يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغالغاندا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرى زورلاپ يۆتىلىپ بەرسە، يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىش ۋە ھوشىنى يوقىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

ياشانغانلار، بولۇپمۇ ياشانغان يۈرەك، قان تومۇر ئاغرىقلىرى، بۆرەك، قان تومۇرى ساغلام بولمىغانلاردا ئورنىدىن تۇرغاندا قان بېسىمى تۆۋەنلەپ، مېڭىدە قان يېتىشمەي ھوشىدىن كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئورنىدىن تۇرغاندا ئالدى بىلەن يېتەرلىك نەپەس ئېلىش، ئاندىن كۈچەپ بىر نەچچە قېتىم يۆتىلىۋېتىش كېرەككەن. بۇنداق قىلغاندا، ھوشىدىن كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
يۆتەلگەندە، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يۈرەككە ئېقىپ كىرىپ تەۋرىنىشى نەتىجىسىدە، يۈرەكنىڭ تارىيىشى تېزلىشىدىكەن. يۈرەك تارايغاندا قان بېسىمى 50–80 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى ئۆرلەيدىكەن. بۇ چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشىگە پايدىلىق ئىكەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر