سىزدە قان ئازلىقى بارمۇ؟ بۇ 3 جايغا قاراپ بىلىۋېلىڭ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻠﯘﻕ, ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ  ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺗﯧﮕﻰ-ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ, ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻗﺎﻥ-ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ  ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ. ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪ. ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﻩ  ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ.

ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻳﺎﻛﻰ  ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﮬﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

 

1.ﻛﯚﺯﮔﻪ  ﻗﺎﺭﺍﺵ.

ﻛﯚﺯﻧﯩﯔ  ﺭﻩﯓ ﻧﯘﺭﻯ ﯞﻩ ﺳﯜﺯﯛﻛﻠﯜﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ.ﻛﯚﺯ ﺳﯜﺯﯛﻙ,ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ, ﺭﻭﮬﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ, ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﯞﯞﯨﺘﻰ  ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯚﺯ ﺋﯧﻘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﯕﮕﻰ ﺩﯗﻏﺴﯩﻤﺎﻥ, ﺳﺎﺭﻏﯘﭺ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﯩﮕﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ  ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ; ﻛﯚﺯ ﺋﯧﻘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﯞﻩ ﺋﯚﭘﻜﻪ  ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﯨﭻ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ  ﻗﯩﻠﺪﺍﻡ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯚﭘﻜﻪ  ﻳﺎﻛﻰ ﭼﻮﯓ ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ. ﻛﯚﺯ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﺵ  ﺗﺎﻝ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ. ﻛﯚﺯﻯ ﻗﯘﺭﯗﺵ, ﻛﯚﺯ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﺷﻤﯘ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯﻟﯩﻘﻨﯩﯔ  ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺑﻪﻟﺒﺎﻍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻥ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ.

2. ﻗﻮﻟﻐﺎ  ﻗﺎﺭﺍﺵ.

ﻗﻮﻟﻨﯩﯔ  ﺗﯧﻤﭙﯧﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﻗﺎﻥ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ  ﻗﻮﻝ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﻮﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻪﺭ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﺯﻻﭖ  ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﻥ ﻳﯩﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﻮﻝ ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ  ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻰ ﻧﯩﭙﯩﺰ, ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ.  ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺋﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﻼﺳﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻥ ﯞﻩ  ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ  ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.

3. ﭼﺎﭼﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ.

ﭼﺎﭼﺘﯩﻨﻤﯘ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻨﯩﯔ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ  ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ  ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ. ﻗﺎﻥ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﭼﺎﭺ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ  ﺑﯩﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﭺ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﯘﻣﺮﺍﻥ, ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﭼﺎﭺ ﯞﻩ  ﺗﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻗﺎﻥ ,ﺟﯩﮕﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﯨﭻ  ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ. ﻗﺎﻥ ﭼﺎﭺ ﯞﻩ ﺗﯜﻛﻨﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ  ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﻰ, ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺗﯧﺮﻩ ﯞﻩ ﺗﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ  ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﯞﯞﻩﺕ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﺎﭼﻤﯘ  ﻗﻮﻳﯘﻕ,ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺋﺎﺯ, ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﺎﭺ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ, ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﻛﯚﭖ  ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر