقۇم ھورمۇن ئىشلىتىش زۆرۈر بولسا(مەسىلەن، يۇقىرى قان بېسىم، زىيابىتۇس‹دىيابېت› كېسىلى، تېرە كېسەللىرى قاتارلىقلار)، قىسقا مەزگىل، مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىش پىرىنسىپىنى ئىگىلەش ھەمدە قان تومۇرنى كېڭەيتىدىغان دورىلار، ۋىتامىن D، كالتسىي دورىسى قاتارلىق يوتا سۆڭەك بېشى نېكروزلىنىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورىلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك. چوقۇم دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش، دورا مىقدارىنى ئۆزى بىلگەنچە ئۆزگەرتمەسلىك، ھورمۇن تۈرىدىكى دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

3. يانپاش سۆڭىكى زەخىملەنگەندە توغرا بىرتەرەپ قىلىش

يانپاش سۆڭىكى يارىلانغاندا ۋاقتىدا داۋالاش، يارا ياخشىلانمىغان ئەھۋالدا بەك كۆپ ماڭماسلىق كېرەك، بولمىسا يانپاش بوغۇملىرى تەكرار زەخىملىنىدۇ. يوتا سۆڭەك بوينى سۇنغان بولسا، ئىچكى قىسىمدىن چىڭ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك، بۇنىڭدا يوتا سۆڭەك بوينىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى، سۆڭەك نېكروزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن قەرەللىك تەكشۈرتۈش، مۇۋاپىق كالتسىي تولۇقلاش كېرەك.

4. دائىم چېنىقىپ، يانپاش بوغۇمىنى ئاسراش

دائىم چېنىقسا، يوتا سۆڭەك بېشى نېكروزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چېنىقىشتىن بۇرۇن بەدەن قىزىتىش، يانپاش، پۇت - قوللارنى ياخشى ھەرىكەتلەندۈرۈش لازىم. ماڭغاندا يىقىلىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىش، بولۇپمۇ قىشتا قارلىق يولدا ماڭغاندا تېيىلىپ يىقىلىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك.

5. بوغۇملار قايرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

يوتا سۆڭەك بېشى نېكروزلانغان بىمارلار يول ماڭغاندا يىقىلىپ كېتىش، پۇتىنى قايرىۋېلىشتىن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشى، تېيىلمايدىغان ئاياغ كىيىشى كېرەك.

6. ھاراقنى كۆپ ئىچمەسلىك

ھاراق بۇ خىل بىمارلارغا ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ئىمكانقەدەر ئىچمەسلىك كېرەك.

7. ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلماسلىق

مۈرىدە ئېغىر نەرسىلەرنى يۈدۈپ توشۇغاندا،يانپاش بوغۇمى تولغىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. يوتا سۆڭەك بېشى نېكروزلانغان بىمارلار ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلماسلىقى، ئەمگەك قىلغاندا يەرنىڭ تۈز بولۇشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر