سىزدە قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىشگە نىسبەتەن چۈشەنچە بارمۇ؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/01/29 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا02

  قاندىكى ماي ھەققىدە ئاساسىي چۈشەنچە 

   كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ يېڭىچە تۇرمۇش شەكىللىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. كىشىلەر نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتمەكتە. قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكى دەل شۇلارنىڭ بىر خىلى. بىز ئېيتىۋاتقان قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكى ھەر خىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان قاندىكى خولېستېرىن بىلەن ترى گىلىتسېرىد مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىش كېسەللىكىدۇر.

   ئۇنداقتا خولېستېرىن ۋە ترى گىلىتسېرىد دېگەن نېمە؟
   بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن قاندىكى ماي بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
 
قاندىكى ماي دېگىنىمىز ئادەم ئورگانىزمنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى ماي ماددىسىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇ ئاساسەن ماي (ترى گىلىتسېرىد) ۋە لىپوئىدلار (خولېستېرىن، سېتروئىد، گىلىكولىپىد، فوسفاتىد) دىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ترى گىلىتسېرىد ( TG) بىلەن خولېستېرىن ( TC) لار قاندىكى ماينىڭ ئاساسلىق تەركىبى ھېسابلىنىدۇ. ترى گىلىتسېرىد بىلەن خولېستېرىن سۇدا ئېرىمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، قاندا ئايلىنىش جەريانىدا ئۇلار چوقۇم قاندىكى ئاقسىل ۋە باشقا لىپوئىدلار ( مەسىلەن، فوسفاتىد ) بىلەن بىرلىشىپ « ياغ ئاقسىلى » دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل شارسىمان مونەكچىلەرنى پەيدا قىلغاندىلا ئاندىن نورمال فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. شۇڭلاشقا ترى گىلىتسېرىد بىلەن خولېستېرىن  مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى كۆپ ھاللاردا قاندىكى مەلۇم تۈردىكى ياغ ئاقسىلنىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. مانا بۇلار قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىدۇر.
 
   ترى گىلىتسېرىد بىلەن خولېستېرىن بەدىنىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددا. مەسىلەن، ترى گىلىتسېرىد بىزنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتىمىزنى نۇرغۇن كېرەكلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىسە، خولېستېرىن بەدىنىمىزدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ بىيولوگىيەلىك پەردىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەر خىل ھورمۇنلار بىلەن ۋىتامىن نىڭ بىرىكىشىدىكى مۇھىم تەركىبتۇر. لېكىن، ئۇلارنىڭ مىقدارى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كەتسە، قاننىڭ قويۇقلىشىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىپ، قان سۇيۇقلۇقى قان تومۇر دىۋارىغا چۆكۈۋېلىپ، ئاستا- ئاستا كىچىك « مونەكچە » يەرنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ بىز ئادەتتە ئېيتىپ كېلىۋاتقان « ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى » بولۇپ، بۇ كىچىك مونەكچىلەرنىڭ كۆپىيىشى، چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قان تومۇرلار تەدرىجىي توسۇلۇپ قېلىپ، قاننىڭ ئايلىنىشى ئاستىلاپ، ئېغىر بولغاندا قان ئايلىنىش توختاپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال مۇبادا يۈرەكتە كۆرۈلسە تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى، مېڭىدە كۆرۈلسە مېڭە سەكتىسى، كۆز ئاستى قان تومۇرلاردا كۆرۈلسە كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى، ھەتتا ئەمالىقنى، ئەگەر بۆرەكتە كۆرۈلسە بۆرەك ئارتېرىيە قان تومۇرىنىڭ قېتىشىنى، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ زەئىپلىشىشنى، مۇبادا پۇتتا كۆرۈلسە پۇتنىڭ نىكروزلىنىشى، يىرىڭلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش يەنە قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى، بۆرەككە تاش چۈشۈشنى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، جىگەر ياللۇغىنى كۈچەيتىۋېتىشى، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىشى، ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يېقىنقى تەتقىقاتلار قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىشنىڭ راكنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكى كۆپىنچە ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلاردا پەيدا بولىدۇ، لېكىن ھازىر بالىلار ۋە ياشلار- ئۆسمۈرلەردىمۇ كۆرۈلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بېرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەردە بالىلار ياغ تەركىبى كۆپ يېمەك- ئىچمەكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاچقا، ياشلار- ئۆسمۈرلەردە قاندا ماي كۆپىيىپ ئېتىش كېسەللىكنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاشماقتا. شۇڭا، بۇ كېسەللىك بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىماقتا.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر