يۈرەك رىتىمسىزلىقىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسىنى بىلەمسىز؟

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/01/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 يۈرەك رىتىمسىزلىقى دېگەن نېمە؟ 

   يۈرەكنىڭ قوزغىلىشى سىنۇس دالانچە تۈگۈنچىدىن باشلىنىپ، تەرتىپى بويىچە يۈرەك دالانچىسى، دالانچە-قېرىنچە تۇتىشىدىغان ئورنى، دالانچە-قېرىنچە تۇتىشىدىغان ئورنى، دالانچە-قېرىنچە تۇتامى، ئوڭ-سول تۇتام تارمىقى ھەمدە پۇركىنيې تالاسى ۋە يۈرەك قېرىنچە مۇسكۇلىغا يېتىپ بېرىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنى تولۇق قوزغىتىدۇ. قوزغىلىشنىڭ پەيدا بولۇشى ياكى يەتكۈزۈلۈشىدە نورمالسىزلىق يۈز بەرگەندە، يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتى ۋە رىتىمى قالايمىقانلىشىدۇ، مانا بۇ يۈرەك رىتىمسىزلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. 
 
 
يۈرەك رىتىمسىزلىقىنىڭ قانداق كىلىنىكىلىق ئىپادىسى بار؟ 
 
   كۆپ ساندىكى يۈرەك رىتىمسىزلىقلىرىدە ھېچقانداق كىلىنىكىلىق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ، پەقەت بەدەننى تەكشۈرگەندە بايقىغىلى بولىدۇ. ئەمما، بەزى ئېغىر يۈرەك رىتىمسىزلىقلىرىدە دائىم تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ: 
1) يۈرەك رىتىمسىزلىقى قان ئايلىنىشنى نورمالسىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. يۈرەك رىتىمسىزلەشكەندە يۈرەك دالانچىسى، يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قىسقىرىش تەرتىپىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، يۈرەك سىقىپ چىقىرىدىغان قان مىقدارى %30 ئەتراپىدا تۆۋەنلەپ، بىمارلاردا يۈرەك سېلىش، كۆكرەك چىڭقىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 
2) يۈرەك رىتىمسىزلىقى ئېغىرراق بولغاندا سىنۇسلۇق يۈرەك سوقۇشتىن توختايدۇ، سىنۇس دالانچە توسۇلۇپ قالىدۇ ۋە يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاپ كېتىدۇ. يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە ئاستىلاش-زىيادە تېزلىشى يىغىندى ئالامىتى ( تېز-ئاستا يىغىندى ئالامىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) سەۋەبىدىن بىمارلاردا كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش ئايلىنىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
3) يۈرەك رىتىمسىزلىقى تۇيۇقسىز ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئامىل-يۈرەك رىتىمسىزلىقى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ زىيادە تېزلىشىشى، قېرىنچىنىڭ تىترىشى ۋە ئۆتكۈزۈش توسۇلۇشتىن كېلىپ چىققان تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر