ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﻼﺭ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

مەنبە:نۇرتورى

ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺳﯧﺰﯨﻤﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ

ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﮪﺎﺟﻪﺗﺴﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﻗﺎﺭﺍﺵ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ-ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ-ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ. ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﭼﻘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻐﺎ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ-ﺩﻩ، ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻻﻣﻪﺕ ﺳﯧﺰﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﺩﺍ ﺯﻩﺧﯩﻤﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻛﯚﺭﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ، ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺳﯧﺰﯨﻤﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭘﻪﺭﻩﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﮪﻪﺭ ﮪﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﻛﻪﻡ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﻟﭽﻪﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻼﺷﺴﯩﻼ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ

ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﺸﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ، ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ، ﺑﯚﺭﻩﻛﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺯﻯ ﮪﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺳﻪﻛﺘﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺕ ﭘﯩﻠﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﯘﻝ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﯨﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻻ ﺩﻭﺭﺍ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﻭﺭﺍ ﻛﯧﻤﻪﻳﺘﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ

ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻤﻪﻱ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻭﺭﯨﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﻪﻳﺪﯗ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﻼﻧﺪﯨﻜﻰ «ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺭﺍ» ﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺭﯨﯖﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺩﻭﺭﺍ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﻪ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﺭ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ، ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺶ ﺧﺎﮪﯩﺸﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﭖ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺩﻩﺭﮪﺎﻟﻼ ﺷﯘ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻳﻪﭖ ﺑﺎﻗﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ.

ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﻛﯚﻧﯜﯞﺍﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ

ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺩﻭﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﺎﺗﺎﻻ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﻧﯜﯞﯦﻠﯩﺶ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ-ﺑﯩﻠﯩﭗ-ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯘﺭ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﻪﻳﻤﻪﻥ ﺩﯦﺴﻪﻙ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ-ﺩﻩ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﺋﯚﺯﯛﯕﮕﻪ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻩﺵ

ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ «ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﺋﯜﻟﯜﺷﻰ ﺯﻩﮪﻪﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﭼﯩﻨﭙﯜﺗﯩﺪﯗ. ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﯩﻐﯘ ﺷﯘ ﮪﺎﻣﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ.

ﺩﻭﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻳﯧﻨﯩﻚ، ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻮﻣﻮﻣﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﻠﯩﻤﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘ ﮪﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻗﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰﻻ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ.

ﺩﻭﺭﯨﻐﯩﻼ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺵ

ﺑﻪﺯﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﭽﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻪﺭﺳﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺶ، ﺑﻪﻙ ﺗﯘﺯﻟﯘﻕ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﺎﻥ-ﺗﻮﻣﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻙ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ. ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ

ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻏﻪﺭﺑﭽﻪ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﭼﻮﯓ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺷﯘ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻨﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻏﻪﺭﺑﭽﻪ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺩﺍﯞﺭﺍﯓ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﺋﻪﺳﯟﺍﺑﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﻳﻮﻕ. ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.

ﻣﻪﻟﯘﻡ ﮪﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺷﯩﭙﺎ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻴﺎﻻﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ

ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺩﯨﻴﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯧﻼﻧﻼﺭﺩﺍ، ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻥ-ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻰ، ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﮪﺴﯘﻻﺗﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﺎﻻﻳﺪﯗ، ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ: ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪ ﺩﻭﺭﺍ، ﻧﻪ ﺋﻪﺳﯟﺍﺏ ﻳﻮﻕ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺭﯗﻥ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻨﻪﺯﻩﺭ، ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﺎﺧﺘﺎ. ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯛﺵ، ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﮪﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﮔﯩﺮﺩﺍﺑﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﯩﺰ «ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ» ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻮﻣﯘﺳﺴﯩﺰﻻﺭﺩﯗﺭ!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر