تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى بىلەن تونۇشۇش

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/01/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بىر خىل دائىم ئۇچرايدىغان، كۆپ پەيدا بولىدىغان كېسەللىك. تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قىسقارتىلىپ ئېيتىلىشى بولۇپ، تېبابەت كەسپىدىن خەۋىرى يوقلار بۇنىڭ مەنىسىنى ئاسانلىقچە چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ، شۇڭا بىز ئالدى بىلەن مۇشۇ ھەقتە توختىلىمىز.

 

تاجىسىمان ئارتېرىيە يۈرەكنىڭ ئۈستى قىسمىدىكى يۈرەككە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر خىل ئاساسلىق قان تومۇر، ئادەتتە ئارتېرىيەلىك ئىچكى دىۋارى ئىنتايىن سىلىق بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ نامۇۋاپىق ئوزۇقلىنىشى سەۋەبىدىن، قاندىكى قان پلازمىسىلىق ياغ ئاقسىلى كۆپىيىپ، ئارتېرىيەنىڭ ئىچكى پوستلاق ھۈجەيرىسى زەخىملەنگەن ياكى ئۆتكۈزۈشچانلىقى كۈچەيگەن ئەھۋالدا ئارتېرىيەنىڭ ئىچكى پەردىسىگە كىرىپ، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بوتقىسىمان داغلارنى ھاسىل قىلىپ، ئاخىر بېرىپ ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرىنىڭ ئارتېرىيەسى ئىچىدە پەيدا بولۇپ، ھەرقايسى ئەزالارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەكتە كۆرۈلىدىغان تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ ۋە كېسەللىك ئەھۋالىمۇ ئەڭ ئېغىر ئۆتىدۇ. چۈنكى، تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ ئىچىدە بوتقىسىمان داغلار شەكىللەنگەن ھامان تاجىسىمان ئارتېرىيە تارىيىۋېلىپ قان راۋان ئاقالمىغاچقا، يۈرەككە يېتەرلىك دەرىجىدە قان ۋە ئوكسىگېن يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ، مۇشۇ سەۋەبتىن پەيدا بولغان يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەر تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغاندا، تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ سپازمىلىنىشى سەۋەبلىك تولۇق توسۇلۇش پەيدا بولۇپ، ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر