ئۆت ياللۇغى، ئۆت تېشى بارلار نېمىشقا تۇخۇم يېسە بولمايدۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئادەتتە مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئۆت ياللۇغىغا ئوڭاي گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ئۆتىگە تاش چۈشكەن كىشىلەر تېخىمۇ شۇنداق. ئۆت ياللۇغى ياكى ئۆتىدە تاش بار كىشىلەرنىڭ تۇخۇم يېسە بولمايدىغانلىقىنى كۆپىنچىمىز بىلىشىمىز مۇمكىن، ئەمما زادى نېمە ئۈچۈن تۇخۇم يېسە بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ كېتىشىمىز ناتايىن. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تۆۋەندە سىزگە بۇ ھەقتە قىسقىچە ساۋات سۆزلەپ بېرىدۇ. خالىسىڭىز دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ، باشقىلارغىمۇ تارقىتىپ قويۇڭ.

تۇخۇم خولېستېرىن تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىك بولغاچقا، كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، خولېستېرىنلىق تاش پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تۇخۇم ئىستېمال قىلىنغاندىن كېيىن ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق پارچىلىنىپ ھەزىم قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۆت خالتىسىنىڭ تارىيىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى قوزغىتىدۇ-دە، ئەسلىدە بار بولغان ئۆي ياللۇغىنى قايتا قوزغايدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۆت ياللۇغى قوزغالغان چاغدا، تۇخۇم ئۆت خالتىسىنىڭ تارىيىشىنى ۋە شۇ سەۋەبتىن ئاغرىشىنى ھەتتا ئۆت خالتىسىدىكى تاشنىڭ ئۆت كانىلىغا كەپلىشىپ ئاغرىشىنى ياكى ئۆت غول كانىلىنى توسۇپ قۇيۇپ، ئاغرىش، قىزىش، سېرىقلىق چۈشۈشكە ئوخشاش ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئۆتىگە تاش چۈشكەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى تۇخۇم، بولۇپمۇ مايدا قورۇلغان تۇخۇم ۋە تەركىبىدە ماي مىقدارى يۇقىرى بولغان گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقنى ياكى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىشنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئۆتكە تاش چۈشكەن كىشىلەر يېمەك-ئىچمەكتە يەنە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟
ئۆتكە تاش چۈشكەندە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورىلىق داۋالاش قىلغاندىن سىرت، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئىلمىي بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، بولۇپمۇ ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەۋسىيە قىلغان يەتتە زۆرۈر ۋە بەش پەرھىزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.

يەتتە زۆرۈر:
1. تەركىبىدە ۋىتامىن ئا كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش زۆرۈر. مەسىلەن يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، سەۋزە، شوخلا، يېسسىۋېلەك-بەسەي، بانان، ئالما قاتارلىق مېۋىلەر.
2. سەي قورۇغاندا ئۆسۈملۈك مېيىنى ئىشلىتىش زۆرۈر. مەسىلەن، زەيتۇن مېيى.
3. قارا گۆش يەنى ئورۇق گۆش، توخۇ، بېلىق، ياڭاق، قارا مور، خەيدەي، قىزىل دېڭىز يۈسۈنى يەنى زىسەي قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش زۆرۈر.
4. ئۆت يولىنى راۋانلاشتۇرغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش زۆرۈر. مەسىلەن، دولانا، قارا ئۆرۈك، كۆممىقوناق ساقىلى قاتارلىقلارنى چايغا دەملەپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
5. جەزمەن ھەر كۈنى ناشتا قىلىش زۆرۈر. ئاشقازاننىڭ قورۇق تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولماسلىقى كېرەك.
6. جەزمەن دائىم ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش، قەۋزىيەتتىن ساقلىنىش زۆرۈر.
7. جەزمەن ئورۇقلاش زۆرۈر.

بەش پەرھىز
1. تەركىبىدە خولېستېرىن مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتماق لازىم. مەسىلەن، ھايۋانلارنىڭ يۈرىكى، جىگىرى، مېڭىسى، ئۈچىيى ۋە تۇخۇم سېرىقى، ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم، بېلىق تۇخۇمى، شاكىلات قاتارلىقلار.
2. تەركىبىدە ماي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتماق لازىم. مەسىلەن، مايلىق گۆش، ھايۋانات مېيى، مايدا قورۇلغان يېمەكلىكلەر، تورت قاتارلىقلار.
3. زىيادە تويۇنۇپ يەپ ئىچىشتىن پەرھىز تۇتماق لازىم. بولۇپمۇ ھېيت-بايرام، يېقىن-يورۇقلار بىلەن جەم بولغاندا تويۇپ كەتكۈچە يەپ ئىچىشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم. بولمىسا، ئۆت جىددىي تارىيىپ، ئۆت ياللۇغىنى قوزغايدۇ ياكى تاش ئۆت يولىغا كەپلىشىپ قالىدىغان كۈتمىگەن ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالىدۇ.
4. مۇچ، قارىمۇچقا ئوخشاش ئاچچىق-چۈچۈك، غىدىقلىغۇچى تەم خۇرۇچلىرىدىن پەرھىز قىلماق لازىم.
5. ھاراق، تاماكا، قەھۋە قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتماق لازىم. بۇلارمۇ ئوخشاشلا ئۆتنى غىدىقلاپ كۈچلۈك تارىيىشىنى پەيدا قىلىپ، ئۆت يولى ئېغىزىدىكى مۇسكۇلنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئاجرىلىپ چىقىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ئۆت ئاغرىقى ۋە تاش كەپلەشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر